ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

تاجىكلارنىڭ قەھرىمانى قۇلچاق

يوللانغان ۋاقىت : 2012 - يىلى 09 - ئاينىڭ 24- كۈنى 12:57   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    بۈركۈت-تۆپىلىك مىللىتى تاجىكلارنىڭ توتېمى. تاجىكلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ بۈركۈت نېيى، ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشچۇر ئۇسۇلى بۈركۈت ئۇسۇلىدۇر. ئەل ئارىسىدا «بۈركۈتتەك ياشىمىغاندىن كۆرە ئۆلگەن ياخشى» دەيدىغان ماقال-تەمسىلمۇ بار. قۇلچاق دەل تاجىكلارنىڭ جەسۇر بۈركۈتى.

    قۇلچاقنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايەت بولۇپ، تاشقۇرغاننىڭ شىمالىدىكى تىزناپ يېزىسىنىڭ چۈشمەن كەنتىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاتىسىنىڭ بايغا يىللىقچى بولۇپ تاپقىنىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بولغاچقا، نامراتلىقتىن قۇتىلالمىغان. شۇنىڭ بىلەن، دادىسى ئاخىرى دەردىنى ئىچىگە يۇرتۇپ،ئۇنى باشقىكارغا قوي-كالا باقىدىغان يانچىلىققا سېتىۋېتىدۇ. قۇلچاق دېگەن سۆزنىڭ تاجىك تىلىدىكى مەنىسى «يانچى»(بالا قۇل) بولغاچقا، شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر ئۇنى قۇلچاق دەپ چارقىرىپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسىمىنى ئۇنتۇپ قالغان. ئۇ 13ياشقا كىرگەن يىلى باندىتلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇخارا خانلىقىغا سېتىۋېتىلگەن. ئۇ كۆپ قېتىم قېچىپ، نۇرغۇن جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا كىرىپ لەشكەر بولىدۇ. ئۇ بەستلىك، قاۋۇل، باتۇر ۋە پەم-پاراسەتلىك بولغاچقا، قوشۇندا ئۈزلۈكسىز خىزمەت كۆرسىتىپ يەكەننىڭ ئالتىنچى دەرىجىلىك بەگلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن.

    1930-يىلى (داۋگۇاڭنىڭ 10-يىلى) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند خانلىقى يەكەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، قۇلچاق ئۇيغۇر لەشكەرلىرىنى باشلاپ، قارارابات ھەربىي ئۆتىڭىدە دۈشمەننى توسۇپ زەربە بېرىدۇ. ئۇ جەڭدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئۈچ ئادىمىنى، ئىككى ئېتىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. يەنە دۈشمەندىن بىرنى تىرىك تۇتۇپ، تۆت ئاتنى ئولجا ئالىدۇ. لېكىن ئۆزىمۇ كۆزى بىلەن ئوڭ قوۋۇزىغا نەيزە تېگىپ يېرىلىنىدۇ. داۋگۇاڭ مەلۇماتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى «تەغدىرلەشكە لايىق» دەپ ماختايدۇ.

    پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سارىقول دەپ ئاتالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئېغىز ئىدى ھەمدە ھەربىي،ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتلەردە مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. يەكەن ئەينى چاغدا مەشھۇر خەلقئارا سودا شەھىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، قوقەند خانلىقى، پامىر تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەشمىر، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھېندىستاننىڭ شىمالىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى تاشقورغاندىن ئۆتۈپ، يەكەنگە كېلىپ سودا-سېتىق قىلاتتى. شۇڭا تاشقورغاننى كونترول قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ پامىر تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلار بىلەن قىلىدىغان سودىسىنى كونترول قىلغىلى بولاتتى. قوقەند خانلىقى سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىق قىلىش ئۈچۈن، تاشقورغانغا يىرتقۇچلارچە خىرىس قىلىپ يامان غەرەزدە بولۇۋاتاتتى. 1830-يىلى يەكەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، ئەسكەر چىقىرىپ تاشقورغانغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەم، چارۋا-مال ۋە ماددىي بويۇملارنى بۇلاپ كېتىدۇ، ھەمدە بەشىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ مەمەتشاھنى تۇتۇپ كېتىپ يېرىم يولدا ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.

    قۇلچاق يەكەن جېڭىدە تۆھپە كۆرسەتكەنلىكى، بۇ ئەتراپنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىك بولغانلىقى ئۈچۈن يەكەننىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى تەرىپىدىن تاشقورغانغا بەشىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. 1834-يىلى كۈزدە (داۋگۇاڭنىڭ 14-يىلى 8-ئايدا)، مۇھەممەت شېرىپ دېگەن كىشى قوقەند قوشبېگىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوشۇن باشلاپ، تاشقورغانغا يەنە بېسىپ كىرىدۇ ھەمدە تاغقورغاننىڭ تاخارما كەنتىنى ئىشغال قىلىپ، كەنت ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ. ئەلچى ئارقىلىق قۇلچاققا ئەۋەتكەن خېتىدە: «خانىمىز مېنى سارىقولنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئەۋەتتى. قۇلچاق، سەن تەسلىم بول. بارلىق تاغلىق پۇقرالار خانىمىزغا ئىتائەتمەن پۇقرا بولۇشى لازىم. تەسلىم بولمىساڭلار ھەممىڭلار قىرغىن قىلىنىسىلەر ياكى قوغلاپ چىقىرىلىسىلەر» دەيدۇ. قۇلچاق خەت ئېلىپ كەلگەن كىشىگە :«سارىقول ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق يىلدىن بېرى مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن تۇرسا، بۇ يەر قانداقسىگە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولۇپ قالىدۇ؟ سەنلەر بۇيەردىن دەرھال كېتىش، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بۇ جاينى ئىگىلىيەلمەيسىلەر، بىز ئۆلسەكمۇ تەسلىم بولمايمىز» دەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرايدۇ.

    شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تاجىك خەلقىنى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىدۇ. بىر كۈنى كېچىدە ئۇلار دۈشمەن بارگاھىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ 200نەچچە ئېتىنى قاچۇرىۋېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى دۈشمەنلەر ئات ئىزدەپ يۈرگەن چاغدا، ئۇلار 40-50 دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ،دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ بۇلاپ كېتىلگەن قوي-كالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

    1836-يىلى 6-ئايدا قوقەند خانلىقىنىڭ قۇشبېگى بۇغۇچىنى نەچچە يۈز ئادەمنى باشلاپ چېگرىدىن كىرىپ پاراكەندىچىلىك سېلىپ، قوي-كالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ. قۇلچاق ئاممىنى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى ئاشخانا جىلغىسىغىچە قوغلاپ بېرىپ، 20 نەچچە دۈشمەننى ئۆلتۇرىدۇ ھەمدە بۇلاپ كېتىلگەن قوي-كالىلارنى قايتۇرۇۋېلىپ تاجاۋۇزچى دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئاشخانا جىلغىسى ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىباردەن قۇلچاق جىلغىسى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوقەند خانى قۇلچاقنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قاراپ، قۇلچاقنى تىرىك تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

    شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى(10-ئاينىڭ 3-كۈنى)قوقەند خانلىقىنىڭ قۇشبېگى شەخسەن ئۆزى 2000دىن كۆپ ئادەمنى باشلاپ تاشقورغانغا ھۇجۇم قىلىپ زەمبىرەك بىلەن قورغاننىڭ دەرۋازىسىنى پارتىلىتىپ ئاچىدۇ. بۇ چاغدا تاشقورغاندىكى 14كەنتنىڭ سەككىزى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. قۇلچاق بىرتەرەپتىن سوقۇشۇپ، بىر تەرەپتىن ۋارشىدى كەنتىگە چېكىنىدۇ. يېرىم كېچىدە دۈشمەنلەر قۇلچاقنىڭ چېدىرىنى قورشىۋېلىپ «تەسلىم بول» دەپ ۋارقىرىشىدۇ. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر «سىز دەرھال قېچىڭ، بىز سىزنى قوغدايمىز» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. قۇلچاق ئېلىشىپ ئۆلۈشكە رازى بولىدۇكى، قېچىپ كېتىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇ دۇبۇلغىسىنى باشقىلارغا بېرىپ، چېدىردىن ئېتىلىپ چىقىپ دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ.ئاخىرى كۆكرىكىگە ئوق تېگىپ باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇلچاق قاتارلىقلارنى نەپىقە بېرىپ تارتۇقلايدۇ ھەم ئەۋلادلىرىنى ئۇنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلغان تاشقورغان خەلقىنىڭ باج-سېلىقىنى بىكار قىلىدۇ.

    قۇلچاق چۈشمەن كەنتىگە دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە قۇم دۆۋىلەپ قويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەبرىدە پەقەت ئۇنىڭ تېنىلا بار ئىكەن. دۈشمەنلەر قۇلچاقنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ قوقەند خانغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە، خان قول ئاستىدىكىلەرگە كايىپ: «ھەي نان قېپىلار!مەن قۇلچاقنى تىرىك ئەكىلىش دېگەنىدىم، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەپ كېلىشىپسەن، بۇنى نېمە قىلىمەن؟»دېگەن.

    قۇلچاق تاجىك خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشاپ، ئەۋلادلارنىڭ تاشقۇرغاندىن ئىبارەت ۋەتەننىڭ بۇ مۇقەددەس زېمىنىنى ئەبىدىلئەبەد قوغدىشىغا ئىلھام بەرمەكتە.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى