ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئادەت ۋە يوسۇن

ئائىلە مېھرى ۋە ئۆي تامىقى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 05 - ئاينىڭ 26- كۈنى 04:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

    كىچىك چېغىمىزدا ئاپام چوڭ تاماق شىرەسىنى قويۇپ، تاماققا چاقىرغاندا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئورۇنلىرىمىزدا ئولتۇراتتۇق، تاماق شىرەسىنىڭ ئەڭ تۆرى ئاتامنىڭ ئىدى، ئاتام تاماق شىرەسىگە كەلمىدىمۇ باشقىلىرىمىزنىڭ كېلىپ ئولتۇرىۋېلىشىغا بولمايتتى، ئاتام كەلمىگۈچە تاماق تارتىلمايتتى، بالدۇر كەلگەنلەر بالدۇر يەپ، كېيىن كەلگەنلەر سوۋۇپ قالغان تاماق يەيدىغان ئىش يوق ئىدى. كېيىن ھەممىمىز ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدۇق، چوڭ ئۆيگە يىغىلغان چېغىمىزدا ئاتام ئولتۇرىدىغان شۇ ئورۇنغا قاراپ كۆزلىرىمگە كەلگەن ياشلارنى چاندۇرماي سۈرتىۋېتىمەن. بۇ ئورۇن كېيىن نەۋرە-چەۋرىلەر بىلەن پېتىشمىغاندا باشقىلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزدە ئاتامنىڭ ئورنى يەنىلا تۆردە ئىدى. ئاتا-ئانا ئائىلىنىڭ مەركىزىي ئوقى، بالىلار مۇشۇ ئوقنى چۆرگىلەپ پىرقىرايدىكەن. مېھرىنى ئائىلىگە باغلايدىكەن، ئاتامنىڭ شۇ چاغلاردا قانداق قارايدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم، ئەمما رەھمەتلىك ئاتام بىرەر ۋاق تاماقنى سىرتتا يېمەيتتى، بازاردا تاماق يەپ قالىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بىزگە سامسا، گۆشگىردىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى، بىز يەنە بىللە ئولتۇرۇپ يېيىشەتتۇق. شۇنىڭغا قارىغاندا ئاتا داستىخانغا دەرقەمدە بولسا، ئائىلىنىڭ مېھرى چوڭقۇرلىشىدىغان ئوخشايدۇ. ھازىر جان سانىمىز ئاز، تاماق شىرەلىرىمىز بەزىدە ئاتىنىڭ، بەزىدە ئانىنىڭ ئورنى بوش، بەزىدە بالا توڭلاتقۇدىكى تاماقلارنى ئىسسىتىپ يەيدۇ، بالىلارنى مۇشۇنىڭغا كۆندۈردۇق. بولۇپمۇ ياش ئاتىلار سىرتلاردا كۆپرەك تاماق يەيدۇ، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. ئەمما، ھاياتىمىزنىڭ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بىر ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ساقلاش، مېھىر-مۇھەببەتلىك ئائىلە قۇرۇش يەنىلا ئائىلىنىڭ باشلىقى ئەرگە باغلىقكەن. ئاياللار قاتار چايدەك پائالىيەتلەر بىلەن ئايدا بىرەر-ئىككى قېتىم سىرتتا بولۇپ قالمىساق، باشقا چاغلاردا بىز نەدە بولساق بالىلار شۇ يەردە پىرقىرايدۇ، ئەر تاماق ۋاقتىدا بولمىسا، ئۆيدە تاماقنىڭمۇ مەززىسى بولمايدۇ، ئايالنىڭ قولىنىڭ تەمىمۇ قاچىدۇ، ئايال ئۈچۈن ئېرىنىڭ سۆيۈنۈپ تۇرۇشىدىنمۇ ئارتۇق ئىنئام يوق. چۈنكى ئاياللار سۆيۈش-سۆيۈلۈش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان، بارلىقىمىز بىلەن ئائىلىمىزنى سۆيىمىز. ئەجرىمىز ئۈچۈن سۆيۈلۈشكىمۇ ھەقلىقمىز. ئوچاق بېشىدا بۇ ھوقۇقىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايمىز. شۇڭا، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تاماق ۋاقتىدا تاماق شىرەسىدىكى ئورنىمىزنى بوش قالدۇرمىغىنىمىز ياخشى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى