ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيى

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 13- كۈنى 11:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرى، ئادەتتە ئۆگزىسى تۈز، تۆت چاسا كېسەك، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولىدۇ. تەبىئى شارائىت تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭ ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىدە سەل پەرق بار. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھۆل-يىغىن مىقداى ئاز بولغاچقا، ئۆي قۇرۇلمىسىدا تورۇسقا ئاز مىقداردا ياغاچ ئىشلەتكەندىن سىرت، تۆت تامنىڭ ھەممىسىگىلا كىسەك ئىشلىتىپ، تورۇسقا تۈڭلۈك چىقىرىلىدۇ. بۇ خىل «كېسەك ئۆي» سىرتتىن قارىغاندا ئۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئالغاندا نىسبەتەن كارغا يارايدىغان ئۆي ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، ھۆل يىغىن كۆپ بولغاچقا، ئۆي قۇرۇلمىسىدا كۆپرەك خىش ئىشلىتىدۇ، ئۆگزىسى قىيپاش بولۇپ، ئۆيگە دېرىزە ئىچىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆيلەردە يامغۇر، قارلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسان، ھەم مۇستەھكەم، ئىسسىق بولغاچقا، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆي قۇرۇلمىسى ئاساسەن، «سوقما تام» (توپىدىن خاڭدالغان)، چىتلاق تام ۋە كېسەك تامدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. «سوقما تام» ئادەتتە تۇرالغۇ ئۆي ئەتىراپىدىكى توپا لاي قىلىنىپ، تام قوپۇرۇلىدۇ. تامنىڭ ئۇلى بىر مېتىر قېلىنلىقتا، ئۈستى ئالاھەزەل يېرىم مېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. تام قۇرۇغاندىن كېيىن ئۆگزە يىپىلىدۇ. لىم، چەڭزە ئۈستىگە قۇمۇش، بورا يىپىلىدۇ. ئاندىن لاي سېلىنىدۇ. بۇنداق ئۆيلەرنىڭ لەمپىسى، دېرىزىسى بولمايدۇ، تۈڭلۈك قويۇلىدۇ. چىتلاق ئۆي دەرەخنىڭ شاخ-شۇمبىلىرىدىن چىتلاق توقۇلۇپ، تام قورىلىدۇ. ئاندىن چىتلاقنىڭ ئىچى-سىرتى لاي بىلەن سوۋۇلىدۇ. تامنىڭ تۆت تەرىپىگە تۈۋرۈك قويۇلۇپ، ئۆگزىگە لاي سېلىنىدۇ. بۇ بىر خىل قەدىمىي شەكلىدىكى ئۆي قۇرۇلما شەكلى بولۇپ، ھازىر ناھايىتى كام ئۇچرايدۇ. كېسەك ئۆي كېسەكتىن تام قۇپۇرۇلۇپ، ئىشىك، دېرىزە قويىلىدۇ. لاي بىلەن تامنىڭ ئىچى-سىرتى سىلىق سوۋۇلىنىدۇ. ھاك بىلەن ئاقارتىلىدۇ. بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ لەمپىسى بولمايدۇ. ئۆينىڭ ھۇجرالىرى چوڭ ھەم كىچىك بولۇپ يورۇق، ئازادە بولىدۇ. بۇ ھازىر ئومۇملاشقان ئۆي سېلىش شەكلى.

    ئۇيغۇرلار گەرچە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان مىللەت بولسىمۇ، لېكىن باقمىچىلىققا بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئۆز تۇرالغۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق ئەسۋابلىرى، ئاشلىق غەملەپ قويۇشقا، يەنە بىر تەرەپتىن كالا ئېغىلى، قوي قوتىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇسى كۆپ ھاللاردا ھويلا ۋە ياتاق ئۆيدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ياتاق ئۆي ئاساس قىلىنىدۇ. ھويلىغا قارىغان ئۆي ئالدىغا لەمپە قىلىپ، لەمپە ئاستىغا تولىراق سۇپا ياسىلىپ، ياز كۈنلىرى ئارام ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ.

    ياتاق ئۆيلەر بىر-بىرىگە تۇتاشقان ھالدا مېھمان ئۆي، ئايۋان ياكى دەھلىز ئۆي، ياتاق ئۆي ۋە ئاشخانا دەپ ئايرىلىدۇ. ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئەتىراپىغا ياغاچتىن رىشاتكا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە دائىم دىگۈدەك مىۋە-چىۋە، ئاشلىق ۋە پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ. ئادەتتە تۇرالغۇ ئۆي ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ ئېغىز، كۆپ بولغاندا بەش، ئالتە ئېغىز بولىدۇ.

    ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى چاسا شەكىللىك بولۇپ، ھۇجرىلار رەتلىك، ئىشىك ئوتتۇرىغا ئېچىلىدۇ. ھۇجرىنىڭ ئوتتۇرىسى مېھمانخانا بولۇپ چوڭراق بولىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە كېسەكتىن ياسالغان يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە ئۈچ تەرىپى تامغا تۇتاشقان، كۆلىمى چوڭراق كاڭ ياسىلىدۇ. بۇ كاڭدا ئون، يىگىرمە ئادەم ياتالايدۇ. كاڭغا بورا، كىگىز ياكى گىلەم سېلىنىدۇ. تامغا رەڭلىك رەختتە زەدىۋال ياكى گىلەم تارتىلىدۇ. بۇ ئۆي ياتىدىغان، مېھمان كۈتىدىغان جاي، كاڭنىڭ بىر تەرىپىگە ياغاچتىن ياسالغان ساندۇقلار قويۇلۇپ، ئۈستىگە ياتقان، كۆرپە، ياستۇقلار تىزىپ قويىلىدۇ. مېھمانخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يان ھۇجىرىلار بولۇپ، ئىشىكلىرى مېھمانخانىغا ئۇدۇل بولىدۇ، بىر ئېغىزى ياتاق ئۆي، بىر ئېغىزى ئاشخانا ئۆي، ئاشخانىدىكى كاڭ ئىسسىق بولۇپ، قىشتا چوڭلار ياكى ئۆيدىكىلەر ئىسسىنىپ، ئارام ئالىدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۆينىڭ بىر تەرىپىگە بىر، ئىككى ئېغىز ئامبار قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاساسەن ئاشلىق، پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى قويىدۇ. ئۆي ئىچى تاملىرىغا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاشمىغان، ھەر خىل نۇسخىلاردا ئۇيۇق قىلىپ، پۈتۈن تام بىلەن بىر گەۋدە قىلىنىپ، ئۇنىڭغا يوتقان-كۆرپە، قاچا-قۇچىلار، يىمەكلىك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قويۇلىدۇ. بەزى ئۇيۇقلار ناھايىتىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن گىئومېتىريىلىك شەكلىللەردە ياسالغان بولۇپ، ھەم كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قويىدىغان، ھەم ئۆيگە زىننەت كىرگۈزۈدىغان سەنئەت بويۇمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يەنە تامغا گىلەم تارتىش ۋە گەج نەقىشلەرنى قىلىشقا ئامىراق. ياتاق ئۆيگە تاممەش سالىدۇ. يۇقىرى تەرىپى مورا، ئاستى پۇتلۇق مەش بولۇپ، كىسەكتىن تامغا يۈلەپ ياسىلىپ قىش پەسلىدە ئىسسىنىشقا ھەم چاي قاينىتىش، تاماق ئېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. كۆمۈر قالايدىغان مەشنىڭ ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ «تاممەش» نىڭ رولى ئانچە قالمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاممەش ئىشلىتىپ، ئۆي ئىسسىتىش يوق دىيەرلىك بولۇپ قالدى.

   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ ئۆيلىرىدە ئادەتتە كارۋات، ئۈستەل، ئىشكاپ قاتارلىق ئائىلە بىساتلىرى بولمايدۇ. كاڭ-پۈتكۈل ئائىلىنىڭ پائالىيەت مەركىزى، كاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي ئىشلىرىدا نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك روللارنى ئوينايدۇ. ئۇ ھەم ئارام ئېلىش ئورنى، ھەم غىزالىنىش سورۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە، غىزالانغاندا، كاڭغا داستىخان سېلىنىدۇ. ئائىلىدىكىلەر داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرىدۇ، يىمەكلىك داستىخانغا قويىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە كىچىك تۆت چاسا شىرە بولۇپ، ئادەم ئاز ۋاقىتلاردا، ئۇلار كىچىك شىرەنى كاڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئائىلىدىكىلەر ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ. كاڭ يەنە مېھمان كۈتۈش ۋە نەغمە-ناۋا قىلىش سورۇنى. ئۇيغۇرلاردا ئادەتتە مەخسۇس مېھمان كۈتۈش سورۇنى يوق، ئۇدۇل ئۆي ئادەتتە خېلىلا چوڭ بولىدۇ. كاڭ تەبىئى ھالدا مېھمان كۈتۈش ئورنى بولىدۇ. مېھمانلار كەلگەندىن كېيىن ھەممىسىلا كاڭغا چىقىدۇ. كاڭدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ، مۇڭدىشىدۇ، غىزالىنىدۇ، نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ.

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى