ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2010 - يىلى 04 - ئاينىڭ 09- كۈنى 16:00   |    ئاپتور : گۈلنار مامىربېك     |   مەنبە : www.seltenet.com

        ﻗﺎزاﻗلار ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا، ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن، ﺗﯜرﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎن، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ، روﺳﯩﻴﻪ، ﺋﯩﺮان، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 11 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪۇ.
   ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﻰ ﻗﺎزاﻗلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻰ، ﺗﺎرﺑﺎﻏﺎﺗﺎي، ﺋﺎﻟﺘﺎي ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ۋﯨلاﻳﻪﺗﺘﻪ ۋە ﻣﻮرى، ﺑﺎرﯨﻜﯚل ﻗﺎزاق ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ، ﺳﺎﻧﺠﻰ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. ﺋﺎز ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎي ﻗﺎزاق ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن. 2000 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﺪا، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 250 ﻣﯩﯔ 500 ﺑﻮﻟﻐﺎن.
   ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎر. ﻗﺎزاق ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﮬﻮن ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ، ﺋﻪرەب ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎزاق ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
   ﻗﺎزاﻗلار ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻳﺎﻳلاق، ﺳﯘ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﮬﺎزﯨﺮ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎزاق ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮬﻪم ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﮬﻪم دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﺰا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرﻟﯜك ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.
  ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﻮل ۋە ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ، رﯨﯟاﻳﻪت، ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت، ﺑﺎﻟﯩلار ﭼﯚﭼﯩﻜﻰ، ﻣﺎﻗﺎل - ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ۋە ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﺋﯘلار «ﺋﯚﻟﻪڭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺶ» ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﺎرﯨﺨﻰ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ۋە ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘزﯨﻜﺎ ۋە ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻠﯩﺮى روﺷﻪن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ دوﻣﺒﯩﺮا، ﻗﻮۋۇز ۋە ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﺎر.
   ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﺪە ﮔﯚش ۋە ﺳﯜت ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ «ﺑﺎۋۇرﺳﺎق»( ﺑﻮﻏﯘرﺳﺎق)ى ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪم ۋە ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻗﺎزاﻗلار ﺋﺎدەﺗﺘﻪ  ﺳﯜﺗﻠﯜك ﭼﺎي ۋە ﻗﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜﺗﻠﯜك ﭼﺎي ﺗﯘﺗﯩﺪۇ، ﺳﯜﺗﻠﯜك ﭼﺎﻳﻐﺎ ﻧﺎن - ﺑﻮﻏﯘرﺳﺎﻗلارﻧﻰ ﺗﯚﮔﯜرۈپ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ «ﻛﯚﭘﻪ»ﺳﻰ _ ﺗﯚﮔﻪ ﻳﯘﯕﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻮن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﮬﻪم ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻗﺎزاق ﻗﯩﺰﻟﯩﺮى ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﯩﻚ دوﭘﭙﺎ __ «ﺗﺎﻗﯩﻴﺎ»ﻏﺎ ﺋﯜﻛﻪ ﻗﺎدﯨﻠﯩﺪۇ.
  ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ. ﺋﯘلار ﻳﯜزﺗﯘراﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯚي ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎل - ﭼﺎرۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﺷﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ؛ ﻣﺎل ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎرﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗلاپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ، ﻗﻮي ﺗﻮﭘﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ؛ ﻳﯜزﺗﯘراﻧﻪ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ «ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪك ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ» ﺋﯩﻜﻪن دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ «ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﺗلاﻗﺘﻪك ﺳﯧﻤﯩﺰ» ﺋﯩﻜﻪن دﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ،  ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﯚزﻟﻪر ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﯘلاردا ﻳﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘدۇل ﺋﺎﺗﺎپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ...
   ﻗﺎزاﻗلار ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﺎق ﻗﯘﻧﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪپ، ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘش، ﻗﯘت ﻧﯩﺸﺎن، دەپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜزۈم ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا، ﻗﺎﻧﺪاق زاﻣﺎن، ﻗﺎﻧﺪاق دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺋﺎق ﻗﯘﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺗﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚزﮔﻪرﻣﻪي ﻛﻪﻟﺪى. ﻗﺎزاﻗلار ﺋﺎق ﻗﯘﻧﻰ ﺋﯚز ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏلاﻳﺪۇ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﻧﯘرﻏﯘن رﯨﯟاﻳﻪت، ﺷﻪﺟﻪرﯨﻠﻪر ﺑﺎر. ﺋﺎق ﻗﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯘﻣﺒﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎۋازى ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪم ﻳﺎﯕﺮاق ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﻧﺎزاﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘش. ﻗﺎزاﻗلار ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ - ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﺎق ﻗﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرەﺗﻠﯩﺴﻪ، ﺋﺎق ﻗﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎۋازﯨﻨﻰ ﻣﯘﯕﻠﯘق ﺋﺎۋازﻧﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ، دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﺎق ﻗﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﺋﯚرﻧﻪك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﺎزاﻗلار ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن، ﺋﺎق ﻗﯘﻏﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻧﻐﺎن ﺋﯩﺸﻖ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ۋە ﮔﯜزەل ﻛﯜﻳﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرۇﻧﺪاﻟﻐﺎن ﺋﯘﺳﺴﯘﻟلارﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ۋە ﺋﺎق ﻗﯘﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪپ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘت ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
   ﺋﺎق ﻗﯘ __ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك، ﺋﺎدﯨﻠﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﺎپ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ، ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻘﻨﯩﯔ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
   ﻗﺎزاق ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﺑﺎي ﻗﯘﻧﺎﻧﺒﺎي، ﺋﻪﺧﻤﻪت ﺑﺎﻳﺘﯘرﺳﯘن، ﻣﯘﺧﺘﺎر ﺋﻪۋﯨﺰوپ، ﻣﯘﺧﺘﺎر ﺷﺎﺧﺎﻧﻮﭘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺋﻪدﯨﺐ،    ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر، ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮلار ﺋﯚﺗﻜﻪن.


    (ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪا)

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى