ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

‹‹قازاق مىللىي ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيەت باغچىسى›› غا باغلانغان رىشتە

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 20- كۈنى 04:27   |    ئاپتور :  ليۇ فېڭ  |   مەنبە : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

    ‹‹ئەتكەن چاي تەييار بولدى، گۆشمۇ پىشتى، مېھمانلار قېنى كېلىڭلار!›› دېدى 2013 – يىلى 25 – ئىيۇل بۇرچىن ناھىيەسى ئېگىزتۆبە ئاخكۈڭگەيتى يايلىقىدىكى بەستلىك يىگىت راخات ئابدۇقادىر بىر ياقتىن خېرىدارلارنى چاقىرىپ، يەنە بىر ياقتىن مېھمانلارنى كۈتكەچ.

    ئاخكۈڭگەيتى بۇرچىن ئايرودۇرۇمىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان، ‹‹مۇھىتى ساپ ئالەم›› دەپ نام ئالغان قاناسقا تۇتىشىدىغان يول ئۈستىگە جايلاشقان.

    بۇ يەردىكى ياي شەكىللىك ئۈچ قۇرۇلۇشنى يېشىللىق ئوراپ تۇرىدۇ. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى فاچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ جاي يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ‹‹قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت باغچىسى›› بولۇپ، بۇ يەرگە جەمئىي 26 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 2014 – يىلى قۇرۇلۇشنى تاماملاش پىلانلاندى. بۇ قۇرۇلۇشقا راخات مەبلەغ سالدى، بۇ ۋىلايىتىمىزدىكى ساياھەت تۈرىگە شەخسىي مەبلەغ سالغان ئەڭ چوڭ تۈر››.

    بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، راخات شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كۈيتۈن شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 2004 – يىلى كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىقىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئالتاي چېگرا ئېغىزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تاشقى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە سودىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، شۇ يەردىكى داڭلىق قازاق كارخانىچى بولۇپ قالدى.

    يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنى خەلقئارالىق ئېسىل ساياھەت رايونى، يەنى ‹‹شىنجاڭنىڭ مېھمان قوبۇلخانىسى›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئالتاي ۋىلايىتى ئۆزىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك شارائىتى ۋە گۇمانتارلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ‹‹ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت كارىدورى››نى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتى.

    راخات يۇرتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەردىن ئىلھاملىنىپ، يۇرتىدىكى گۈزەل يايلاق، ئۆزگىچە يايلاق مەدەنىيىتى، قازاق مىللىتىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2012 – يىلى ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى.

    راخات مۇخبىرغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى قۇرۇلۇشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: 500 مو يەردىكى ‹‹قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت باغچىسى›› مەنزىرە رايونى ۋە تۇرمۇش رايونى، دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. بۇ يەر ئالتاي تاغ يايلىقى، سۈيى ئەلۋەك، قوي – كالىلار سېمىز، يايلاق مەنزىرىسى گۈزەل، قارلىق تاغ، ياپيېشىل يايلاق، يەنە بالبالمۇ بار. قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادىتىنى كۆرىدىغان ياخشى جاي. شۇڭا، ئومۇمىي لايىھە تەبىئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا تۈزۈلدى. قوينىڭ يانپىشىغا ئوخشاش تاش يايلاق مىللەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئايلىنىپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ.

    ‹‹قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت باغچىسى››دا يۇڭ قىرقىش، كىگىز بېسىش، گىلەم توقۇش، ئىنەك سېغىش، پىشلاق پىشۇرۇش، ئوغلاق تارتىش، ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار قاتارلىق قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى نامايان قىلىنىدىكەن.

    يېشىل مەنزىرىگاھ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپتۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلەرنى قوللىشى ئارقىسىدا، يەنە بەش يۇلتۇزلۇق ساياھەت ھاجەتخانىسى ۋە پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆلچىكى ياسىلىدىكەن.

    ‹‹ھۆكۈمەتمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىدى. 2013 – يىلى 6 – ئايدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ 18 – نۆۋەتلىك ئاقىنلار ئېيتىشىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستاندىن كەلگەن داڭلىق ناخشىچىلارمۇ مۇشۇ يەردە ناخشا ئېيتتى. قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى مەدەنىيەت ساياھىتى ئارقىلىق بازارلاشتى››، دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دېڭ شىخۇڭ تولۇقلاپ.

    ‹‹مەن ئاخكۈڭگەيتى يايلىقىدا تۇغۇلغان، يۇرتۇم ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، مەدەنىيەت باغچىسىدا 150 ئادەم ئىشلىتىشنى پىلانلىدىم. 2013 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 40 ياشنى تاللاپ، كۈيتۈن شەھەرلىك قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتتىم، نىشانىم مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇپ چىقىش؛ مەقسىتىم قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئالتاينىڭ قازاق مەدەنىيىتى ۋە يايلاق مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈش››، دېدى راخات ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.

    باھا: مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى مۇھىم ساياھەت بايلىقى. ‹‹تاغلىرى ئالتۇن، سۇلىرى كۆمۈش››، دەپ نام ئالغان ئالتاي ۋىلايىتى مىللىي ئۆرپ – ئادەت توپلانغان جاي. يۇرتىنىڭ يايلىقىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، نام چىقىرىپ، ‹‹ئالتاي مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت كارىدورى›› قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇش ئۈچۈن، راخات ‹‹قازاق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەت باغچىسى››نى قۇرۇشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىلا بىلەتتى، ھازىر نامى يىراق – يېقىنغا تارقالدى. ھۆكۈمەت زور كۈچ بىلەن يېتەكچىلىك قىلغاچقا، راخاتتەك چوڭ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەر بولغاچقا، مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ساياھەت ئارقىلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشتا قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئەلۋەتتە.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى