ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تارىخ ۋە تەزكىرە

خۇاڭۋېنبى شىنجاڭ ئارخىئولوگىيىسىدە قازغان قەدىمكى پۇللار

يوللانغان ۋاقىت : 2011 - يىلى 05 - ئاينىڭ 30- كۈنى 12:32   |    ئاپتور : مۇھەممەد تۇراپ  |   مەنبە :

    ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر فىرافىسسورى ۋە ئارخېلوگى خۇاڭۋېنبى ئەپەندى ناھىيىتى جاپالىق شارائىتتا 1928-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە بولغان 30يىل داۋامىدا شىنجاڭغا كوپ قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۇرۇشكە كىلىپ،تەڭرى تېغىدىن ھالقىپ،چەكسىز كەتكەن بىپايان قۇملۇقنى كىسىپ ئۇتۇپ،نۇرغۇن خىيىم-خەتەرلەرگە باش ئەگمەي نەچچە ئونمىڭ چاقىرىملىق يول يۇرۇپ،ناھايىتى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن.‹‹قوچۇ توپلىمى››،‹‹تۇرپان ئارخېلوگىىيە خاتىرسى››،‹‹تارىم ئويمانلىغىنىڭ ئارخېلوگىىيە خاتىرسى››،(بۇ كىتاپنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئۇزەمدە بار)‹‹لوپنۇر ئارخېئولوگىىيە خاتىرسى››ۋە شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىىيەلىك تەكشۇرۇشتىن دوكلات ››قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇ بارغانلا يېرىدە قېزىۋالغان قىممەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جۇملىدىن قەدىمكى پۇللارنى رەتلەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلغان،ھەمدە شىنجاڭدىن قېزىۋالغان بۇ پۇللارنى تۇشۇكلۇك پۇل ۋە تۇشۇكسىز پۇل دەپ ئىككى تۇرگە ئايرىغان.

    تۇشۇكلۇك پۇلنى ئۇ بارغانلا يىرىدە ئۇچراتقان بۇلۇپ،ئاساسەن كۇچا،قاغىلىق ۋە خوتەندىن كوپرەك ئۇچراتقان ،سۇلالىلەردىن قارىغاندا،خەن سۇلالىسى،تاڭ سۇلالىسى،سوڭ سۇلالىسى،يۇەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق پۇللاردىن ئىبارەت.كۇچادىن قېزىۋېلىنغان پۇللاردىن غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ 5جۇلۇق پۇلى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلى- مىلادى 8-يىللار)،ۋاڭماڭ دەۋرىدىكى خەنزۇچە داچۇەن50خەتلىك ۋە خوچۇەن 50خەتلىك پۇللار(مىلادى 9-يىلى- 23-يىللار)،شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ 5جۇلۇق پۇلللىرى(مىلادى 25-يىلى- 220-يىللار)قاتارلىق پۇللار بار. خۇاڭۋېنبى ‹‹لوپنۇر ئارخېلوگىىيە خاتىرسى››ناملىق كىتاۋىنىڭ 133-بېتىدە:‹‹لوپنۇرنىڭ يېنىدىن 5قۇلۇق پۇللاردىن 600دانىدىن كوپەرەك پۇلنى تېپىۋالدىم،چوڭ -كىچىكلىگى ۋە شەكلى ئوخشاش بۇلۇپ،يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇيۇلغان پۇل ئىكەن››دەپ يازغان. خۇاڭۋېنبى يەنە ‹‹لوپنۇر ئارخېلوگىىيە خاتىرسى››ناملىق كىتاۋىنىڭ 107-بېتىدە:‹‹توقسۇ ناھىيىسىدىن جەنۇبى ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە تەئەللۇق كىچىك 5جۇلۇق پۇللارنى تېپىۋالدىم،تارىمنىڭ كەڭ رايۇنىدا زور مىقتاردىكى كۇسەن كىچىك مىس پۇلىنى يىغىۋالدىم،ئوڭ يۇزىگە خەنزۇچە 5جۇ دىگەن خەت،تەتۇر يۇزىگە كۇسەن يېزىغى چۇشۇرۇلگەن، بۇ خەن سۇلالىسى بىلەن يەرلىك مەدىنىيەتنىڭ بىرلەشكەن تىپى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ ››دەپ يازغان.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق پۇللار جەنۇبى شىنجاڭغا ناھايىتى كوپ تارقالغان بۇلۇپ، خۇاڭۋېنبى كەييۇەن توڭباۋ،چىەنيۇەن جوڭباۋ،دالى يۇەنباۋ،جەنجوڭ توڭباۋ ناملىق خەنزۇچە خەتلىك پۇللارنى يىغىۋالغان.كۇچا ناھىيىسىدىكى سۇبېشى قەدىمكى شەھەر خارابىلىغىدىن بىر قېتىمدىلا تۇرلۇك مىس پۇللاردىن 500دانىدىن كوپرەك بايقىغان. خۇاڭۋېنبى قاغىلىقتا سوڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق پۇللاردىن يۇز دانىگە يېقىن تېپىۋالغان .شايار ناھىيىسىدىن يۇەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق قەغەز پۇللارنى تېپىۋالغان .

    تۇشۇكسىز پۇللار-مىس ۋە كۇمۇچتىن قۇيۇلغان بۇلۇپ،نەقىش ۋە يېزىقلار بىر –بىرسىگە ئوخشىمايدۇ،تۇرىمۇ بىرقەدەر كوپ.مەسىلەن خوتەن خانلىغى قۇيغان خەنزۇ ۋە كارۇشتى يېزىغى چۇشۇرۇلگەن پۇل(ئات سۇرەتلىق خوتەن پۇلى)،مىستىن قۇيۇلغان بۇلۇپ،تۇشۇكسىز قېلىن پۇلدىن ئىبارەت.پۇلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاتنىىڭ مېڭىپ كىتىۋاتقان سۇرىتى،تەتۇر يۇزىگە خەنزۇچە يېزىق چۇشۇرۇلگەن بۇلۇپ،بۇخىلدىكى پۇللارنى خۇاڭۋېنبى ئەپەندى خوتەن دىيارىدىن كوپلەپ قېزىۋالغان.يەنە بىر خىل قاغىلىق مىس پۇلى بۇلۇپ،بۇ پۇل قىزىل مىستىن قۇيۇلغان،تۇشۇكسىز،شەكلى يۇمۇلاق پۇل ،ئۇنىڭغا ئاز سانلىق مىللەت يېزىغى چۇشۇرۇلگەن. خۇاڭۋېنبى ئەپەندى قاغىلىققا بارغاندا بىر قېتىمدىلا 100دانىدىن كوپرەك قېزىۋالغان.يەكەندە شەكلى ئۇرۇك مېغىزىغا ئوخشايدىغان بىر خىل مىس پۇلنى بايقىغان بۇلۇپ، بۇ خىل پۇل قىزىل مىستىن قۇيۇلغان،تۇشۇكسىز ،شەكلى يۇمۇلاق، بىرقەدەر نىپىز ،نەقىشلىرى ۋەيېزىقلىرى ئوخشىمايدىغان پۇل بۇلۇپ،10نەچچە تۇرگە يىتىدۇ. خۇاڭۋېنبى ئەپەندى يۇقۇرىدىكى تۇشۇكسىز قەدىمكى پۇللارنىڭ كوپۇنچىسى قەشقەر،يەكەن،خوتەن ئەتراپىدىن چىققان بۇلۇپ،11-ئەسىردىن باشلاپ،قەشقەردە قارىخانىلار سۇلالىسى قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىللەردە بۇ تۇشۇكسىز پۇللار مۇشۇ ۋاقىتتا قۇيۇلغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. خۇاڭۋېنبى ئەپەندى يەنە شىنجاڭدىن پىررۇسىيەنىڭ كۇمۇچ پۇللىرى قاتارلىق چەتئەللەرنىڭ نۇرغۇن پۇللىرىنى تاپقان.

    توقسۇ ناھىيىلىك خەلق بانكىسىدىن مۇھەممەد تۇراپ

مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە