ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاقتۇ ناھىيەسى پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇمىلاشتۇرۇشقا كۈچمەكتە

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:19   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى: ئاقتۇ ناھىيەسى يېزىلاردا پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇش، شەھەر، بازارلاردا تەبئىي گازنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاپتوموبىللارنى گاز يېقىلغۇغا ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيىتتى.
2009-يىلدىن بۇيان، بۇ ناھىيە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا پاتقاق گازى كۆلچىكى ياسىغان ئائىلىلەرگە 2000 يۈەندىن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى بېرىش بىلەن بىرگە، پاتقاق گازى ئوچىقى ۋە باشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى بىر تۇتاش ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، ناھىيە، يېزا ۋە كەنىتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك پاتقاق گازى مۇلازىمەت تور سېتېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ پاتقاق گازى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسللىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى، 6759 ئادەم (قېتىم) دېھقان-چارۋىچىنى پاتقاق گازى ئىشلىتىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى؛ 2012-يىلدىن بۇيان 8 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىدا تەبئىي گازنى ئائىلىلەرگىچە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، بىر ئورۇندا ئاپتوموبىللارغا تەبئىي گاز قاچىلاش پونكىتى قۇردى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە يېزىلاردا پاتقاق گازى ئىشلىتىۋاتقان ئائىلىلەر 12 مىڭ 300 گە، ناھىيە بازىرىدا تەبئىي گاز ئىشلىتىۋاتقان ئائىلىلەر 7000 گە يەتتى، 2000 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل گاز يېقىلغۇغا ئۆزگەرتىلىپ، ئومۇمىي ئاپتوموبىلنىڭ %70 دىن كۆپرەكىنى ئىگەللىدى.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە