ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

كۇچا ناھىيەسى 4000 پارچىگە يېقىن مۇھىت ئاسراش بەلگىسى تارقاتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:18   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا، مەرىيەم خالىق خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تارقىتىشنى باشلىغاندىن بۇيان ناھىيەدىكى ھەرقايسى ئىدارە -ئورگانلار، كارخانا ۋە شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىللىرى 4000 پارچىگە يېقىن يېشىل رەڭلىك ياكى سېرىق رەڭلىك مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى ئالدى.
ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يى تېگاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش خىزمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ شۇنداقلا كۇچانى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىتى گۈزەل شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ .ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 3500 پارچىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تارقاتتۇق. شوپۇر دوستلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىز بېجىرىش كۆزنەكلىرى ۋە ئورۇنلارنى كۆپەيتىپ، بېجىرىش ئۈنۈمىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىكى ھەر كۈنى 80 ئاپتوموبىلغا بېجىرىشتىن ھازىرقى كۈنىگە 800 ئاپتوموبىلغا بېجىرەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردۇق.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە