ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

خاسىيەتلىك بايرام — نورۇز

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 10- كۈنى 18:17   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.

ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن . قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت .

نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى-ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان ، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى.

نورۇز – باھار بايرىمى ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، نەسىرىدىن رەبغۇزى ، ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . نورۇز يالغۇز دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى . خەلقنىڭ قىش - زىمىستاندىن ئامان چىقىپ ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ئۆز ئارا ھىممەت - ساخاۋىتىنى ، ئىناقلىقىنى ، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر .

خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش ، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى . ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل - گىياھ ناملىرىنى قويغان.

بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە - تاماشىلاردا ، مەشرەپ - سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت - قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە - مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.

نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹تۇققۇز توقۇ›› يەنى ‹‹تۇققۇز مەرىكە - مۇراسىم›› دېيىلگەن.ئۇلار:

1 . نورۇز ناغرىسى: نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا قىر - يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ناغرا - سۇناي چېلىنىدۇ ، ئەل - يۇرت نورۇزغا جابدۇنىدۇ. ھەممە جاي تەنتەنىلىك ھېيت - بايرام تۈسىنى ئالىدۇ .

2 . نورۇز تازىلىقى: نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان تازىلىق ھەرىكىتى نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئېرىق - ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل - ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا - ئىدىشلەرنى ئوبدان تازىلاپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇش، ھويلا- ئارام، يول - خامانلارنى سېرىپ - سۈپۈرۈش دېگەندەك.

3 . سوغۇق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ- توپ بولۇشۇپ ، ‹‹ساغانغۇ›› يەنى ياغ قاچىلاپ پىلىك چىقارغان قاپاقنى كۆيدۇرۇپ ، يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ سۇغۇق قوغلايدۇ. سۇغۇقنى ھەجۋى قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ . گۈلخان يېقىپ ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا بىر - بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان تۇققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆزھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سۇغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى، دېيىلىدۇ. نورۇز ھارپىسى سۇغۇقنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن سۇغۇق يېمەكلىكلەر يېيىلىدۇ.

 

  4 .يوقلاش: نورۇز كۈنى چۈشكىچە ئاتا- ئانىلارنى ، قېرى - ئاجىز ، مىيىپ ، يېتىم - يېىسرلەرنى ، قەبرىلەرنى يوقلاش بولىدۇ .

5 . نورۇز ئېشى يېيىش: نورۇزدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشى يەيدۇ. نورۇز ئېشىنى ئېتىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يۇسۇنلىرى بولىدۇ .

.

 6 . نورۇز سەيلىسى: نورۇز كۈنىدىكى يوقلاش ئاخىرلىشىپ ، چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممەيلەن سەيلە - تاماشا قىلىشىدۇ ، بۇنىڭدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇن - تاماشا بولىدۇ.

7 . نورۇز يارىش: نورۇزنىڭ يالدۇرقى كۈنى ‹‹يارىش›› يەنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن: چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئوقيا ئېتىش، سالغۇ تاشلاش، ئىت-قوچقار، خوراز-كەكلىك سۇقۇشتۇرۇش دېگەندەك.

              .  

                                                            چېلىش 

ئات بەيگىسى

ئوغلاق تارتىش

دارۋازلىق

ئىت تالاشتۇرۇش

قوشقار سوقۇشتۇرۇش

توخۇ سوقۇشتۇرۇش

كۈچ سىنىشىش

   8 . نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت- مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. .  

 

9 .نورۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ‹‹زاراخەتمە›› ئۆتكۈزۈلىدۇ .

نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بۇ بىرلىك ، ئىناقلىق بايرىمى. ئۆچ - ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار يارىشىدۇ ياكى ياراشتۇرۇلىدۇ .

دېمەك ، نورۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك ھاياتىدا ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، يىپەك يولى خەلقلىرى ئالاقە تارىخىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ گەرچە يىراق ئۆتمۈشتە تەبىئەت ئىلاھچىلىق ۋە ئاتەشپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، داۋاملق راۋاجلىنىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى ئېتنىك مەدەنىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك كۆپ قىرلىق، رەڭگارەك فولكلور قاتلىمى ھاسىل قىلغان :

(1) ئۇ بايرام سۈپىتىدە ‹‹زاراخەتمە››، ‹‹نورۇز ئايەم››، ‹‹سۇمۇلە زاغان››، ‹‹نورۇز كالىندارى››، ‹‹نورۇز كۆكى››، ‹‹نورۇز تامىقى››، ‹‹ سۇمۇلەك ››، ‹‹ نورۇز بۇلاق ››، ‹‹ نورۇز بوۋاي ›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن.

(2) مەشرەپ سۈپىتىدە ‹‹سۇمۇز بەزمىسى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى›› ،‹‹ كۆك مەشرىپى››، ››نورۇز بايات››، ‹‹نورۇز بۇرزۇك››، ‹‹نورۇز ناۋا››، ‹‹نورۇز ھۈسەينى››، ‹‹نورۇز خارە››، ‹‹يىپەكچىلەر نورۇز مەشرىپى››، ‹‹نورۇز مۇقامى›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن .

(3) ئۇ شېئىرىي ماھارەت سۈپىتىدە ‹‹بالىلار نورۇزنامىسى››، ‹‹نورۇز قوشاقلىرى››، ‹‹باھارىيات قەسەملىرى›› قاتارلىق بېيت - بېغىشلىما، ئىجادىيەت سېكىلىنى شەكىلەندۇرگەن .

(4) ئۇ تەنھەركەت سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئويۇن- تاماشا ۋە بەيگە پائالىيەتلىرى تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن . بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى خۇسۇسىيدا مەخسۇس يېزىش مۇمكىن.

شۇڭا نورۇز - ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى .

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى