ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

مەرىپەت بېغىدىكى ھارماس پەرۋىشكار

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 22- كۈنى 02:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

    ئايشەمگۈل جاپپار

    ـ مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز؟ مەن بالامنى مەكتەپكە تىزىملىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم.

    ـ بولىدۇ، ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ.

    خاپا بولماي بالامنى مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا تىزىملىتىپ قويسىڭىز.

    ـ مەنمۇ بالامنى مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا تىزىملىتاي دېگەنىدىم.

    ـ مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ سىنىپى توشۇپ كەتتى، باشقا سىنىپقا تىزىملىتىڭلار.

    ـ بالامنى مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇتقۇم بار ئىدى. چۈنكى تۇنجى بالامنى مۇنەۋۋەر مۇئەللىم ئوقۇتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنەۋۋەر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى بەك ياخشى چىقىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆيۈنىدۇ...

    مانا بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر مۇھەممەت مۇئەللىم توغرىسىدا بولۇنۋاتقان ئاتا – ئانىلارنىڭ سۆھبىتى.

    مەن ئىلگىرى مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ تەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم ئۇ ئوقۇتقۇچىنى زىيارەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەنىدىم. يۇقىرىقى گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭىغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە مەكتەپكە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلدىم.

    ـ تىلغا ئالغۇدەك كۆپ نەتىجەم يوق. مەن پەقەت ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم، ـ دېدى مۇنەۋۋەر مۇئەللىم كېلىش مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن قىزغىنلىق بىلەن.

    ـ ئاڭلىسام ھەممەيلەن سىزنى بەك ئەستايىدىل ھەم مەسئۇلىيەتچان دەپ تەرىپلىشىدىكەن. يەنە تېخى ساۋات چىقىرىشتىمۇ نەتىجىڭىز ئالاھىدە ئىكەن. سىز دەرس بەرگەن سىنىپلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ساۋات چىقىرىش نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ـ دېدىممەن.

    ـ بۇ نەتىجىلەر ئەلۋەتتە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مېنى قوللىشى، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ تىرىشچانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكتىپ ماسلاشقانلىقىدىن بولغان ، ـ دېدى ئۇ سالماقلىق بىلەن.

    ـ مەن 1986-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتكۈزۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم. كېلىپلا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەدەبىيات دەرس بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئىنتىزام، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، كىتاب – دەپتەرلەرنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇش، شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بەردىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېكايە، چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ دەرسنى قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك سۆزلىدىم. قەغەزدىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساپ ئۇلارنى جانلىق تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈردۇم. يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشتا ھەرپ ئۆگىنىشنى ئويۇنغا بىرلەشتۈرۈپ ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىپ جانلىق ئۈتۈشكە تىرىشتىم. ئۇلارنىڭ كۆپ كۆرۈش، كۆپ يېزىش، كۆپ ئاڭلاشنى چىڭ تۇتتۇم. نەتىجىدە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى مەۋسۇمدىلا ساۋاتى تولۇق چىقىپ كىتاب ۋە گېزىتلەرنى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىپ ئاتا – ئانىلار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    ـ سىز يەنە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئىزچىل ئىشلەپ كېلىۋېتىپسىز. مۇشۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، - دېدىم مەن زىيارىتىمنى داۋاملاشتۇرۇپ.

    ـ مەن خىزمەتكە چىققان 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ، ھازىرغىچە ئالتە قارار سىنىپ تۇتتۇم. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەش، بالىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىنى بالىلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئەركىن – ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىپ ئۇلارنى تەپەككۇرغا ئۈندەيدىغان، ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان تاپشۇرۇقلارنى كۆپرەك بەردىم. بەزى چاغلاردا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكۈزۈپ ئۇلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىم. تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندە ئوخشىمىغان باھا سۆزى يېزىش، رەسىملىك قونچاقلارنى چاپلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇدۇم. مەن يەنە سىنىپتا «ۋەتىنىمنى سۆيىمەن»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى»، «پەزىلەتلىك ئۆسمۈرلەردىن بولايلى»، «تېجەشلىك بولۇش ئېسل پەزىلەت» قاتارلىق ئەترەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلاردا سەمىمىي، راستچىل، تېجەشلىك بولۇش، ئانا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئەدەب – ئەخلاقلىق بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈم.

    «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دېگەندەك مۇنەۋۋەر مۇئەللىم ئەجرىگە يارىشا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە نائىل بوپتۇ. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ھازىرغىچە مەكتەپ، رايون ۋە شەھەر بويىچە كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «مۇنەۋۋەر تەربىيەچى»، «ئۈلگىلىك سىنىپ مەسئۇلى»، «تايانچ ئوقۇتقۇچى» قاتارلىق ناملار بىلەن تەقدىرلىنىپتۇ.

    مەن مۇنەۋۋەر مۇئەللىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ئۆزىنى كەسىپكە، تەلمۈرۈپ تۇرغان قارا كۆزلەرگە بېغىشلاش روھى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش يولىدىكى ھەسەل ھەرىسىدەك تىنمىسىز روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم ۋە بۇ تۆھپىكار باغۋەننىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسىگە بەخت، ئامەت تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى