ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

خەلق گېزىتى ئوبزورى: جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىسىغا ئۆزى ئىگە بولسۇن

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 01 - ئاينىڭ 09- كۈنى 08:57   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    

    ‐‐ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيلى (3)

    دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى بىر تىرىليون 200 مىليارد جىڭغا يېتىپ، «ئۇدا ئون يىل ئېشىش» ئەمەلگە ئاشقان ياخشى ۋەزىيەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە نېمىشقا تاماق قاچىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولۇشىمىز، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ؟

    «ئاشلىق بولسا قولدا، غەم قالمايدۇ دىلدا». دۆلىتىمىزدە بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئېغىز تاماق يەيدۇ، ئاشلىق مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئاشلىقتىن چوڭ چاتاق چىقمىسىلا، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىدا تەمتىرەپ قالمايمىز. بۇ قائىدە ھەممىگە ئايان، لېكىن يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ياخشى بولغاندا ئاشلىقتىن چاتاق چىقمايدىغۇ دەپ ئاسانلا بوشىشىپ قالىمىز؛ تەرەققىياتتا ئۇتۇق قازانغاندا، ئىقتىساد دۇنياۋىلاشقان دەۋردە ئۆزى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ دەپ ئويلاپ، يارا ساقىيىپلا ئاغرىقنى ئۇنتۇپ قالىمىز.

    ھېسابلاپ كۆرسەك، ئاشلىق بېلىتى ئىشلىتىدىغان دەۋرگە خاتىمە بەرگىنىمىزگە ئەمدىلا 20 يىل بولدى. ئاشلىق مەسىلىسىدە تەلەي كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا، قالايمىقان ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى چاتاق چىقىپلا قالسا ناھايىتى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولۇشىمىز لازىم. تاماق قاچىمىزدا ئاساسەن جۇڭگونىڭ ئاشلىقى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇلتۇر 12-ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلايدىغان خەۋپ ئېڭى ۋە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەر نامايان قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە