ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ‹‹دەرس تولۇقلاشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› غا خىلاپلىق قىلسا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 22- كۈنى 02:47   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى ھەمدە ئۆكتەبىر بايراملىق دەم ئېلىش 2015-يىلى بىرلا ۋاقىتتا كېلىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇنراق دەم ئېلىشقا ناھايىتى ئىنتىزار بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ 14-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بايرام مەزگىلىدە خالىغانچە يىغىپ دەرس تولۇقلىسا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار يەرلىك مائارىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ نازارەت قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش باشقارمىسى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەرتىپكە خىلاپ ھالدا دەرس تولۇقلىغانلارنى چەكلەش ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغان بىر تۈرلۈك خىزمەت بولۇپ، بىرى بايقالغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن دەرس تولۇقلىماقچى بولغانلارمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن تولۇقلايدىكەن.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى