ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

قىرغىزلار ۋە «ماناس» ئېپوسى

يوللانغان ۋاقىت : 2010 - يىلى 04 - ئاينىڭ 09- كۈنى 15:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : www.seltenet.com

    ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ، ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى . ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻠﺴﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم ﺋﻮﺑلاﺳﺘﯩﺪا ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن، ﺋﺎز ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ دۆرﺑﯩﻠﺠﯩﻦ ، ﺗﯧﻜﻪس ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ۋە ﺧﯧﻴﻠﯘﯕﺠﻴﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﯘﻳﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ( ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن 1000 دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻧﻮﭘﯘس ) ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن .

 

    ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﺎر . ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﭙﭽﺎق ﺗﯩﻞ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ . ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 7 - ، 8 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردە ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟلاﻧﻐﺎن ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮرﺧﯘن ، ﻳﯧﻨﺴﻪي ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟلاﻧﻐﺎن . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪرەب ، ﭘﺎرس ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﭼﺎﻏﺎﺗﺎي ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن ﮬﻪم ﭼﺎﻏﺎﺗﺎي ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎد ﻗﯩﻠﻐﺎن .

    ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﺪا ﮔﯚش ، ﺳﯜت ، ﺳﯧﺮﯨﻘﻤﺎي ۋە ﺑﯘﻏﺪاي ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ ؛ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯘڭ - ﺗﯧﺮﯨﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﻮن ۋە ﻛﯚﯕﻠﻪك - ﻳﻮﭘﻜﯩﻠﯩﺮى ﭼﻮڭ ﺳﯜﭘﻪت ﮬﻪم ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ؛ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪا ﻗﻮي ﻳﯘﯕﻰ ، ﺗﯚﮔﻪ ﻳﯘﯕﻰ ۋە ﻗﻮﺗﺎز ﻳﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪڭ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ .

    ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯘراﺳﯩﻤلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ .

    ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻮل ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرادا ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. « ﻣﺎﻧﺎس » __ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ - ﺋﻪۋلادﻗﺎ ﺋﺎﻏﺰاﻛﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ داﺳﺘﺎن ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪۇر . « ﻣﺎﻧﺎس » ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 200 ﻣﯩﯔ ﻣﯩﺴﺮادﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن . « ﻣﺎﻧﺎس » __ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﯧﭙﻮﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا 1 - ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎر ، ﺑﯘلار ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﺎش - ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻣﺎﺳلاﺷﻘﺎن ، ﭘﯜﺗﯜن ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﮔﻪۋدە ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ - 1 . ﻗﯩﺴﻤﻰ ﭘﯜﺗﯜن داﺳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﯩﺴﻤﻰ ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻣﻪزﻛﯘر ﺋﯧﭙﻮﺳﻨﯩﯔ ﺟﻪۋﮬﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎن ﻣﺎﻧﺎﺳﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ ، ﺋﯚﺳﯜپ - ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن - 2 . ﻗﯩﺴﻤﻰ « ﺳﻪﻣﻪﺗﻪي » ، 3 - ﻗﯩﺴﻤﻰ « ﺳﻪﻳﺘﻪك » ﺑﻮﻟﯘپ ، ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻤلار ﻣﺎﻧﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ۋە ﻧﻪۋرﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ، ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻪش ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘلاردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﻪش ﺋﻪۋلاد ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﻪرﮔﯜزەﺷﺘﻠﯩﺮى ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت .

    ﻗﯩﺮﻏﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺑﻪدﯨﺌﯩﻲ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪر ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ زۇﻟﯘﻣﻐﺎ ، ﺗﺎﺟﺎۋۇزﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﻛﯜرەﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯧﻤﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻮل ، ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﺋﻪﮔﺮى - ﺗﻮﻗﺎي ۋە ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ، ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎددﯨﻲ . داﺳﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜرەك ﺗﺎرﯨﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻐﺎن ﺷﯧﺌﯩﺮلاردا ، ﮬﻪم ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎزاب - ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﺘﻪ رﯨﻴﺎزەت ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە ﮔﯜزەل ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮى ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن ، ﮬﻪم ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ زوراۋاﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎش ﺋﻪﮔﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاﺷﺘﻪك ﺑﺎﺗﯘراﻧﻪ روﮬﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﻟﻐﺎن ، ﺑﺎﺗﯘر ﺋﻮﻏلاﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ، ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻳﯘرﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪن . « ﻣﺎﻧﺎس » ﺑﯩﺮ ﺋﯧﭙﻮس ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ، ﺟﯩﺪدﯨﻲ ۋەﻗﻪﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎن ؛ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺳﯜرەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازى رﯨﯟاﻳﻪت ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ، « ﻣﺎﻧﺎس » ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ، ﺋﯘزاق زاﻣﺎﻧلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ - ﺋﻪۋلادﻗﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .

    ( ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﺪى )

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى