ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

شىنجاڭدا يەنە يەتتە ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك باغچا شەھەر (ناھىيە شەھىرى)›› كۆپەيدى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 27- كۈنى 03:13   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە، دۆلەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جايلار ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان ، شىنجاڭدىن ئۈچ تۈر 2013-يىللىق جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، يەتتە ناھىيە ، شەھەرگە ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان شەھەر (ناھىيە شەھىرى) ›› دەپ نام بېرىلگەن .
‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان شەھەر (ناھىيە شەھىرى) ›› دەپ نام بېرىلگەن ناھىيە ، شەھەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ، ئالتاي شەھىرى ، ۋۇ جياچۈ شەھىرى ، لوپنۇر ناھىيەسى ، پوسكام ناھىيەسى ، توققۇزتارا ناھىيەسى ، نىلقا ناھىيەسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
2013-يىللىق جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ تۈر قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق شەھەر باشقۇرۇش مېخانىزمىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا رايونى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت .
نۆۋەتتە ، شىنجاڭدا 10 دىن ئارتۇق تۈر جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت مۇكاپاتى ياكى جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىت ئۈلگىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە 19 ناھىيە ، شەھەر ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك باغچا شەھەر (ناھىيە شەھىرى)›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن .

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە