ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئۇيغۇرلارنىڭ ئات قويۇش مۇراسىمى

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 04- كۈنى 11:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

                        

  تۇغۇلغان بالىغا ئات قويۇش ئادىتى (ۋاقىت مەزگىلى ، شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتلەردە )ھەرقايسى مىللەتلەردە پەرىقلىق بۇلىدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغۇلغان بالىغا ئات قويۇش رەسمىيىتى ئومۇمەن بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بېجىرىلىدۇ . ئات قويۇشتا ئومۇمەن ئۆيگە يۇرت مۆتىۋەرلىرى ، ئىمام ياكى ئاخۇنۇم تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئۇلار دادىنىڭ ۋە ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىسىم تاللانغاندىن كېيىن ئەرزان چىللاپ ئات قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ۋە يېڭى ئىسىم بىلەن بالىنى تەبرىكلەيدۇ . بەزىدە تۇققانلىرى ۋە يېقىن كىشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىسىم قويۇلىدۇ . يەنە بەزىدە بوۋاقنىڭ چوڭ دادىسى ياكى دادىسى بىۋاستە ئۆزى ئات قويۇش ئادىتىمۇ بار . مەيلى قايسى خىل شەكلىدە ئات يويۇش بولسۇن ، بۇ مۇراسىمغا ئات قويۇش رەسمىيىتىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە بىر قانچە كىشى تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئات قويغۇچى تاھارەت ئېلىپ ئالدىنى مېھراپقا قىلىپ جاينامازدا ئولتۇرىدۇ . ئات قويغۇچى ئادەم بوۋاقنى ئىككى قولىدا تۇتۇپ ، ئايەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ‹‹ ئەرزان چىللاپ قويغان ئىسمىڭىز بولسۇن ››دەپ ، بوۋاقنى ئاۋايلاپ جاينامازنىڭ ئۈستىگە دۇمۇلۇتۇپ ئاندىن دادىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . ئات قويغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا مەلۇم سوۋغا تەغدىم قىلىنىدۇ.

 

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى