ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئۆزبېكلەر

يوللانغان ۋاقىت : 2010 - يىلى 05 - ئاينىڭ 05- كۈنى 13:03   |    ئاپتور :   |   مەنبە : www.seltenet.com

    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ، ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ 26 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق. ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن،  ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن  ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن  ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎن ،  ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن  ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎن  ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ، ﺳﻪﺋﯘدى ﺋﻪرەﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ، روﺳﯩﻴﻪ ، ﺋﯩﺮان ۋە ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 12 ﻣﯩﯔ 400 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﺎ ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ، ﭼﯚﭼﻪك ، ﻣﻮرى ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ، ﻳﻪﻛﻪن ، ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن . 1987 -ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻮرى ﻗﺎزاق ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪە داﻧﻪﻧﮕﻮ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن.

    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎر . ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻰ __ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرك ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﮬﻮن ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺗﯩﻞ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚپ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﺎلاﻗﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا لاﺗﯩﻦ ﮬﻪرﭘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪزﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ.

    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪردە ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق - ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯘلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪۇ . ﺋﺎﺗﺎ __ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ۋە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮەر ﻣﻪۋﻗﻪﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇﺷﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕلارﻧﻰ ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﺸﻰ ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪۇ.

    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪۇ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺰ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﻮﻏﯘل ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻜﻪ «ﺳﺎۋﭼﻰ » ( ﺋﻪﻟﭽﻰ) ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ رازﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەپ ﺗﻮﻟﯘق ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮي ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺗﻮي ﻣﻪرﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪۇ- 1 : ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﺘﻪ ﻧﯩﻜﺎھ ( ﺗﻮي ) ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪۇ؛ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎۋاﺑﻪن ﻣﻪرﯨﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ ، ﺑﯘ __ «ﭼﯩﻠلاش» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ ؛ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﻠﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ، ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﺳﺎلاﻣﻐﺎ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺑﯘ __ «ﻳﯜز ﺋﺎﭼﻘﯘ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ . ﺗﻮي ﻣﻪرﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﺎن ﻛﯜﻧﻰ ، ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪش ۋاﻗﺘﯩﺪا ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎۋاﺑﻪن «ﻳﺎر - ﻳﺎر» ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪۇ ، ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ، ﻧﺎزاﻛﯩﺘﻰ ، ﻣﯩﺠﻪز - ﺧﯘﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرۈپ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﻳﺪۇ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪرەپ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﻪپ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.

    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪك ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

    «ﺳﯩﻢ» __ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﯩﻴﻪك ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎن ﺋﯘزۇن ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﻮڭ ﭘﻪﺷﻠﯩﻚ ، ﺗﯜز ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯜﮔﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ، ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ « ﺗﻮن » دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ ، ﺗﻮن ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮔﯜﻟﻠﯜك رەﺧﺘﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﭘﻮﺗﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

    «ﺗﯘس دوﭘﭙﺎ» __ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎدام دوﭘﭙﺎ. ﺗﯚت ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ، ﺋﺎق ﺑﺎدام ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﮕﻪن ﺑﺎش ﻛﯩﻴﯩﻢ . ﺗﯘس دوﭘﭙﺎ ﭘﻪس ۋە ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، « ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ دوﭘﭙﺎ » ، « ﺧﯘﻧﺎﺑﻪ » دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺑﺎش ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮلا ﺧﯩﻞ ﻗﺎرا ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﻐﯩﺮ رەﯕﻠﯩﻚ ﻣﻪﺧﻤﻪل ، دۇﺧﺎۋا ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺪۇ . ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ دوﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﺸﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯧﺮى ، ﺋﯘلار دوﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨلاپ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ.

    ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺧﻮﺗﯘن - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮى ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﻠﻪﺳﺘﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﻳﺎرﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ ، ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ۋە داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﯜرﻣﻪ ﻛﯚﯕﻠﻪك ، ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻨﺠﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻗﻮل ﮬﯚﻧﻪرﮔﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى داﺋﯩﻢ دوﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯚرﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﺎﭘﺘﯘل ﭼﯧﭽﯩﻜﻰ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﻧﯧﭙﯩﺰ روﻣﺎل ﺳﯧﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ.

    ﺋﯚزﺑﯧﻜﻠﻪر ﺋﯜﺟﻤﻪ ، ﻛﯧﯟەز ﺋﯚﺳﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ، ﺑﻮﻳﺎش ، ﺗﻮﻗﯘش ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق زاﻣﺎﻧلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن داﯕﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺋﻪﺗﻠﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻟﯘش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯩﭙﺘﯩﻠﯩﻘﻰ ، رەڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚرﻛﻪم - ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘر.

    ﺋﯚزﺑﯧﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە « ﭘﯧﭽﻪن » ( ﭘﻪرۋەردە ) ، « ﺷﯩﺮﻣﺎن ﻧﺎن » ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪر ؛ رﯨﺸﺎﻟﻪ ، ﭘﻪﺗﺎﺳﻰ ، ﭘﻪﺷﻤﻪك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪر ؛ ﻗﻮۋۇرداق ، ﺋﺎش ( ﭘﻮﻟﯘ ) ، ﻧﺎرﯨﻦ ﭼﯚپ ، ﻛﺎۋاپ ، دۈﻣﻠﯩﻤﻪ ، دۇرﻣﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣلار ۋە ﻣﻪﺳﺘﺎۋا ، ﻣﺎش ﻛﯩﭽﯩﺮ، ﺋﯜﮔﺮە ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻣلار ﺑﺎر.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى