ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي مۇھاكىمە

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى!

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:26   |    ئاپتور :     ئىلھام ئاتاۋۇللا  |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ ئىناق، باي، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى!

 

    (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن)

    بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك، تەرەققىيات، رەھىمدىللىك پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا، تىنچ بولغان بەختلىك تۇرمۇش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. زوراۋان، تېررۇرچىلارغا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بوش ئورۇن يوق، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    تىنچلىق، مۇقىملىق بولمىغاندا تەرەققىيات بولمايدۇ. تەرەققىياتمۇ مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىتتىپاقلىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى. زوراۋان، تېررۇرچىلار بىر مىللەت ياكى بىر دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، مىللەتنىڭ داشقاللىرى. مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئىتتىپاقلىق ــ غەلىبە دېمەكتۇر. زوراۋانلىق، تېررورلىق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش خەلققە ھۆرمەت قىلغانلىق، قانۇنغا ھۆرمەت قىلغانلىق. زوراۋانلىق، تېررۇرلىق قىلمىشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ. ئۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزىدۇ. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    يېقىندا ئاپتونوم رايۇنىمىزدا يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررۇرلۇق ۋەقەلىرى قاتتىق غەزىپىمنى قوزغىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتتى. دۆلەت مەنپەتى ھەممىدىن ئەلا. يۇرت-ۋەتەننى سۆيۈش ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇقەددەس بۇرچى، يۇرت-ۋەتەننى سۆيۈش ئانىنى سۆيگەنلىك بىلەن باراۋەر. دۆلەتكە-ۋەتەنگە سادىق بولۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتى. ۋەتىنى يوقنىڭ جېنى يوق. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ تارىخىي پاكىت، تارىخنى بۇرمىلاش ئاسىيلىق. جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسى دۆلەتنىڭ خوجايىنى.

    بىز مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى زەربىدارلاردىن بولۇشىمىز لازىم.

    بۈگۈنكى كۈندە بىز دۈچ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ. مەسىلىلەرمۇ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى تەسىرگە ئۇچراپ، ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. دۆلەت ئىچى ۋە چىگرا سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دۆلەتنى پارچىلاش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى ئازراقمۇ توختاتقىنى يوق. 1912-يىلدىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخ بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ئەمما، زوراۋان، تېررۇرچىلارنىڭ رەزىل نىيىتى پەقەتلا بىر چۈش، مەڭگۈ رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. ئىتتىپاقلىق كۈچ. تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قېرىنداش. بىز ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋان، تېررۇرچىلارنىڭ قەبىھ ھەرىكىتىگە ئورتاق زەربە بەرسەك، چوقۇم تىنچ، بەختلىك، تەرەققىي قىلغان، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز!

    مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرالايمىز. ئەرلىرىمىز ساقال بىلەن، قىز-چوكانلىرىمىز ھىجاپلىنىش بىلەن مەدەنىيەتلىك بولالمايمىز. بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، ئوت قۇيۇپ، ئۇرۇپ چېقىپ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ باتۇر بولالمايمىز. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئايغا چىقالمايمىز. ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئوت قويۇش قانۇنغىمۇ، ئىسلام دىنىغىمۇ خىلاپ.

    ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ۋە ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. يېقىنقى زاماندىكى 170 نەچچە يىللىق تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى. پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ. پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىغا باشلىيالايدۇ. پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا ‹‹ئىككى 100 يىللىق›› كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك ‹جۇڭگو ئارزۇسى›نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى، خەلقنىڭ بەختىيارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» دېگەن بۇ سۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى ـــ گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ئارزۇسى. ھالقىپ ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئارزۇسى. ئەبەدىي ئەمىنلىك ئارزۇسى. شۇنداقلا بىر دۆلەت خەلقىنىڭ بېيىش بەختىيارلىق ئارزۇسى.

    مەركەز ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. شىنجاڭ بىر گۆھەر زېمىن. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەۋقۇلئاددە ئىستراتېگىيەلىك توساق ۋە سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم ئىشىك، غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايون ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز لازىم. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گۈزەل، ئىناق، باي شىنجاڭ قۇرۇش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇستەھكەم تىرەك.

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئىلگىرى كۈرۈلۈپ باقمىغان تەرەققىياتلار، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى تارىخى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھالقىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى مۇقىم ھالدا ياخشى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

    GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2009-يىلدىكى مەملىكەت بويىچە 30-ئورۇندىن 2012-يىلغا كەلگەندە مەملىكەت بويىچە 10-ئورۇنغا ئۆتتى. ئۈچ يىللىق ئەمەلىيەت مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى، شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتۈنلەي مەركەزنىڭ روھىغا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداقلا بۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئىزدىنىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

    ‹‹ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، ئېچىتىۋېتىش، ئىلگىرلەش››تىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مىللى بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋان، تېررۇرلۇققا ئەڭ ئالدىنقى سەپتە مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز لازىم. شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئۆتىدىغان، بىر نىيەت–بىر مەقسەتتە بولىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىپ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئېسىل كەيپىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ ‹‹تىرىشساقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تار چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ، كونا ئادەت، قالاق كۆزقاراشلارنى ئۆزگەرتىپ، دادىل ئالغا ئىنتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلغار زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە