ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

تاتار مىللىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2010 - يىلى 05 - ئاينىڭ 05- كۈنى 12:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : www.seltenet.com

    ﺗﺎﺗﺎرلار ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى. ﺋﯘلار ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ۋە ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎراﺗﺘﻰ. ﺗﺎﺗﺎر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﯩﺘﻰ ۋە ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ، ﺳﻮدا - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت، ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪس ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ.

    «ﺗﺎﺗﺎر» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﺳﯚز ﺗﻮﯕﮕﯘﺳﭽﻪ ﺳﯚز ﺑﻮﻟﯘپ، «ﻛﻪﭘﻪ» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. «ﺗﺎﺗﺎر» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﻧﺎم ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜرك ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﻪردە «ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺗﺎﺗﺎر»، «ﺋﻮﺗﺘﯘز ﺗﺎﺗﺎر» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن .

    ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎرلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮنىنىڭ ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ، ﺋﺎﻟﺘﺎي ، ﭼﯚﭼﻪك ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ۋﯨلاﻳﻪت - ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ۋە ﮔﯘﭼﯘڭ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﻤﻪ ﺗﺎﺗﺎر ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 4 ﻣﯩﯔ 890 .

    ﺗﺎﺗﺎرلار دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، روﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﺎرﯨﺴﺘﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن، ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن، ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎن، ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن، ﺋﻮﻛﺮاﻳﯩﻨﺎ، ﺑﯧﻠﯩﺮوﺳﯩﻴﻪ، ﻟﯩﺘﯟا، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ، ﭘﻮﻟﺸﺎ، روﻣﯩﻨﯩﻴﻪ، ﺑﯘﻟﻐﺎرﯨﻴﻪ، ﻓﯩﻨلاﻧﺪﯨﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺑﺮازﯨﻠﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﺋﺎۋﺳﺘﺮاﻟﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن . ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن 8 ﻣﯩﻠﻴﻮن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا.

    ﺗﺎﺗﺎر ﺗﯩﻠﻰ - ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﭙﭽﺎق ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺗﺎﺗﺎرلار ﺋﯚز ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜرك ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ (ﺗﯜرك - روﻧﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘرﺧﯘن - ﻳﻪﻧﺴﻪي ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ)، ﺳﯜرﯨﻴﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، ﺋﻪرەب ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎي ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، ﺋﻪرەب ﺋﯧﻠﯧﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎر ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، لاﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎر ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، رۇس ﺋﯧﻠﯧﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎر ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن.

    ﺗﺎﺗﺎرلار ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪك، ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﺗﻮي - ﺗﯚﻛﯜن ، ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮام، ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ، ﺋﯚﻟﯜم - ﻳﯧﺘﯩﻢ ، ﭘﻪرﮬﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﺋﯚرپ - ﺋﺎدەت ۋە ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧلارﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن.

    ﺗﺎﺗﺎر ﺋﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﻗﺎرا ﺗﻪﻗﯩﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺸﯩﻞ، ﻗﯩﺰﻏﯘچ، ﺑﯧﻐﯩﺮرەڭ ﮔﯜل ﭼﯧﻜﯩﻠﮕﻪن، ﺷﯩﺮﯨﭗ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن ﺗﻪﻗﯩﻴﻪﻟﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﭼﻮﯕلار ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺳﻮل ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎق ﻛﯚﯕﻠﻪك، ﻗﺎرا ﺟﯩﻠﯩﺘﻜﻪ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﻳﺎﺷلار ﺋﺎق ﻗﺎﻳﺮﯨﻤﺎ ﻳﺎﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻐﺎ، ﻳﻪﯕﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﮬﻪرﺧﯩﻞ رەﺧﺘﻠﻪردﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن، ﻛﯚك، ﻛﯜﻟﺮەڭ، ﺟﯩﮕﻪر رەڭ، ﻗﺎرا رەﯕﻠﯩﻚ ﺷﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜك ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﺒﻠﯩﺖ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘزۇن ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﭘﻪﻟﺘﻮ، ﭘﻪﺷﻤﻪت ۋە ﺗﯜﻟﻜﻪ، ﻗﻮي ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﯟاﻧلارﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻣﻪرۋاﻳﯩﺘﺘﯩﻦ ﮔﯜل ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﯚﺑﻪﺗﻪي، ﻗﺎﻟﻐﺎق ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﻗﯩﺰلار ﻣﻪرۋاﻳﯩﺘﺘﯩﻦ ﮔﯜل ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﻪﻗﯩﻴﻪ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻳﺎش ۋە ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎن ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺗﯚﺑﻪﺗﻪي ۋە ﻗﺎﻟﻐﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚرﺗﻤﻪﺷﺎل ﺋﺎرﺗﯩﯟاﻟﯩﺪۇ. ﮔﯜﻟﻠﯜك، ﺳﯩﺪام رەﺧﺘﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯘزۇن، ﭘﯜرﻣﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪن ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ، ﺗﻮﭘﻠﯩﻲ، ﭼﯧﺘﯩﻚ، ﺋﯚﺗﯜك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎغ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ.

    ﺗﺎﺗﺎرلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﻮرﭘﺎ، ﺷﻮرﭘﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣلار، ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ، ﻗﯩﺰدۇرﻣﺎ (ﻗﺎﻗلاﻧﻤﺎ)، ﮔﯘﺑﻪدﯨﻴﻪ ۋە ﺑﻪﻟﯩﺶ، ﭘﻪرەﻣﻪچ، ﺳﻮﻣﺴﺎ، ﺑﻮﻛﻜﻪن، ﮔﯚﺷﻠﯜك ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﺎ، ﻗﻮﻟﺪاﻣﺎ ۋە ﺳﺎﻟﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟە ﺷﯧﺮﻧﯩﻠﯩﺮى، ﻣﯘراﺑﺒﺎﻟﯩﺮى، ﭘﯩﺮەﻧﯩﻜﻠﻪر، ﺑﺎﻗﺎﻟﻰ، ﺗﻮرﺗلار، ﻗﺎﻗﻠﯩﻖ ﭼﺎي ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮى، ﻗﺎلاچ - ﺗﻮﻗﺎﭼلارﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺗﺎﺗﺎرلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮى ۋە ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮى ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻟﻪززەﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﻣﻪززﯨﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺷﯧﺮﯨﻨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪم ۋە ﮬﯘزۇر ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎﺋﺎم ۋە ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى.

    ﺗﺎﺗﺎرلار روزى ﮬﯧﻴﺖ ۋە ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺮاﻣلارﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﺎﺗﺎرلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻛﻪڭ ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ __ «ﺳﺎﺑﺎن ﺗﻮي»( «ﻗﻮش ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻳﻰ» دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ )ﻧﻰ داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ.

    ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺗﺎﺗﺎر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺠﺎدﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎراﺳﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ۋە ﻣﻪرﯨﭙﻪﺗﭙﻪرۋەرﻟﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚم - ﺋﯩﻨﺎق ﻳﺎﺷﺎپ ، دۇﻧﻴﺎ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى