ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

گۈزەللىك ۋە سەنئەت

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 11- كۈنى 11:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  مەۋلىدەم مەمتىمىن

   قەدىمدىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پەيلاسوپلىرى، مۇتەپەككۇرلىرى، سەنئەتكارلىرى، ئىستېتىكا ئالىملىرى گۈزەللىككە تەدبىر بېرىشتە گۈزەللىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە، گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمىلىكىگە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن. ماركسىزملىق بىلىش نەزەرىيىسىدىن قارىغاندا، ھەر قانداق  شەيئىنى بىلىش ئۈچۈن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىلىش، يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يەنە بىلىشتىن ئىبارەت دەۋرىيلىك بىلەن ئىلگىرىلىگەندە شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى مۇقەررەر ئىگىلىگىلى بولىدۇ. گۈزەللىككە بولغان بىلىشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە.
گۈزەللىك بىر قۇرۇق ئۇقۇم ياكى كونكرېت شەيئىمۇ ئەمەس. گۈزەللىك گەرچە ئادەم، نەرسە، ئىش ئارقىلىق روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرسىمۇ، بىراق ئادەم، ماددا، ئىش گۈزەللىكنىڭ ئۆزى ئەمەس، جاھاندىكى بارلىق شەيئى پەقەت گۈزەللىكتىن  ئىبارەت ‹‹سۈرەت››لا خالاس. بۇ شەيئىلەر ھېسسىياتنى قوزغاپ،  شادلاندۇرۇپ، خۇشاللىق ھېس قىلدۇرالىسا، كىشىلەر بۇ شەيئىلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدۇ.

   سەنئەت ئادەمنىڭ ئاڭلىق ئىجادىيىتى بولۇپ، سەنئەتتە ئادەمنىڭ ھېسسىياتى بىلەن قارىشى يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. سەنئەتتىكى تەبىئىيلىكنىڭ ئاساسى ئادەمدىكى تەبىئىيلىك بولغاچقا، سەنئەتتىكى  تەبىئىيلىك تەبىئىيلىكتىن قىممەتلىك بولۇپ، پەقەت ھېس قىلغىلىلا بولىدىغان گۈزەللىكنى كىشىلەرگە ھىس قىلدۇرىدۇ.

    سەنئەت كىشىلەرگە مۇھەببەتنى، گۈزەللىك نۇقتىسىدىن تەبىئەتنى كۆرۈشنى، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەقىقىي دۇنيانى كۆرۈشنى ئۆگىتىدۇ. گۈزەللىك كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان ئىستىخىيىلىك باھاسى، سەنئەت تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى، پائالىيەتچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مۇشۇ مۇرەككەپلىك ۋە پائالىيەتچانلىقنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۇنى قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بارىدۇ.

   گۈزەللىك پەلسەپىۋى ئۇقۇم ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ھالبۇكى سەنئەتتە ئوبراز گۈزەللىك ماتېرىيالى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ياخشىلىق بىلەن مۇھەببەتنى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ياخشىلىق بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرگەندە، ئاندىن گۈزەللىكنىڭ ئوبرازى بولىدۇ. ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ياخشىلىققا قاراپ تىرىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان – قىلمىغانلىقىغا، بۇ خىل ئارزۇنىڭ ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلەنمىگەنلىكىگە، ئىپادىلەشنىڭ تولۇق ياكى تولۇق بولمىغانلىقىغا قاراپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كىشىلەرنى مۇھەببەتكە، تەبىئەتنى سۆيۈشكە، ئىنسانىيەتنى سۆيۈشكە ئىلھاملاندۇرغان ياكى ئىلھاملاندۇرمىغانلىقىغا، كىشىلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتقان – ئۇرغۇتمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى