ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

خەلق گېزىتى ئوبزورى: ھەرىكەتلا كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 09- كۈنى 08:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    ‐‐ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

    «ھەرىكەتلا كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدۇ. 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ چوڭ-چوڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش لازىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ھالقىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان باھاسىمۇ ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ. مىڭ ئېيتقاندىن بىر قىلغان ئەلا. ئىسلاھات ۋەزىپىسى بېكىتىلگەنىكەن، پۇختا قەدەم بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، كىچىك غەلىبىلەردىن چوڭ مۇۋەپپەقىيەت ھاسىل قىلىش، ئۇزاق مۇساپىنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن بېسىش كېرەك. مۇشۇنداق ئىسلاھات ئارقىلىقلا تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

    ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىلگرىى سۈرۈشتە ئىلمىي مىتودولوگىيە بولۇشى كېرەك. ھەرىكەت قاراملىق بىلەن قارىغۇلارچە ئىش قىلىش ئەمەس. ئىسلاھات شۇنچە تەخىرسىز بولسىمۇ، ئۇسۇل ۋە شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىش، قارىقۇيۇق ئىش قىلماسلىق لازىم. مەركەزنىڭ چوڭ-چوڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىسلاھاتنى توغرا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى توغرا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئايدىڭلاشمىغان ئىشنى قارىغۇلارچە كېڭەيتمەسلىك كېرەك. ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇۋالماسلىق، تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىدە سۆرەلمىلىك قىلماسلىق، سىناق قىلىشقا تېگىشلىرىنى ئالدىراپ كېڭەيتمەسلىك، چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىدە ئۇتۇق قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك، قانۇندا ھوقۇق بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن يولغا قويماسلىق لازىم. ئىسلاھاتنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ باغلىنىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئەڭ يۇقىرى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. يەنە مەركەزنىڭ چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرىنىڭ بىردەكلىكى، كەسكىنلىكى ئاڭلىق قوغداش بىلەن بىلەن ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە