ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

تاتارلارنىڭ ئېسىل يېمەكلىكى بەلىشنىڭ داڭقى بار

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 21- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

    بەلىش پىشۇرۇش ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى بولغان 68 ياشلىق مەسخۇدەم رەھىم مۇخبىرغا تاتارلارنىڭ ئېسىل يېمەكلىكى بولغان بەلىشنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ، مەن بەلىش پىشۇرۇشنى ئانامدىن ئۆگەنگەن، ئانام مومامدىن ئۆگەنگەن ئىكەن، بىز تاتارلار بەلىش يېگەندە ئانىمىزنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولىمىز دېدى.

    ئېلىمىزدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەت بولغان تاتارلارنىڭ ئالتە مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسى بار. تاتارلار ئۆيلىرىدە مېھمان كۈتكەندە بەلىش ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى قىلىنىدۇ، بەلىش گۆش قىيمىسى، مىۋە، مۇراببا قاتارلىقلاردىن پىشۇرۇلىدۇ. مەسخۇدەم رەھىم گۆش قىيمىسى ئېتىشنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز قوي گۆشى، بەرەڭگە، پىيازنى توغرا ئارىلاشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا تۇز، قارامۇچ قوشۇپ تەييارلايمىز. خېمىر يۇغۇرغاندا چوقۇم قوي مېيى، تۇخۇم، سۈت قوشىمىز، خېمىر بولغاندىن كېيىن، بىر چوڭ، بىر كىچىك قىلىپ يايىمىز، چوڭىغا تەييار بولغان گۆش قىيمىسىنى سالىمىز، ئاندىن كىچىك خېمىر بىلەن ھىملاپ بىر چوڭ پۆرە شەكلىگە كەلتۈرىمىز. مەسخۇدەم رەھىم ئادەتتىكى پۆرە بىلەن ئوخشىمايدىغىنى كېيىنكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى دېدى.

    مەسخۇدەم رەھىم مۇنداق دېدى: پىشۇرغاندا، ئالدى بىلەن پۆرىنىڭ ئۈستىدىن بىر يۇمىلاق تۆشۈك ئاچىمىز، ئاندىن كېسىپ بولغان خېمىر بىلەن ئۇنى ياپىمىز. پىشۇرۇش جەريانىدا، بۇ تۆشۈكنى توختىماي ئېچىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان شورپىنى قۇيۇپ تۇرىمىز. چۈنكى بەلىش بەك قېلىن بولغاچقا، قىيما بەك قۇرۇق بولۇپ قالسا، ئاسان پىشمايدۇ. ئىككى سائەتتىن كېيىن، مەززىلىك بەلىش تەييار بولىدۇ، بۇ چاغدا كۆپ ھاللاردا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، بۇ مەززىلىك تاماققا ئېغىز تېگىدۇ.

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تاتار مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھافىز ساتتار مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ مىللىي سىياسىتى بەك ياخشى بولۇپ، تاتارلارنىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىنى ناھايىتى ياخشى قوغدىدى ھەم ۋارىسلىق قىلدى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن تاتارلار رۇس سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ، ۋولگا دەرياسى بويىدىن ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ مۇھىم سودا بازىرى بولغان قورغاسقا كۆچۈپ كېلىپ، سودا قىلىشقا باشلىغان.

    ھافىز ساتتارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تاتارلاردا ساۋاتسىزلار يوق ئىكەن، زىيالىيلارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن. بەلىشتىن باشقا، تاتارلارنىڭ يەنە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، خەلق ناخشىلىرى، ئۇسسۇلى، كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق 20 نەچچە خىل تۈرى بار بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش پىلانلانغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى