ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

شىبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇت نىشانى

يوللانغان ۋاقىت : 2010 - يىلى 04 - ئاينىڭ 09- كۈنى 16:02   |    ئاپتور :   |   مەنبە : www.seltenet.com

    

    ﺷﯩﺒﻪﻟﻪر ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ۋە ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﯘلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻟﻴﺎۋﻧﯩﯔ، ﺟﯩﻠﯩﻦ ، ﺧﯧﻴﻠﯘﯕﺠﻴﺎڭ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪردە ۋە ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ  ﭼﺎﭘﭽﺎل ﺷﯩﺒﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺋﺎز ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن .

     ﺷﯩﺒﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎر، ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺷﯩﺒﻪ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘ - ﺗﻮﯕﮕﯘس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
     ﺷﯩﺒﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﯘرﻏﯘن زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ، ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ، ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯩﺒﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﻣﻮل ۋە ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺟﯘداﻟﯩﻖ ﻛﯜﻳﻰ»، «ﺋﯜچ ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ» ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ژاﻧﯩﺮدﯨﻜﻰ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪردە ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎپ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ۋە ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎرزۇﻟﯩﺮى ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪن. ﺷﯩﺒﻪﻟﻪر ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘزﯨﻜﯩﻠﯩﺮى ﻳﺎرﻗﯩﻦ ۋە ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ.
     ﺋﺎت ﻣﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺷﯩﺒﻪ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪر ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪر ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﯘﺷﻘﯘن، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺎت ﻳﺎﻳﺪۇرۇﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺷﯩﺒﻪﻟﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﺮى ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎردﯨﻦ ﺋﻮرۇن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى.
     ﺷﯩﺒﻪﻟﻪر ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪا «ﻏﻪرﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜش» ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺧﻪﻧﺰۇلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮاﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
     ﺷﯩﺒﻪﻟﻪر ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ، ﺋﺎت ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘلارﻏﺎ ﮬﻪﻣﺮا ھ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪرﻳﺎﻧلارﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜرﮔﻪن. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘلار ﺋﺎق ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘت ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
   «ﭼﻪۋەﻧﺪاز ﻣﻪرﮔﻪن» ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ «ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ» ﭘﯘﻗﺮاﺳﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ «ﺗﻪرﺟﯩﻤﺎن» ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘلار ﺗﯩﯟﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎق ﺋﺎت ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺟﻪرﻳﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى