ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

شىنجاڭ قارىقاش ناھىيىسى دىساڭ يېزىسىدىكى ماتاچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىگى

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 04- كۈنى 11:46   |    ئاپتور :   |   مەنبە : 天山网

 توقۇمچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ، ماتاچىلىقدىن ئىبارەت قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئاسان ئەمەس. ماتا كىيىملەر ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ، كىشىلەر ئارىسىدا مودا بولغان ئىدى ، ھازىر شىنجاڭ تەۋەسىدە ئاساسي جەھەتتىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى . جەنۇبى شىنجاڭ بازارلىرىدا بەزىدە باشقىلارنىڭ ماتا توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز . جەنۇبى شىنجاڭدا بىرەرى قازا قىلغاندا ماتاغا ئوراپ يەرلىكىدە قويۇشقا ئادەت قىلىنغان ، باشقا ۋاقتلاردا ماتا ئانچە ئىشلىنىپ  كەتمەيدۇ.

                          

 

    ماتا توقۇغاندا ئاۋۋال يېيىپ بولۇنغان پاختىنى يىپ قىلىپ ئىگىرىپ ، ئاندىن يىپنى رەتلەپ قازانغا چىلايمىز، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ماشىنىغا چىقسا بۇلىدۇ. ماشىنا نەچچە تال ياغاچدىن ياسالغان بۇلۇپ ، يەر ئاستىدا ئورەك كولىنىدۇ ئاندىن دەسسەش تاختىسى شۇ يەرگە باغلاپ قويۇلىدۇ . يىپنىڭ كەينىگە تاشنى باغلاپ ، تورۇسقا ئېسىپ قويۇلىدۇ. بۇ كىشى ئىشلەتكەن تۈۋرۈك بوۋاينىڭ ئاتا – بوۋىسىدىن قالغان كالا مۈڭگۈزى بولۇپ بوۋاي بىر ئۆمۈر مۇشۇ تىجارەت بىلەن شوغۇللاندى ، ئۇ 84 ياشقا كىرگەن تۇرۇغلۇق يەنە ئارام ئالمىدى . گەرچە ئازراق پۇل تاپقان بولسىمۇ ماتا توقۇش ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.

 

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى