ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

شىنجاڭدىكى 58 ئورۇن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 12:30   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

 

ئاپئاق خوجا مازىرى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : بۇنىڭدىن كېيىن ، كارىزنىڭ تىك قۇدۇق ئېغىزىنى مەركەز قىلىپ ، ئوڭ ، سول 30 مېتىر دائىرە ئىچىدە پارتىلىتىش ، بۇرغىلاش ، قېزىش ، يول ياساش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدىكەن . كارىزغا ئوخشاش ، شىنجاڭدىكى 58 ئورۇن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن . يېقىندا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان ، قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدىغان جايلارنى ئېلان قىلغان .

قەشقەر ھېيىتگاھ مەدرىسى

      ئۇلانباي قەدىمىي شەھەر خارابىسى مەركىزىي شەھەرگە ئەڭ يېقىن بولغان مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ قېتىم خارابىلىكلەرنى قوغداش دائىرىسىگە قەدىمىي شەھەر خارابىسىنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ ئەڭ سىرتى ئۆلچەم قىلىنىپ ، شەرققە 500 مېتىر ، غەربكە 250 مېتىر ، شىمالغا 62 مېتىر ، جەنۇبقا 500 مېتىر دائىرىدىكى جايلار كىرگۈزۈلىدىكەن .

ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى

      ئىگىلىنىشىچە ، 58 ئورۇندىكى مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە يەنە كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ، كىروران قەدىمىي شەھىرى ، كارىز ، قىزىل مىڭ ئۆي ، ئاغى مىڭ ئۆيى ، ئىپارخان مەقبەرىسى ، ھېيىتگاھ مەدرىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن .

      تونۇشتۇرۇلۇشچە ، قوغدىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ‹‹ قوغداش ئاساس ، قۇتقۇزۇش بىرىنچى ، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، ۋاقتىدا 58 ئورۇندىكى مەملىكەتلىك  دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دائىرىسىگە ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدىغان جايلارغا قوغداش چۈشەندۈرۈشى چىقىرىشى ، تولۇق خاتىرىلەنگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇشى ، قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ، يۆتكەشكە بولمايدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىشى ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم ئىكەن .

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى