باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> 地方法规

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-15 12:40

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    167 – نومۇرلۇق

    2011 – يىل 23 –مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 20 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش چارىسى›› مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، بۇنى ئېلان قىلدۇق، 2011 – يىل 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2011 – يىل 4 – ئاپرېل

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ چارە كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كۆچمەن ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

    2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدىكى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن كۆچمە ئاھالە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىن ئايرىلىپ باشقا مەمۇرىي رايوندا ئولتۇراقلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرگە قاراشلىق رايوندىن ئايرىلىپ شۇ شەھەرگە قاراشلىق باشقا رايوندا ئولتۇراقلاشقانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

    4 – ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتا باراۋەر، ئادىل بولۇش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، مۇۋاپىق يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەۋە جاي بويىچە باشقۇرۇش بىلەن دەرىجە، تارماق بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

    5 – ماددا كۆچمە ئاھالە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.

    6 – ماددا كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر:

    1) ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر سىياسەت، نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

    2) پىلانلىق تۇغۇت، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش ۋە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

    3) ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

    4) ساغلاملىق، ساقلىق ساقلاش ۋە قانۇنچىلىق تەشۋىقات – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش؛

    5) تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملاش، ئۆينى ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش؛

    6) كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش؛

    7) قانۇن، نىزام، قائىدىدە بەلگىلەنگەن باشقا ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش.

    7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى نىشانلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدە باراۋەرلىكنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى، كېتەرلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يىللىق خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مۇناسىپ ھالدا ئاشۇرۇشى لازىم.

    8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ چارە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    كوچا ئىش باشقارمىلىرى، يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

    ج خ، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، ئەدلىيە، مالىيە، مائارىپ قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە شەھەر مەھەللە باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى لازىم.

    9 – ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئالاقىدار تارماققا پاش قىلىش، ئەرز – شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. پاش قىلىش ئۇچۇرى ۋە ئەرز – شىكايەت قوبۇل قىلغۇچى تارماقلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئۆز تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە تارماققا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

    10 – ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى چەك قويۇش؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆچمە ئاھالىنى قانۇنلۇق قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ئارىلىشىش؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆچمە ئاھالىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە ھەق ئېلىش تۈرىنى تەسىس قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    11 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىشى ۋە تەقدىرلىشى لازىم.

    2 – باب كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش

    12 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆچمە ئاھالىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە جامائەت مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، جامائەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مەجبۇرىيەت مائارىپى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش، ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق جامائەت سىياسىتى جەھەتتە كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك قىلىش يېشى ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار كۆچمە ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا دائىر سىياسەت، نىزامدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تىزىملاش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشى لازىم.

    كۆچمە ئاھالە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھازىر تۇرۇشلۇق جايدا كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىش سالاھىيەت ئىمتىھانى، كەسىپ (كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش) سالاھىيەت ئىمتىھانى ياكى سالاھىيەت بېكىتىشكە قاتناشقاندا، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش باھالاش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىمتىھان ئالغۇچى، سالاھىيەت بېكىتكۈچى ئاپپاراتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كۆچمە ئاھالىنىڭ ئىمتىھان ۋە سالاھىيەت بېكىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

    14 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى كۆچمە ئاھالە بويىچە ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، تىزىملاش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن كۆچمە ئاھالە ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك ماجىرالىرىنى ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆچمە ئاھالىنىڭ ئەمگەك كاپالىتى بويىچە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

    15 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى تۇغۇت يېشىدىكى كۆچمە ئاھالە ئارىسىدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر سىياسەت، نىزام، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيەلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، تۇغۇت يېشىدىكى كۆچمە ئاھالىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە بىلەن ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

    16 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كۆچمە ئاھالە ئىچىدە ئاياللار – بالىلار ساغلاملىقى تەربىيەسى ۋە ئەيدىز، تۇبېركۇليۇز قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە بىلەن ئوخشاش ئىممۇنىتېتلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە كۆچمە ئاھالە مەركەزلەشكەن جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تازىلىقىنى قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى لازىم.

    17 – ماددا ناھىيە (شەھەر)دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقى كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىشنى شەھەر – يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۇرمۇشتا چىقىش يولى يوق كۆچمە ئاھالىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

    18 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى كۆچمە ئاھالىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتىنى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت ئىجارە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى لازىم.

    19 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ تارمىقى كۆچمە ئاھالىنى ئۆز جايىنىڭ مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مائارىپىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۆچمە ئاھالە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالە بىلەن باراۋەر قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

    20 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆچمە ئاھالىنى تىزىملاپ، نازارەت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلدى

مەركەزنىڭ 2013-يىللىق جامائەت مالىيە چىقىمى خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى ئۆتكۈزۈلدى

3333333333333333333333333333333333333333333

تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان سىناق شەھەرلەر كۆپەيتىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ئىران يادرو سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى، دېدى

ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش-تەمىنات مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلماقچى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئىنكار قىلدى

ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %70كە ئۆستۈرۈلىدىكەن

جۇڭگونىڭ دېڭىز چارلاش 21 ناملىق پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىدى

جۇڭگو بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ قويۇق بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

گەنسۇدا دالاي گۇرۇھى «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئەزالىرى تەشكىللەپ پىلانلىغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى

تۆتتىن بىر قىسىم شەھەردە تۇرالغۇ يەر باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى

ئا تىپلىقH1N1ۋىرۇسى بۇ قېتىملىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ باش سەۋەبكارى

2013-يىللىق چاغانلىق توشۇش 26-يانۋار باشلىنىدۇ، ئەتىدىن باشلاپ چاغانلىق توشۇش پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ

ھەممىباب جامائەت قاتنىشى كارتىسىنى باشقا جايدىمۇ كارتىلاشتىن ئۈمىد بار

مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمە چىقاردى: مىنىستىرلىق رەھبەرلەر مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىگە پىرىنسىپ جەھەتتە قاتناشمايدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号