ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىغا قوشقان تۆھپىلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2012 - يىلى 03 - ئاينىڭ 26- كۈنى 11:51   |    ئاپتور :  ھاكىم جاپپار  |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

                                                      

 تاتار خەلقى مەملىكىتىمىزدىكى تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى. تاتار خەلقى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئەسىرلەردىن بېرى بىللە ياشاپ كەلمەكتە. تاتار خەلقى مەملىكىتىمىزدىن باشقا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا تۇتىشىدىغان جايلاردا ياشىغاچقا، باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىغاندا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بۇرۇنراق تەرەققىي قىلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سانائىتى تەرەققىي قىلغان ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىغا كىرگەن. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرى يۈكسەلگەن. تاتارلاردا ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ سوكنو توقۇش، تېرە-كۆنچىلىك، مىس ئېرىتىش، كېمسازلىق قاتارلىق ھۈنەر-كەسپ كارخانىلىرى قۇرۇلغان.

    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تاتارلار ئىسلامىيەتتىن باشلاپ 20-ئەسىرگىچە ئەرەب يېزىقىنى، 1919-يىلىدىن كېيىن لاتىن يېزىقىنى، 1939-يىلىدىن كېيىن سلاۋيان يېزىقىنى قوللانغان. تاتار بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي قانداشلىقى، تىل ئورتاقلىقى، تېرىتورىيە تۇتاشلىقى، دىنىي ئېتىقاد بىرلىكى قاتارلىق تەرەپلەردە قويۇق مۇناسىۋىتى بار. تارىختىن بېرى ئارىلىشىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئۇرۇق-تۇققان، قۇدا بولۇشۇپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۆزگىچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە تاتار خەلقى مۇھىم رول ئوينىغان.

   

    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، تۇرپانلىق مەھسۇد مۇھىتى قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر زاتلار رۇسىيە تەۋەسىدىن كۆپلىگەن تاتار زىيالىيلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. 1913-يىلى رۇسىيە تەۋەسىدىن ھەيدەر ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنى ئەكەلدۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇرات ئەپەندىنى (1934-1853) قازاندىن تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. مۇرات ئەپەندى ئاۋۋال چۆچەك شەھىرىدە، 1929-يىلىدىن كېيىن تۇرپاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇ چاغدا تۇرپان ئاستانىدا «مەخسۇدىيە» نامىدىكى پەننىي مەكتەپ بارلىققا كەلگەن.

    ھۆرمەتلىك ئۇستاز گۈلەندەم ئابىستاي (1947-1889) يولدىشى مۇجىبۇللا ئابدۇللىن ئەپەندى بىلەن 1918-يىلى تۇرپان ئاستانىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىققا قىلغان. كېيىن چۆچەككە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، چۆچەكتە ئاتاقلىق «گۈلەندەمىيە» مەكتىپىنى بەرپا قىلغان. گۈلەندەم ئانىنىڭ جاھالەتنىڭ قارا چۈمبەردىسىگە سولانغان، قۇل ئورنىدا خارلانغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خانىم-قىزلىرىنى ئاشۇ زۇلمەتلىك دۇنيادىن قۇتۇلدۇرۇپ، يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇشتا تۆھپىسى زور.

    شۇ يىللاردا مەخسۇد مۇھىتى مۇجىبۇللا ئەپەندىلەر قاتارىدا ئوفا شەھىرىدىن ئەلى ئىبراھىم، ھېسامىدىن باۋى، ئابدۇللا لوقمانوۋ، نىغمەتۇللا شەيخى قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن.

    غەلى ئەپەندى (1947-1900) 1919-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، سېماپالاتىنسكىي شەھىرىگە كەلگەن. ئۇ بۇ شەھەردە شىنجاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەردىن تۇرپانلىق مەخسۇد مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن تۆگە كارۋانلىرى ئارقىلىق 1919-يىلى سىنتەبىردە تۇرپانغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ 1930-يىلى بۇرھان شەھىدى، ھەيدەر سايرانى، تۆمۈر غەلى ئىسھاقوۋلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1937-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان 6-مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇمچە تۈرلۈك مەخسۇس كۇرسلارنى ئېچىپ ۋە بۇ كۇرسلارغا مۇدىرلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۇنداقلا، بۇ مەخسۇس كۇرسلارغا دەرس بەرگۈچى سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رۇس تىلىدا تۈزگەن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. 1937-، 1938-يىللىرى ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئاقسۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. 1938-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. 1946-يىلى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى تەھرىر-تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە شۇ يىلى ئۆلكىلىك مەركىزىي تاتار مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1947-يىلى بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، غۇلجىغا كېلىپ تاكى ئازادلىققىچە غۇلجىدا تاتار مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان. غەلى ئەپەندى 1940-يىلى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945-يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئەلى ئەپەندى 1956-يىلىدىن كېيىن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1979-يىلى ئەلى ئەپەندىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەلى ئەپەندى 1929-يىلى تۇرپانلىق ئۇيغۇر قىزى پاتىمە رەخىموۋا بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئەر-ئايال ئىككىسىلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

 

 

    تاتار زىيالىيلىرىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەردىكى تۆھپىسىنى ئىلى رايونىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك كۆرگىلى بولىدۇ. 1920-يىللاردىن كېيىنلا ئىلى رايونىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىدا تاتار زىيالىيلىرىنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەلدى. غۇلجىدىكى ئاتاقلىق تاتار زىيالىيلىرىدىن خەبىب يۇنۇچى (1945-1908)، فەرىد ئابىدى، زەينەپ ئابىدى (1985-1904) غارىپ سىراجى، ماھىنۇر خانىم سىراجىۋا، مالىك بىكتېمىرۇۋ، فەرىخە ئەلى ئەكبەرۇۋا قاتارلىقلارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بۇلاردىن ھەبىب يۇنۇچى، مالىك بىكتېمىرۇۋلار گېرمانىيە ۋە تۈركىيەلەردە ئوقۇغان بولۇپ، بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى بىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە كىشىلەر ئىدى. قالغان ئىسمى ئاتالغانلارمۇ مول بىلىم-تەجرىبىگە ئىگە پىداگوگلار بولۇپ، رۇس تىلىنى بىلەتتى. مالىك بېكتېمىرۇۋ بىلەن فەرىخى ئەلى ئەكبەرۇۋالار ئىلى گىمنازىيەنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، مېنىڭ ئۇستازلىرىم ئىدى. مالىك ئەبزى ئالگېبرا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرنى، فەرىخە ئاپپاي بولسا، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە دەرسلىرىنى بېرەتتى.

    ھەبىب يۇنۇچى 1930-يىللاردىن باشلاپ ئاساسلىقى ئىلىدا گېزىتخانىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئېچىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ 1944-يىلى قۇرۇلغان يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلات ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ناھايىتى كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغانىدى. 1945-يىلى 2-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.

    1940-1950-يىللاردا غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قانچە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى تاتار زىيالىيلىرى ئىدى. مەسلەن: غۇلجا ئۆزبېك مەكتىپى («نەمۇنە» مەكتەپ ?C ھازىر غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ) نىڭ ئىلمىي مۇدىرى رەمزىيە خانىم، غۇلجا «شەرق» مەكتەپ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 11-باشلانغۇچ مەكتەپ) نىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئەلفىيە خەمىدۇۋا، «ئۈمىد» مەكتەپ ۋە «سايرامىيە» (ھازىرقى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ) لەردە 1920-يىلىدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچىلىق ۋە مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەن پېشقەدەم ئۇستاز زەينەپ ئابىدىۋا، غۇلجا قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان ماھىنۇر سىراجىۋا بىلەن رەئىسە كېرىمۇۋا، تاتار مەكتەپ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) نىڭ مۇدىرى كېرىم خالىد قاتارلىقلار.

    شىنجاڭدىكى ھازىرقى يۇقىرى ئۇنۋانلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلىرىنىڭ زور بىر قىسمى پېشقەدەم ئۇستازلىرىدىن ئېرىكچى يۇنۇچى، ئابدۇلھەي ئەختەمەۋ (1978-1918)، ۋاغى يولدابايېۋلارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئېرىكچى يۇنۇچى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتىدا ئىلى بىلىم يۇرتىدا، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا، ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان ۋە بۇ پەنلەردىن دەرس ئۆتكەن. ئابدۇلھەي ئەختەموۋ يېتىشكەن خېمىك بولۇپ، ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خىمىيە دەرسى ئۆتكەن. ۋافى يولدابايىۋ بولسا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقتىدا ئىلى بىلىم يۇرتىدا، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتلىرىنىڭ مەسئۇلى بولغان ۋە جۇغراپىيەدىن دەرس ئۆتكەن. مانا مۇشۇ تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق كۈچ چىقىرىشى بىلەن تارىختا تۇرپاندا «مەخسۇدىيە»، چۆچەكتە «ماھمۇدىيە»، «گۈلەندەمىيە»، ئىلىدا «ھۈسەينىيە»، «تۇرانىيە» ۋە «سايرامىيە» قاتارلىق يېڭىچە مەكتەپلەر قەد كۆتۈرگەنىدى.

    غۇلجا، ئۈرۈمچى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا مەكتەپ مائارىپىدىن باشقا، تاتار خەلقىنىڭ باشلامچىلىقىدا زامانىۋى سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرىگە بولغان تەسىرى زور بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتتىمۇ زور ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان. بولۇپمۇ ئاتاقلىق تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاي، ھادى تاقتاشلارنىڭ نامى كەڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا خېلى ئۇزۇندىن بېرى تونۇشلۇق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلىرى ئۇلارنى ئۇستاز تۇتقانىدى.

    شىنجاڭدا ھازىرقى زامان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يېيىشىدىمۇ تاتار خەلقى باشلامچى بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

    شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىشلىرىدىمۇ تاتارلاردىن چىققان بوغالتىر، ئىقتىسادشۇناسلار ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىپ، مالىيە بوغالتىرلىق كەسپلىرى بويىچە ئېچىلغان كۇرسلاردا دەرس ئۆتۈپ، مالىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلىگەن. ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە ئازادلىقتىن كېيىنكى بىر مەزگىلگىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئورگان، زاۋۇت، كارخانىلىرىنىڭ مالىيە ئىشلىرىدا نۇرغۇن تاتار ياشلىرى ۋە كادىرلىرى ئىشلەپ كەلگەن. مەسلەن: ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاققاس ھاجى ئىرشانۇۋ، مالىيە نازارىتىنىڭ باش بوغالتىرى ھەم بانكا باشلىقى، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ھۈسەيىن مۇراتۇۋ، ئىلى ۋە ئالتايلاردىكى ۋالىي مەھكىمىلىرىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن رەفقەت ئابزى، غىلاجىدىن ئابزى، سادىق دولاتوۋلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.

    تاتار خەلقىنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنى ئۇلارنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللي ئازادلىق كۈرەشلىرىدە ئوينىغان رولى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولدى. ھازىرقى زاماندىنلا ئالىدىغان بولسا، ئىلىنى مەركەز قىلىپ كۆرۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا ھەبىب يۇنۇچىنىڭ ئوينىغان رولى ھەممىگە مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن سەپدىشى، گېزىت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ئەسقەت ئىسھاقوۋ (1976-1921) نىڭ نامىنى ھەممىمىز ئىپتىخار-سېغىنىش ھېسسىياتىمىز بىلەن تىلغا ئېلىپ ئەسلەيمىز.

     ئەسئەت ئابزى پىشقان تەربىيەچى ھەم تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئەڭ كەمتەر، ئەڭ پاك-دىيانەتلىك، راست سۆزلۈك، ئاقكۆڭۈل يولداش ئىدى. مەن بىر مەزگىل ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بىللە ئىشلىدىم. ئۇنىڭ ئىشچانلىقىنى، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى، يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلىتىنى، توغرا ۋە ئادىل ئىستىلىنى دائىم ئەسلەپ، ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ كەلدىم.

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاتاقلىق گېنېرالى مەرغۇپ ئىسھاقوۋ، ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكلىرى ئايتۇغان يۇنۇچى، فوئات خەمىدۇۋ قاتارلىقلارنىڭ خەلق ئازادلىق يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ھەمدە نىلقىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدىكى پارتىزانلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە نامى چىققان، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى ئالاقزادە قىلغان خەلق باتۇرلىرى ئىچىدە تاتار خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن خەمىت مۇسلىمۇف (1944-يىلى 9-ئايدا نىلقا ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان)، فاتىخ مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىنلارنى دائىم ئەسكە ئېلىشىدۇ، ئەلۋەتتە.

    دېمەك، شىنجاڭ خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىدە بولسۇن، جۈملىدىن مەدەنىيەت-مائارىپ، مالىيە ئىشلىرىدا بولسۇن تاتار خەلقىنىڭ، تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئەمگىكى، سىڭدۈرگەن قان تەرى، قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك. تاتار خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرەشلەردە خەلقنى ئويغىتىش، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن ئۆچمەس خىزمەتلىرى سان-ساناقسىز. بىز شىنجاڭ تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ كىشىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز. ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. بۇ كىشىلەر شىنجاڭ تارىخىنىڭ سەھىپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشقا ھەقلىق.

                                            

                                                      

    «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 24-قىسمىدىن ئېلىندى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى