ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئوقۇش ياردەم پۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ئاچقان يېرىگە›› باردى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13- كۈنى 08:36   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مەڭلىك ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمىتى بويىچە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق ئېغىرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كورلا شەھىرىدىكى ‹‹يۈەنجىڭ›› گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ‹‹چىن رۇيياۋ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى›› نى ماسلاشتۇرۇپ، كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 30 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن 150 مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا مەدەت بەردى.

    ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئابباسجان تۇرسۇن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچقا، بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى غەملەشتە قىينىلىپ قالغانىدۇق، كەنتىمىزگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ‹‹چىن رۇيياۋ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش فوندى›› 5000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى. ئۇلارنىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت. ئەمدى خاتىرجەم ئوقۇيالايدىغان بولدۇم، چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى