ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

خەلق گېزىتى ئوبزورى: پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 09- كۈنى 08:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدە ئېچىلغان ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، ئورنى، رولى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي قائىدىلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. بايرىقى روشەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولغان بۇ سۆز نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بولۇپمۇ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قولىدىكى خەنجەردۇر، ئۇ پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇنى خەلقنىڭ تۈپ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولغاچقا، ماھىيەت جەھەتتىن بىردەك. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىلەن دۆلەت قانۇنىنىڭ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئاشكارا، ئادىل يۈرگۈزۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە