ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئۇيغۇر كۈيىگە باغلانغان رىشتە

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 08 - ئاينىڭ 03- كۈنى 17:05   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

مۆمىنجان ئىبراھىم

    لەمجىن بازىرىنىڭ بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇيزۇ دېھقان مەمەت دوڭلارنى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇمايدىغانلار ئاز. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر چالغۇلارنى چالالايدىغان ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايدىغان خەلق سەنئەتكارىدۇر.

   بازار كەنتىدە ئون نەچچە ئائىلىلىك خۇيزۇ دېھقان بولسىمۇ لېكىن مەمەت دوڭلار كىچىكىدىن ئۇيغۇر قوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى خۇيزۇچە ما چۈنلىن دېگەن ئىسمىنى كىشىلەر ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. ئۇ غىجەك ، ئىسكىرىپكىلىرىدىن چىقىدىغان مۇڭلۇق كۈيلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەچكە ، ئۇيغۇرلار ئۇنى مەمەت دەپلا ئاتايتتى .  

   مەمەت دوڭلار ئائىلىسىنىڭ ئەينى يىللاردىكى قوشنىسى مەرھۇم كامىل ئىمام ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالالايدىغان سەنئەت خۇمار يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ كىشى ھويلىسىدا دائىم ئوغۇللىرىغا دۇتار ، تەمبۇر ، سۇناي چېلىشىنى ئۆگىتەتتى . بۇ ئوغۇللار بىلەن دائىم بىرگە ئوينايدىغان ، بىرگە پادا باقىدىغان مەمەت دوڭلار قوشنىسىنىڭ ھويلىسىدىن ناخشا – مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلانسىلا يۈگۈرۈپ بۇ ھويلىغا كىرەتتى.  دۇتار ، تەمبۇردىن كېلىۋاتقان مۇڭلۇق ئۇيغۇر كۈيلىرى خۇيزۇ يىگىتنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ئۇنى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بۇرۇنلا ھېرىسمەن قىلىۋەتكەنىدى .

    كېيىن كامىل ئىمام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، مەمەت دوڭلار ئۇنىڭ خەلق سەنئەتكارى بولۇپ يېتىشكەن ئىككىنچى ئوغلى ھەبىبۇل كامىلنى ئۇستاز تۇتۇپ ، ئىسكىرىپكا ، غىجەك چېلىشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشىنى ئۆگەندى . كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر ناخشا كۈيلىرىگە ئىشتىياق باغلىغان مەمەت ناھايىتى تېزلا ئىسكىرىپكا ، غىجەك چېلىش ماھارەتلىرىنى ئىگىلىۋالدى ھەم ئۇستازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرگە يۇرت ئىچىدىكى مەشرەپ ، توي–تۆكۈنلەرگە بېرىپ ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىپ خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ ، لەمجىن بازىرىدا ھەتتا پىچان ناھىيىسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سازىنى چېلىپ ، ناخشىسىنى ئېيتىدىغان بىردىنبىر خۇيزۇ دېھقان بولۇپ قالدى.

    ئۆزى بىلەن بىر تىل سىستېمىسىدىن بولمىغان مىللەتلەرنىڭ چالغۇلىرىنى چېلىپ ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ كىشىلەرنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى مۇكەممەل بىلگەندىن سىرت يەنە ، مەدەنىيەت ، سەنئىتىگە قىزىقىپ ، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى چۈشىنىشكە ، بولۇپمۇ شۇ مىللەت بىلەن تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇزۇن مەزگىل بىللە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. يېشى 50تىن ھالقىغان  مەمەت دوڭلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالىدى. ئۇ ھازىر يۇرت ئىچىدىكى مەشرەپلەردە ، تۈرلۈك يىغىلىشلاردا كەنتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە قولىدىكى دەۋىرگە تەڭكەش ئىسكىرىپكا ، غىجەكلىرىنىڭ خۇشناۋا تارلىرى بىلەن ئۇيغۇر ، خۇيزۇ ئىككى مىللەتنىڭ دوستلۇق ، ئىتتىپاقلىق رىشتىسىنى يەنىمۇ چىڭ باغلاپ كەلمەكتە. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى