ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

سەبىيلەر قەلبىنى سۆيۈندۈرگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 22- كۈنى 02:44   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇيەسسەر ئاباھامىت

    ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى تۈر مەبلىغى بىلەن قوللىغان ‹‹مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى ئارزۇ›› تېمىسىدىكى بەش كۈنلۈك يازلىق لاگېر پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كەلگەن ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 47 ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈردى.

    شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىدە 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى باشلانغان بۇ بەش كۈنلۈك يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى 8 – ئارمىيە ئىش باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ‹‹دىۋاڭ 8 – ئارام ئېلىش كۈنى›› بالىلار كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسى، سانجى دىنازاۋۇر مۇزېيى، ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى، تۇرپان كارىز ساياھەت رايونى، ئىدىقۇت تېغى، پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ باغچىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى؛ يىپەك يولىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن زېھىن سىناش، ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. ئۇلار يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم قاتناش بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئە باش تىما قىلىنغان ‹‹دادا نەگە بارىمىز؟›› تېمىسىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى قاتنىشىدىغان ئويۇنلار ۋە ‹‹مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن›› تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

    شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مېھرىگۈل ھاجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى ئارزۇ›› پائالىيىتى جۇڭگو بالىلار تەرەققىيات مەركىزى يولغا قويغان ‹‹قەلبىمدە ۋەتەن، قەلبىمدە باشقىلار بار›› تېمىسىدىكى تەلىم – تەربىيە پائالىيىتى ئاساسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن. شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزى 2006 – يىلىدىن بۇيان مۇشۇ پائالىيەت ئاساسىدا ‹‹نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئىناق ئائىلە قۇرايلى›› پائالىيىتى، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان قىشلىق لاگېر پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 100 كىچىك ئەلچىنىڭ پايتەختكە بېرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پائالىيىتى، ‹‹بالىلار قەلبىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەيلى›› پائالىيىتى قاتارلىق 60 نەچچە تەلىم – تەربىيە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 2015 – يىلى 3 – ئايدا شىنجاڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزى جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 94 كەنتتە ‹‹بالىلار شادلىق باغچىسى›› قۇرغان. بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەنتلەردە قۇرۇلغان ‹‹بالىلار شادلىق باغچىسى›› دىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.

    كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقوغۇچىسى بۇخەلچەم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم، تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دوستلار بىلەن تونۇشۇش ھەم ياخشى جايلاردا بىللە ئويناش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، نۇرغۇن ئېسىل جايلارنى كۆرۈپ شىنجاڭنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەللىكىنى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 8 – ئارمىيە ئىش باشقارمىسىنى كۆرۈپ شىنجاڭنىڭ تارىخىنى، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندىم. يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن، تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى