ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەجدادلار مىراسى

شائىر، مۇزىكانت تەلئەت ناسىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:50   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شائىر، مۇزىكانت تەلئەت ناسىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپ تۆھپە قوشتى، بىر تۈركۈم نادىر ئىجادىيەتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇ يازغان ‹‹بىزنىڭ ناخشىمىز››، ‹‹ئادەم گۈزەل››، ‹‹سېنى كۆرسەم››، ‹‹دېھقىنىم››، ‹‹ئاڭلا بالام›› قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئاممىبابلىقى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن كىشىلەرگە ئېستېتىك تۇيغۇ بېرىپلا قالماي، ناخشا قىلىپ ئېيتىلغاندىن كېيىن كىشىلەر تېخىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارغا ئايلاندى.

    تەلئەت ناسىرى 1941 – يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۆزبېك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئالتە يېشىدىن باشلاپلا ناخشا – مۇزىكىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ناخشا تېكىستلىرىنى يادلاش بىلەن بىللە، دۇتار، چاڭ چېلىشنى ئۆگەنگەن. 1956 – يىلى تەلئەت ناسىرى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ كىنو ئاكتىيورلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكومىدا بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن ئىلى ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ئىلى ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكى قىسقارتىلىپ، تەلئەت ناسىرى ئون نەچچە مۇزىكانت، ئۇسسۇلچى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇزىكا ئەترىتىگە كېلىپ ئىشلىگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تەلئەت ناسىرىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا يېڭى بۇرۇلۇش بولغان. 1959 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە نومۇر تەييارلاش جەريانىدا، تەلئەت ناسىرى ‹‹بىزنىڭ ناخشىمىز››، ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشىلارنىڭ تېكىستىنى يازغان، بۇ نومۇرلار بېيجىڭ، تيەنجىن، خاڭجۇ، شيامىن قاتارلىق جايلاردىكى ئارمىيەدىن ھال سوراش كۆرەكلىرىدە ئورۇنلانغان، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 1960 – يىلى تەلئەت ناسىرى تېكىستىنى يازغان ناخشىلاردىن ‹‹چېگراچى››، ‹‹قەھرىمانىم››، ‹‹ياخشى›› قاتارلىق ناخشىلار ھازىرغىچە تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق.

    تەلئەت ناسىرى 1964 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي باشقارمىسى قارىمىقىدىكى ‹‹جەڭ غەلىبىسى گېزىتى›› دە مۇخبىر، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1983 – يىلىدىن كېيىن شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدا ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1985 – يىلىدىن كېيىن لەنجۇ ھەربىي رايونى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەن؛ 1993 – يىلى كەسىپ ئالمىشىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە كەسپىي يازغۇچى بولۇپ، 2000 – يىلى پېنسىيەگە چىققان.

    تەلئەت ناسىرى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ‹‹ئادەم گۈزەل›› ناملىق پىلاستىنكىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالدى. ئۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقى بىلەن ناخشا تېكىستى ئىجادىيىتى، مۇزىكا ئىجادىيىتىنى تەڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلقىمىزگە مول ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان ناخشا تېكىستلىرىنى ۋە مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلدى. تەلئەت ناسىرىنىڭ ‹‹ئادەم گۈزەل››، ‹‹كۆڭۈل تىلىكى››، ‹‹دېھقىنىم››، ‹‹ئاكىجان›› قاتارلىق ئىجادىيەتلىرى، ‹‹بۇ ئاي بۇ كۈنلەر››، ‹‹لالەلەر›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. تەلئەت ناسىرىنىڭ ‹‹ئايدىڭ كېچە›› ناملىق شېئىرى بىلەن ‹‹ئارمىيە قىزى›› ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ‹‹پادىچى بالا›› ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سېنارىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە نادىر سېنارىيەلەرنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ يازغان ‹‹ئانا دەرەخ›› ناملىق ئۈچ پەردىلىك دراما، 20 نەچچە ئېتۇت، 300 چە مۇزىكا ئىجادىيىتى، ئون نەچچە كىنو سېنارىيەسى قاتارلىقلار جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجاد قىلغان مۇزىكىلار كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلىدى ھەم ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

    تەلئەت ناسىرى مۇنداق دېدى: مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ياشلارمۇ، چوڭلارمۇ ياقتۇرىدىغان ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم، ھازىرمۇ ئىجادىيەتلىرىمگە يۇقىرى تەلەپ قويىمەن، چۈنكى ئىجادىيەت مېنىڭ بولغىنى بىلەن، ئۇ جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كېيىن خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. شۇڭا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلققە تېخىمۇ يېڭى، ئېستېتىك زوق بېغىشلىيالايدىغان ئەسەرلەرنى سۇنۇشقا تىرىشىمەن. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 60 يىل بولدى، مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم 1960 – يىلىدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، شۇنىڭدىن باشلاپ چېگرا رايون خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ناخشا تېكىستلىرىنى يازدىم، مۇزىكا ئىشلىدىم. مۇشۇ ئىجادىيەتلىرىم ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ياشىنىپ قالغان بولساممۇ يېڭى ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە