ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ۋاڭ لۇۋېي

    ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەندە، كەنتكە ئالاھىدە بىر مېھمان كەلدى. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيۇنېرى، دوتسېنت ھۇمايرا ئابدۇللا بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ‹‹ئۈچ ئەل››خىزمىتى بويىچە قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەن ئوغلى دىلشات ئىسرائىلنى يوقلاپ كەلگەنىدى.

    ھۇمايرا ئابدۇللانى ئوغلىنى يوقلاپ كەلدى، دېگەندىن كۆرە، ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللاش ئۈچۈن كەلدى، دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. چۈنكى كېسەللىككە قارشى 30 يىلغا يېقىن كۈرەش قىلىپ، ئۆلۈم ئاغزىدىن ئۈچ قېتىم قايتىپ كەلگەن بۇ ئانا كەنتتە تۇرغان ئون كۈندە ئوغلى بىلەن ئولتۇرۇپ بىرەر سائەتمۇ مۇڭدىشالمىدى، ئۇ بىر پىدائىي تەشۋىقاتچىدەك، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چۈشكەن تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق كەنتلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ يەردىكى قىز – ئاياللارغا تۈرلۈك مەزمۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.

    ھاياتىنىڭ 30 يىلغا يېقىن مۇساپىسىنى كېسەللىككە قارشى كۈرەش قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى كېسەل سەۋەبىدىن دەرس مۇنبىرىدىن ئۆزى خالىماي ئايرىلغان بولغاچقا، ماڭغۇدەك ماجالى بولسىلا، بىلىدىغانلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغۇسى كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاياللار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى بولۇپ، دائىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىقى، قەيسەرلىكى ئەتراپىدىكى ھەر بىرەيلەنگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

    ئاپتاپ كەبى ئىللىق كۈلۈمسىرەپلا يۈرۈيدىغان بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇدەك بەھر ئېلىپ، سەيلە – ساياھەت قىلىش، ئوغلى بىلەن ھال – مۇڭ قىلىشنىڭ ئورنىغا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيان – بۇيان قاتراپ يۈرۈپ، ‹‹نىكاھقا توغرا مۇئامىلە قىلىش››، ‹‹ئەر – خوتۇنلار ئىناق ئۆتۈش››، ‹‹ ۋاپادار خوتۇن››، ‹‹لاياقەتلىك ئانا بولۇش››، ‹‹ئاياللار ئائىلىدىكى ئورنىنى قانداق تېپىش››، ‹‹دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى››نىڭ تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلۇش، پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلاردا دېھقان ئاياللارغا ئاممىباب، چۈشىنىشلىك قىلىپ سەككىز مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇنىڭ شېئىر بىلەن باشلىنىپ، ناخشا بىلەن ئاخىرلىشىدىغان لېكسىيەلىرى دېھقان ئاياللىرىنىڭ قەلب تارىنى چەكتى. ئۇ قىزغىن، كۆتۈرەڭگۈ روھى، ئۆزگىچە تۇرمۇش ۋە گۈزەللىك قارىشى، كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدىكى قەيسەرلىكى بىلەن كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

    ھۇمايرا ئابدۇللا لېكسىيەدىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار تۆت ئائىلىدىن ھال سورىدى، ئاجىز – مېيىپلەرنى، ئېغىر ئاغرىقلارنى يوقلاپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئۆزىدەك قەيسەر – ئۈمىدۋار بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ يەنە ئوغلىنىڭ ھەمراھلىقىدا بازارلىق ساناتورىيەگە بېرىپ، ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلارغا كىيىم – كېچەك ئاپىرىپ بەردى. ئۇلار بىلەن ئۇزاقتىن – ئۇزاق مۇڭدىشىپ، ئۇلارغا ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتنى، ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.

    بۇ قېتىمقى كەنت سەپىرىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، دېدى ھۇمايرا ئابدۇللا، كەنتكە چۈشكەن كادىرلىرىمىزنىڭ شۇنداق جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدىن ئوغلۇم ئىككىمىز تۈزۈكرەكمۇ ئەھۋاللىشالمىدۇق. پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر چۈشكەن كەنتلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەپ، بىلىدىغانلىرىمنى ئاممىغا يەتكۈزدۈم. مېنىڭچە، ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتىنى قوللاش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى