ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئۇيغۇرئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى -ياغاچ قۇشۇق

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 07 - ئاينىڭ 31- كۈنى 13:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ خەلىق رادىيو ئىستانسىتورى

     ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ، ﻗﯩﺮﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ 12ﻣﯩﯔ 47 ﻛﻮﯞﺍﺩﯨﺮﺍﺕ ﻛﯧﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ . ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻕ، ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯗﺯﻧﯩﯔ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﭼﻮﯓ. ﻳﯧﺰﺍ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯘﺷﯘﻗﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺗﯜﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ.

 

     ﺑﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﮬﯜﻧﻪﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ ،ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﺎﻥ ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﺗﯩﻦ- ﺋﻪﯞﻻﺗﻘﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﻮﺷﯘﻏﯩﺪﺍ ﻛﻪﻟﭙﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯘﺷﯘﻏﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺳﺎﭖ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ، ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻟﭙﯩﻦ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﻗﯘﺷﯘﻏﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭼﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟﺍﺏ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺷﯘﻕ ﻳﺎﺳﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﻩ، ﭘﺎﻟﺘﺎ، ﭼﻮﺕ، ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎ (ﺋﻪﮔﻤﻪﻙ ﭼﻮﺕ)، ﻛﺎﺷﻜﺎﺕ(ﻗﯘﺷﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻼﺭ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

   ﮬﻪﺭﻩ- ﭼﻮﯓ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻛﯚﺗﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

    ﭘﺎﻟﺘﺎ- ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻛﯚﺗﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

    ﭼﻮﺕ-ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻛﯚﺗﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺷﯘﻗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

   ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎ- ﺑﯘ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﺷﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.

     ﻛﺎﺷﻜﺎﺕ- ﻗﯘﺷﯘﻕ، ﭼﻮﺕ، ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﯘﺷﯘﻕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺸﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ 15ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 17ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻳﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻴﺎﻣﯧﺘﯩﺮﻯ 3ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 5ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜﺯ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 30ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 50ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﻩﺳﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯﻻﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺩﻩﺳﺘﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.

   ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯗ.

   1-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ؛ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ:

    1-ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻙ  ﻳﺎﻏﯩﭽﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.2- ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻳﺎﻏﯩﭽﻰ ﮬﻪﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ 15ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ  20ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﺘﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 3-ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﮬﻪﺭﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﻨﻰ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ 7ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

    2-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ؛ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ:

    ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﻳﺎﻏﯩﭽﻰ ﭼﻮﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﻰ ،ﺋﻮﯓ -ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﻧﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ 3ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 5 ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻐﺎ 2.5 ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 3.5 ﺳﺎﻧﺘﯧﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﺎﻧﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﻠﯩﭗ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﭘﯘﺗﯩﺪﯗ.

    3-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ؛ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ

    ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻧﺎﭖ ﺋﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﯘﺗﯩﺪﯗ

     4-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ؛ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻰ

     ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ  ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻛﺎﺷﻜﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺑﯧﺸﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﺷﯘﻕ ﺩﻩﺳﺘﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﯩﻠﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﭘﯘﺗﯩﺪﯗ

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى