ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

قەشقەر شەھىرى ‹‹كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى›› ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:15   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: قەشقەر شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇلغىمىلارنى ئازايتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ‹‹كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ بۇلغانما قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىپ، شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىنى كۆكەرتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، قەشقەر ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، سۇلىرىنىڭ تېخىمۇ پاكىز، ھاۋاسىنىڭ تېخىمۇ ساپ، مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
قەشقەر شەھىرى بۇلغىمىلارنى ئازايتىشتا، ئاۋۋال بۇلغانما مەنبەسىنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتتى، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى پار قازانلىرىنى پەيدىنپەي ئىشتىن توختاتتى، شەھەر ئەتراپىدىكى 38 خۇمداننى تاقاپ، قويۇپ بېرىلىدىغان ئىس – تۈتەك مىقدارىنى ئازايتتى. بۇلغىمىلارنى ئازايتىش بىلەن كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، كونا شەھەر رايونىغا تەبىئىي گاز، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، كونا شەھەر رايونى ھاۋاسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغانما قويۇپ بېرىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئۆلچەمسىز ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ، شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ۋە ئائىلە ئاپتوموبىللىرىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش قۇرۇلمىسى ئورناتتى. بۇ شەھەر يەنە ‹‹مۇھىت ئاسراشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك شەھەر بەرپا قىلىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر رايونى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يېزا – بازارلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردى، ‹‹تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش›› خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە