ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تارىخ ۋە تەزكىرە

قۇمۇل ۋاڭلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2011 - يىلى 06 - ئاينىڭ 07- كۈنى 12:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : <<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر>>

    قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ  ئەجدادى تۇغلۇق تۆمۈرخانغا چېتىلىدۇ  . تارىخ 17 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ، 1644 - يىلى پۈتكۈل جوڭگونى ئۆزلىرىگە قارىتىدۇ . مانجۇ ئىستىبداتلىرى ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە مىللىي زۇلۇم يۈرگۈزىدۇ . بۇ دەل شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيەدە تۈبۈتلەر كونتروللىقىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى خانىدانلىقى ، جەنۇبىي شىنجاڭدا سەئىدىيە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى . سەئىدىيە خانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرەۈزىۋاتقان مەزگىلدىن باشلاپ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىسيانلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ خەلقنى ئەمىن ئېتىدۇ . 1605 يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 4 - سۇلتانى مۇھەممەتخان ( خاقانى ئەزىم ) خان نەسەبىدىن بولغان مۇھەممەت شاھبەگنى قۇمۇلغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ يىللاردا جۇڭغارلار قۇمۇلغا پات - پات ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى . مۇھەممەت شاھبەگ جۇڭغارلارنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ، ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىدۇ ، لېكىم مۇھەممەت شاھبەگ بۇ ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ سول قولىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن مۇھەممەت شاھبەگ مۇھەممەت غازى تارخانبەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ . مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ تارخانبەگلىك ئورنى ئوغلى ئەبەيدۇللاغا قالىدۇ . دېمەك ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ئاتىسى مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ قۇمۇلغا تارخانبەگ بولىدۇ .

    ئەبەيدۇللا تارخانبەگ: بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا 1696 - يىلى جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىڭ سۇلالىسىگە قارايدۇ . 1897 - يىلى ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى چوڭ گۇپا (ۋاپا) بەگنى بارىكۆلگە ئەۋەتىپ ، جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇلدىكى ۋەكىلى غالداننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا يالاپ ئاپېرىدۇ . شۇ يىلى 10 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلۈشى بويىچە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر قوشۇنى قىلىپ ئايرىيدۇ . ئەبەيدۇللانى 1 - دەرىجىلىك جاساق قىلىپ تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تارخانبەگلىك نامىنى ساقلاپ قېلىپ ، جاساق مۆھۈرىنى بېرىدۇ ، جىيەكلىك قىزىل تۇغ تەقدىم قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى گۇپا بەگنى 2- دەرىجىلىك بەگلىككە تەيىنلەيدۇ .  كاڭشى خان 1706 - يىلى ئەبەيدۇللانى بېيجىڭغا چاقىرىتىدۇ . ئەبەيدۇللا سەككىز ئۇيغۇرنى باشلاپ خان ئالدىغا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن بارىدۇ . شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم قۇمۇل قوغۇنى خانغا سوۋغا قىلىنىدۇ . خان بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ماختاپ ئۇلارغا نۇرغۇن ئىنئاملار بېرىدۇ . خاننىڭ پەرمانى بىلەن قۇمۇلنىڭ ئۇششاق تال دېگەن يېرىدە بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلىنى ياسايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ بۇ كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتۈشى تۈزۈم بولۇپ قالىدۇ .

    ئەبەيدۇللا بەگ شۇ قېتىم بېيجىڭدىن قايتقۇچە خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، قۇمۇلدىكى جاساق ئوردىسى (كونا شەھەر ئىچىدىكى تۆۋەن ئوردا) نى سالدۇرىدۇ . ئەبەيدۇللا بېيجىڭدىن قايتقاندىن كېيىن ، كاڭشى خان قۇمۇلدا شەھەر ئەتراپىغا سېپىل سوقۇپ ، مۇكەممەل بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان بېرىدۇ . يەنە ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپى بويىچە ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئادەم سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىدۇ . نەتىجىدە توقسۇن ، پىچاندىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى قارا دۆۋە ، لاپچۇققا ، ئاقسۇ ، كۇچادىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى توغۇچى ، جىگدە تەرەپلەرگە ؛ قەشقەر ، خوتەن ، يەركەنلەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئاستانە ، سۇمقاغىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . يەنە خان ئەبەيدۇللا بەگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتناش يول ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىچكىرىدىن چاقىلىققا ئۆتىدىغان يىپەك يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، قۇمۇل ئارقىلىق ئۆتىدىغان بۇرۇنقى چوڭ يولنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . ئەبەيدۇللا بەگ كاڭشىنىڭ 48 - يىلى ( 1709 - يىلى ) ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

    ئىمىن ۋاڭ . ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى 1709 - يىلى 4 - ئايدا 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن 3- ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئوردا خانى مەھەللىسى (تۆۋەن ئوردا) دە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ھەربىي ماھارەتتە پىشقان بولۇپ ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى . ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىپ مەشق قىلىش مەيدانى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئون موغا يېقىن جاينى ئىگىلىگەنىدى . 1715 - جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىدىن سەۋاڭ ئارابدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى مۇداپىئە قوشۇنىدىن 200 كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇرۇشتا ئىمىن ۋاڭ ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ . نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇب بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ ۋە كېيىن قېچىپ كېتىدۇ . كاڭشى خان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمىن ۋاڭ ۋە باشقىلارنى 15 مىڭ سەرتەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ . پۇقرالارغا ئاشلىق ، قوي ، كالا ، تۈرلۈك  رەخت ئىنئام قىلىدۇ . 1718 - يىلى ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى (1740 - يىلى) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ .

    يۈسۈپ ۋاڭ . تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ، چيەنلۇڭنىڭ 5 - يىلى ( 1740 - يىلى ) دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇمۇلنىڭ باسقاق بېگى بولىدۇ .1756 - يىلى تۇرپاندا جۇڭغارلار بىلەن بىرلىشىپ كۆتۈرۈلگەن ئىسياننى باستۇرۇشتا يۈسۈپ ۋاڭ خىزمەت كۆرسىتىپ خان تەرىپىدىن تارتۇقلىنىدۇ . 1758 - يىلى يەنە يۈسۈپ ۋاڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان جازا يۈرۈشكە قاتنىشىپ ، جەڭدە نەتىجە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن گاۋزۇڭ خان تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەمەل ئىنئام بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ، قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ .

    1760 - يىلى گاۋزۇڭ خان يۈسۈپ ۋاڭنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ پايتەختكە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ . خان ئۇلارنى نۇرانە سارايدا قوبۇل قىلىپ خاس تون ، تەڭگىلەر بىلەن تارتۇقلايدۇ . راھەتباغدا بىرقانچە قېتىم زىياپەت بېرىدۇ . يەنە خان يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ .

    1766 - يىلى 500 ئائىلىك دېھقان قۇمۇلدىن ئىلىغا دېھقانچىلىق قىلىشقا كۆچۈرىلىدۇ . 1767 - يىلى 12 - ئايدا يۈسۈپ ۋاڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلىشقا ماڭىدۇ . شەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە بارغاندا يۈسۈپ ۋاڭ چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ . ئىبراھىم دادىسىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە چېچەكنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇمۇ قازا قىلىدۇ .

    يۈسۈپ ۋاڭ ھايات ۋاقتىدا قۇمۇل شەھەر سېپىلىنىڭ شىمالىغا  توققۇز دەرۋازىلىق چوڭ ئوردىنى سالدۇرىدۇ ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى "ئابات باغ" نى ئارىتام ، باغداش باغلىرىنى بىنا قىلدۇرىدۇ . ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى سالدۇرىدۇ .

مۇھەررىر : Mirza

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە