ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ياشىماڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 11:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

سالامەت خۇدابەردى

     ۋېنتسىيىلىك مەشھۇر پسىخولوگ ئالفېرد ئادلېر مۇنداق دېگەن: ‹‹باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشى ئۆمرىدە چوقۇم زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ ھەم باشقىلارغا ھەمىشە پېشكەللىك تېپىپ بېرىپلا يۈرىدۇ››. شۇنداق، رېئاللىق بىر – بىرىگە زەنجىرسىمان باغلانغان بىر پۈتۈنلۈكتىن ئىبارەت. ئاشۇ پۈتۈنلۈك ئىچىدە ھەرىكەت قىلغۇچىلار بىر – بىرىگە يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بىرى ئۈچۈن يەنە بىرى خىزمەت قىلىدۇ، بىرى ئۈچۈن يەنە بىرى قۇربانلىق بېرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ دۇنيا گۈزەللىككە، مېھىر – مۇھەببەتكە، ئىللىقلىققا تولغان بولىدۇ. بەزىلەر بىر ئۆمۈر باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى، بەختى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەملەر ئۈچۈن خۇشاللىق ئىزدەش، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىش بەدىلىگە باشقىلارغا شادلىق بېغىشلاش ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل مەنىلەرگە ئىگە قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى بىر ئۆمۈر بەختلىك ھېس قىلىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدا ئۇلارنىڭمۇ غېمىنى يەيدىغانلار، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئۈزۈلمەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزى ئۈچۈنلا ھەپىلىشىپ، ئەتراپىدىكى ھەرقانداق ئىش، كىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق مۇناسىۋەت زەنجىرى شەكىللەنمەيدۇ –  دە، ئۇلار يالغۇزلۇق، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشايدۇ، ھېچ نەرسىدىن خۇشاللىق تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېشىغا كۈن چۈشكەندە دەماللىققا بىرەر دوستىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ – دە، ئىشلىرى پېشكەللىككە ئۇچراپ، ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەسلىدە باشقىلار ئۈچۈنمۇ باش قاتۇرۇشنى، غەم قىلىشنى، باشقىلارغا ئاز –  تولا خۇشاللىق ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالغان بولسىدى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا كۆمەكلىشىدىغانلار چىقاتتى. بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلار دەرھال ئېسىگە ئالالايدىغان كىشىگە ئايلىنىشمۇ شۇ كىشىنىڭ ھاياتىغا نۇر قوشىدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشتا ‹‹مەن›› دىن ھالقىش، باشقىلار ئۈچۈن پىداكارانە ‹‹يول›› بولۇش ھاياتقا ئۆزگىچە مەنە بېغىشلايدۇ.

     بىر كىتابتىن ئوقۇغان مۇنداق بىر مەسەل مەندە بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇغان: بىر كىشى ھاياتتىن تولىمۇ بىزار بولۇپ ئۆلۈۋالماقچى بولۇپتۇ –  دە، دەريا بويىغا بېرىپتۇ ھەم ئۆزى ئۇچرىغان پېشكەللىكلەر، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى سۆزلەپ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك ‹‹تۇغدۇرغان››لارنى ئىچى بوشۇغىچە قارغاپ سۇغا ئۆزىنى ئاتماقچى بولغاندا قىرغاقتىكى بىر قېرى دەرەختىن زۇۋان كېلىپ:

     — ھەي...، سېنىڭ دەردىڭ مېنىڭ دەردىمگە دالمۇ بولالمايدىكەن، مېنىڭ تارتقانلىرىم ئالدىدا سېنىڭ چەككەن ئازابلىرىڭ ھېچ گەپ ئەمەس، – دەپتۇ.

     — ئۇنداق بولسا، تەڭ ئۆلۈۋالايلى! – دەپتۇ ھېلىقى كىشى.

     — مېنىڭمۇ ھازىرلا شۇنداق قىلغۇم بار، بىراق غول شېخىمغا بىر قۇش ئۇۋا سالغان، ئۇنىڭ ئىككى باچكىسى تېخى ئۇچۇم بولغىنى يوق. ئۇلارنى تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ. شۇڭا مەن يەنىلا بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك...، – دەپتۇ دەرەخ.

     ھېلىقى كىشى دەرەخنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭمۇ تارتىشىدىغان ئادەملىرىنىڭ بارلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ – دە، ئۆزىنىلا ئويلاپ ھاياتتىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ نىيىتىدىن يېنىپتۇ.

     شۇنداق، مەيلى تۇرمۇش، مەيلى خىزمەتتە بولسۇن، بىر كۆرۈنمەس يىپ بىلەن بىر – بىرىمىزگە باغلانغانمىز. ئېھتىمال بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز نۇرغۇنلارنى بەھرىمەن قىلىشى، ئازابىمىز قانچىلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇشى، نەتىجىمىز نۇرغۇنلارغا ئىلھام بولۇشى، مەغلۇبىيىتىمىز كۆپلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ياشاشنى مەقسەت قىلساق، كۆپچىلىكنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ شېرىنلىكىدىن، كىشىلىك ھاياتتىكى دوستلۇق رىشتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن مەھرۇم بولىمىز. كونىلاردا ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس›› دېگەن گەپ بار. شۇڭا مەيلى مۇھىت ئاسراش، ئىتتىپاقلىققا ئىنتىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە باشقا ئىشلاردا بولسۇن، ئۆزىمىزنىلا ئويلىماي، ئومۇمنى ئويلاپ خىزمەت قىلىدىغان، بىر – بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولساق، ھاياتىمىزنىڭ يېڭىدىن –  يېڭى مەنىلەرگە تويۇنۇشى، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن گۈزەل ھېكايىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە گەپ يوق.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى