ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2010 - يىلى 09 - ئاينىڭ 15- كۈنى 12:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە : www.seltenet.com .

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮ(ﻣﺎﺟﺎر)لار ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳﺎۋروﭘﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق دۆﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﻪر ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 93 ﻣﯩﯔ 30 ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮى ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻚ. ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻗﻮﻳﯘق ﻗﺎرﯨﻐﺎي، ﺋﺎرﭼﺎ دەرەﺧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯘ زﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪت، ﺳﯜﻳﻰ ﻣﻮل ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﻳﺎﻳلاﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻳﯘﻗﯩﺮى. دۆﻟﻪت زﯦﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ ﺋﺎرﺷﺎﯕﻠﯩﺮى ﺑﺎر، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮل. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە 19 ۋﯨلاﻳﻪت، 1 ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺷﻪﮬﻪر ﺑﺎر، ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯘداﭘﯧﺸﺖ.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮن 190 ﻣﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘپ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ 98 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻠﻮۋاك، ﻛﯩﺮود، ﺳﯧﺮﯨﺐ، ﺳﯩﻠﻮۋﯦﻦ، ﻧﯧﻤﺲ، ﺳﯩﮕﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﺎر. ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﺎﺟﺎرلار» دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑلاردا، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﻧﺎﻣﻰ «ﮬﻮﻧﮕﯩﺮﯨﻴﻪ»، «ﮬﻮﻧلار دۆﻟﯩﺘﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳلار ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ دﯦﮕﻪن دۆﻟﻪت ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ «ﮬﻮﻧلار» دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، دەپ ﺷﻪرﮬﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ.

    ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 1 _ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮى ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﮬﻮﻧلار ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺧﻪن ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ ﻟﻪﺷﻜﻪرﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﻗﺎ _ ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻛﯚﭼﯩﺪۇ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﮬﻪم ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮬﻮﻧلار ﻳﺎۋروﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 896 _ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﮬﻮﻧلار دوﻧﺎي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪت ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯘرت _ ﻣﺎﻛﺎن ﻗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ، ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 1000 _ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﺎﺗﯩﻠلاﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﻓﯧﺌﻮدال دۆﻟﻪت ﻗﯘرﯨﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ دۆﻟﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻗﯩﻴﺎﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎۋروﭘﺎدﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪل ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩلا ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﺎﺋﯩﺮى ﻓﯧﻴﺘﻮﻓﻰ: «ﻳﯩﺮاق ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪادلار ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن ﻳﯩﺮاق، ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، دوﻧﺎي دەرﻳﺎﺳﻰ ۋادﯨﺴﯩﺪا ﺑﯘ دۆﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘرﻏﺎن» دەپ ﻳﺎزﻏﺎن. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻦ ﺑﺎرﻏﺎن ﮬﻮﻧلارﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﺴﯩﻢ _ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ «ﺋﺎﺗﯩﻠلا» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە ﮬﻮﻧلار ﺑﺎش ﺗﯧﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎ 1 ﺑﺎﻏﭽﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯧﻴﺘﯩﺸلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎﺗﯩﻠلاﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪا ﺋﯩﻜﻪن. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدﯨﻜﻰ داﯕﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺷﺘﯩﻨﮭﺎج ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻤﯘ دەل ﮬﻮن ﺷﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪن.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﻴﺖ _ ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﺮى

    ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ: ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﺎرﭘﺎ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﯜزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﻘﺎب ﺗﺎﻗﺎپ ﻣﻮﻧﺎﺳﺘﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻗﻮﯕﻐﯩﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﺪۇ. ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻗﻮﯕﻐﯩﺮﯨﻘﻰ ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﻪﺗﺮاپ ﻗﺎﻳﻨﺎم _ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯚﻣﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، ﻛﻮﭼﯩلاردا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﺋﯘزۇن ﻛﺎﻧﺎﻳلارﻧﻰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺷﺎۋﻗﯘن _ ﺳﯜرەن ﺳﺎﻟﯩﺪۇ؛ ﺳﺎﻟﻴﻮت ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺟﯩﻦ _ ﺷﺎﻳﺎﺗﯘﻧلارﻧﻰ ﻗﻮﻏلاﻳﺪۇ. ﺋﯘلار «ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜن ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ» دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻪرز ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻳﺪۇ؛ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ؛ دورا ﻳﯧﻤﻪﻳﺪۇ؛ ﭘﯜﺗﯜن 1 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﻳﺪۇ.

    ﻛﯚﻛﻠﻪم ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ: ﺑﺎﮬﺎر ﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﯔ 1 _ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﻠﻪم (ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺶ) ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلار ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻚ دﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﺎﻳﺮاﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ 40 ﻛﯜﻧﺪە ﮔﯚش ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﺑﺎﻳﺮاﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 1 _ ﮬﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ 1 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﺳﯘ ﭼﯧﭽﯩﭗ، ﻣﺎل _ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻏﺎ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻣﯘ ﺋﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺟﺎۋاﺑﻪن ﺗﻮﺧﯘ، ﺗﯘﺧﯘم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

    ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ: ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ 8 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪم ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ دۆﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘرﻏﯘﭼﻰ ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﯜﺗﻜﯜل ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ. ﺑﻮﻟﻜﺎ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺑﯘﻏﺪاﻳﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﭘﯩﺸﯘرۇپ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ؛ ﻛﻮﭼﯩلاردا ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎچ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﻳﻪپ، ﺗﯩﻨﭻ _ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪارﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ، دوﻧﺎي دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪا ﺳﺎﻟﻴﻮﺗلار ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرۈﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ «ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘش ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ»، 3 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن «ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﺮى ﺑﺎر.

    ﻏﯩﺰا _ ﺗﺎﺋﺎم ﺋﯚرپ _ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻏﯩﺰا _ ﺗﺎﺋﺎﻣﻐﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﺳﯜت، ﻳﺎﯕﻴﯘ، ﻛﺎلا ﮔﯚﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﻮرۇﻣﯩلارﻏﺎ ﻣﯘچ، ﺳﺎﻣﺴﺎق، ﭘﯩﻴﺎز، ﻗﺎراﻣﯘچ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪم ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺗﺎﺋﺎﻣلاردﯨﻦ ﻗﻮرداق، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺷﻮرﭘﯩﺴﻰ ۋە ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻛﺎۋﯨﭙﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلار داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە _ ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎۋاز ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﭼﺎﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﻪدەﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ؛ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺗﺎﻣﺎق ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﯟاﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﮬﺎراﻗﻘﺎ زورلاﺷﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ.

    ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى

    ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ __ ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى. ﺋﺎت ﻣﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪۇر.

    «ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ «ﺋﺎت ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻧﯘﺳﺮەﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ۋۇﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﺎﺟﺎرلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﺎﺗﻘﺎ داﺋﯩﺮ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪر ﻛﯚپ. ﮔﻪرﭼﻪ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺋﺎت ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﺎش ﻗﻮراﻟﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ، ﻳﺎﻳلاق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎدروﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚز ﺋﻪۋزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪدە ﻳﺎﻳلاق ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎت ﻛﯚپ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﺪۇ.

    ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش __ ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﺴﯩﻤﯘ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪا ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮۋ ﺋﻮۋﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎن _ ﺳﯩﻨﺎﻗلاردﯨﻦ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن داﺋﯩﺮە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮۋ ﺋﻮۋلاش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ۋﯦﻨﮕﯩﺮلارﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘ ﺋﯜزۈش، ﻗﺎرﯨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ﻗﻮﻟﯟاق ﮬﻪﻳﺪەش، ﺳﯘ ﺗﻮپ ﺋﻮﻳﻨﺎش، ﺷﻪﻣﺸﻪرۋازﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر.

    _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _

    ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻤﯩلار:

    .1 «ﻳﻪر ﺷﺎرﯨﻐﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت»، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﻪﻳﻠﻪ _ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2005 _ ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى.

    .2 ﭼﯧﻦ ﻳﯧﻔﯩﯔ: «ﮬﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﻳﺎۋروﭘﺎدﯨﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ۋە ﮬﺎلاﻛﯩﺘﻰ» 2005 _ ﻳﯩﻞ «ﻳﻪر ﺷﺎرى ۋاﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»

    .3 «ﮬﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﮬﻮن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ» ﺷﯩﻨﺨﯘا ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ 2005 _ ﻳﯩﻞ 14 _ ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ.

    .4 ﻟﯩﻦ ﮔﻪن: «ﮬﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، 1986 _ ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮى.

    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: «ﻗﻪﺷﻘﻪر» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﺪﯨﻦ)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى