ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

خەلق گېزىتى ئوبزورى: ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 09- كۈنى 08:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    

    ‐‐ ياخشى باشلىنىشنى نېمىشقا ئىشقا ئاشۇرالىدۇق (5)

    مەيلى شەخس ياكى كارخانا بولسۇن، كۆزلىمىلىك مۇھىت بولغاندىلا ئاندىن ئىختىرا ۋە ئىجادىيەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. بازار ۋە جەمئىيەتكە مۇقىم كۆزلىمە ھازىرلاپ بەرگەندە، ئىشەنچنى چىڭىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولالايدۇ.

    ئۆتكەن بىر يىلدا، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەر «جۇڭگو ماغدۇرسىزلاندى» دەپ بىلجىرلاۋاتقان ئەھۋالدا، مەركەز جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىقنى چىڭ ئىگىلەپ، جامائەت پىكرىدىكى خاتا ھۆكۈم ۋە چۈشەنچىلەرنى نىشانلىق يوقىتىپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى يۈزلىنىش بىلەن بىرگە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنىڭ ياخشىلىقىنى ئوبيېكتىپ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق شەرھلىدى؛ قىسقا مۇددەتلىك قىسمەن خېيىم-خەتەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە خېيىم-خەتەرنى تەھلىل قىلىپ، سىياسەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كادىرلار، ئامما ۋە بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پارلاق يۈزىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە نامايان قىلىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشى ۋە ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

    بۈگۈنكى جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زىددىيەت ئاسان ۋە كۆپ سادىر بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جەمئىيەتتە داۋالغۇشچان، ئۆزگىرىشچان ۋە يەڭگىلتەك «پادا ئىنكاسى» پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ۋە ناھايىتى مۈشكۈل. ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىستىراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاش بىلەن بىرگە جامائەت پىكرىگە ھۆكۈم قىلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قۇرۇلما تەڭشەش يۈزلىنىشىنى توغرا شەرھلەپ، كىشىلەرنى ئۆزگىرىش داۋامىدا ئۈمىدنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆزلىمە بىلەن تەرەققىياتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە