ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تارىخ ۋە تەزكىرە

نېستورىيانلارنىڭ قەبرە تاشلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13- كۈنى 11:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

 

    نېستورىيانلارنىڭ قەبرە تاشلىرى قەدىمكى قەبرە تاشلىرى. ئاساسەن ئىلىدىكى ئالمالىق قەدىمكى شەھىرىدە ئۇچرايدۇ. قەبرە تاشلىرى كۆپىنچە ياپىلاق تاشلاردىن ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 20~ 30 سانتىمېتر كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كرېست نەقىشى پېتىنغۇ شەكىلدە ئويۇلغان ھەمدە سۈرىيە يېزىقى چېكىلگەن. دەۋرى كۆپىنچە يۈەن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ قەبرە تاشلىرى توغرۇلۇق ئىلىم ساھەسىدە ئىككى خىل كۆز قاراش بار: بىرىنچىسى، ئۇلار 8-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە موڭغۇللارنىڭ نايمان قەبىلىسى ئىچىدە دىن تارقاتقان نېستورىيانلارنىڭ قەبرە تاشلىرى دېگەن قاراش. ئىككىنىچىسى، ئەسىردە ئسپانىيەدىن دىن تارقاتقۇچى باسكار بۇيرۇققا بىنائەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئالمالىق شەھىرىگە بېرىپ دىن تارقاتقان، قەبرە تاشلىرى مۇشۇ پائالىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت يالدامىسى، دېگەن قاراشتىن ئىبارەت.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە