ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - پەن ۋە مائارىپ

‹‹قەيەر ماڭا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىمەن››

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 22- كۈنى 02:43   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    تەھرىر ئىلاۋىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا شىنجاڭدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان، كەسىپتە پىشقان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئوقۇتقۇچى بولۇشقا چاقىردى. 10 – سېنتەبىر 31 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئوقۇرمەنلەرگە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلىنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېىپىدە تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. 

    باي ناھىيەسى قىزىل يېزىسى جىگدىلىك كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇراپ ياسىن توغرىسىدا

    ‹‹جۇڭگو مائارىپ گېزىتى›› مۇخبىرى جياڭ فۇئېر

    تۇراپ ياسىن بىلەن كۆرۈشكىلى بارغىنىمدا، ئۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن.

    ‹‹سىنىپلارنى پاكىز تازىلاپ، مەكتەپ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ <ئائىلىسى>گە قايتىپ كەلگىنىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز››، دېدى تۇراپ ياسىن خۇشال ھالدا.

    مەكتەپ تىلغا ئېلىنغاندا، تۇراپ ياسىن ‹‹ئائىلىگە قايتىش›› دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى. بۇ ئۇنىڭ 37 يىلدىن بۇيان مەكتەپنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىدى.

    مەكتەپنى ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە 37 يىل ئىشلەش

    ‹‹ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرىدە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولالايتتىم، بىراق ئۇ مەزگىللەردە يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا، يۇرتۇمغا قايتىپ، ئىزچىل كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ خىزمەتنى 37 يىل ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم››، دېدى تۇراپ ياسىن.

    ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتتە ئوقۇتقۇچى بولغاننىڭ يامىنى يوق، بۇ يەردىكى بالىلار ماڭا مۇھتاج، مەن ئۇلارنىڭ ئىلىمسىز قېلىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن.

    ئەينى چاغلاردا تېتىر كەنتىدە قاتناش ئىنتايىن قولايسىز، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كەمچىل، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تولاراق مەكتەپلەردىن قېچىپ كېتەتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر ئىدى.

    نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن تۇراپ ياسىننىڭ ئىچى تىتىلدايتتى. لېكىن ئۇنىڭ باشقا ئامالى يوق ئىدى، ئۇ ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ زىيارەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

    تۇراپ ياسىن شۇنچە خىزمەت ئىشلىسىمۇ، بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى خالىمايدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆيىگە تاكى ئۇلارنى قايىل قىلغۇچە توختىماي باراتتى.

    ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە تىرىشىش

    تۇراپ ياسىن ياش چاغلىرىدا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىدىيە – ئەخلاق، پەن – تېخنىكا، تەنتەربىيە ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىرىنى ئۆتەتتى. ئۇنىڭغا كۈنىگە بەش سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 1 – يىللىقتىن 6 – يىللىققىچە دەرس بېرەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن زور سىناق بولۇپ، ئۇ بارلىق دەرسلەرنى پىششىق بىلىشى، دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلىشى كېرەك ئىدى.

    ئۇقۇم ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلمەيدىغان مەزمۇنلارغا يولۇققاندا تۇراپ ياسىن ئوقۇغۇچىلارغا ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىللار ئارقىلىق چۈشەندۈرەتتى، مىسال ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارنى مىسال قىلىپ سۆزلەيتتى، كىتابىي تىللارنى ئىشلەتمەي، ئامالنىڭ بارىچە ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىللاردا سۆزلەيتتى.

    كۆپ يىللىق تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئۇ ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى ياراتتى. ئۇ ھەر سائەتلىك دەرسىدە 5 – 10 مىنۇتقىچە ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى، ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا ئائىت كىچىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەمتۈرتكىلىك سوئال سوراش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەيتتى، ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ دەپتەر، ئۆچۈرگۈچ، قەلەم قاپچۇقى قاتارلىق ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلايتتى.

    تۇراپ ياسىن يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن مۇكاپاتلاپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى دەرسكە قىزىقتۇردى.

    ‹‹قەيەر ماڭا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىمەن››

    ‹‹يېزىلىق مەكتەپ تۇراپ ياسىننى يۆتكەپ كەتمەكچى بولغانىدى، ئۇ قەتئىي قوشۇلمىدى، ناھىيەلىك مەكتەپمۇ ئۇنى يۆتكەپ كەتمەكچى بولغانىدى، ئۇ يەنىلا قوشۇلمىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ مېنى ئىزدەپ كېلىپ، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى››، دېدى باي ناھىيەسى قىزىل يېزىلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دۆلەت ئابدۇرېھىم.

    شۇنداق قىلىپ تېتىر كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە 36 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن تۇراپ ياسىن 2014 – يىلى سېنتەبىردە تېخىمۇ يىراق ھەم نامرات جىگدىلىك كەنتىدە ئوقۇتقۇچى بولدى.

    تۇراپ ياسىن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا، ئەگەر دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولمىسا، شۇ جايدىكى بالىلار قانداق قىلار؟ دېگەننىلا ئويلىدىم. مەن مەملىكەتلىك نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى، شۇڭا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك. قەيەر ماڭا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىمەن، شارائىتى ناچار دەپلا بارمىسام بولمايدۇ.

    زىيارەت ئاخىرىدا تۇراپ ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ – ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنىدا جاڭ چۈنشيەن شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۆلچىمى ماڭا قويۇلغان يېڭى تەلەپ، مەن تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇ تەلەپلەرنى ئۆز خىزمىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئوقۇتقۇچى بولۇشقا يېتەكلەيمەن.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى