ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئارا

ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك ھەققىدە پاراڭ

يوللانغان ۋاقىت : 2009 - يىلى 07 - ئاينىڭ 31- كۈنى 12:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

غالىب خۇجى ئابدۇللا

     ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، دۇنيادىكى بارلىق ئەل ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈككە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.  ھايۋانات دۇنياسىنى  كۆزەتسەكمۇ ئۇلاردىكى ئۆملۈكنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىلىرىنى بايقىيالايمىز. كەپتەرلەر توپلىشىپ ئۇچىدۇ. ئەگەر قايسى كەپتەر توپتىن ئايرىلسا، ئاسانلا لاچىنغا يەم بولىدۇ. كىيىكلەر چەكسىز دالادا توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. قايسى كىيىك توپتىن ئايرىلسا، ئاسانلا يىرتقۇچلارغا يەم بولىدۇ. چۈمۈلىلەر ئۆملۈككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەرنى توپلىشىپ يۆتكىيەلەيدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەھمىيىتى تېخمۇ زور، ئەلۋەتتە. مەلۇم بىر ئائىلە ئەزالىرى ئىناق، ئىتتىپاق بولمىسا، ئۇلار ئۆملىشەلمەي، بىر ئىشنى باشقا چىقىرالمايدۇ، ئائىلىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. مەلۇم بىر دۆلەتتە مىللەتلەر ئىناق، ئىتتىپاق بولمىسا، خەلقنىڭ ئاسايىشلىق تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىدۇ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە ئېغىر توسالغۇ بولىدۇ. 

     خەلقىمىزدە ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس››،  ‹‹ ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە›› دەيدىغان نۇرغۇن ماقال –  تەمسىل بار. ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ، قەدىرلىنىشىدىن خەلقىمىزنىڭ  ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈكنى سۆيىدىغان، ئەزىزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خەلقىمىزنىڭ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈككە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۇلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن  تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: خەلقىمىزنىڭ توي – تۆكۈنگە ئوخشاش مۇراسىملىرى، تۈرلۈك  پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىشىلەرنىڭ ئۇيۇشۇشى، ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تونۇشمايدىغانلار تونۇشىدۇ، تونۇشۇش ئارقىلىق بىر – بىرىگە مېھرى چۈشىدۇ، بىر – بىرى بىلەن دوست بولىدۇ. بۇ سورۇنلاردا ئىناقلىققا، ئىتتىپاقلىققا ۋە ئۆملۈككە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپ – سۆزلەرنىڭ بولۇشى، بىر – بىرىنى ھاقارەتلەيدىغان،  كەمسىتىدىغان،  يۇرتۋازلىق قىلىدىغان، باشقا مىللەت، باشقا قەۋمدىكىلەرنى چەتكە قاقىدىغان ئىللەتلەر چەكلىنىدۇ. بۇلار خەلقىمىزنىڭ ئىناقلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى ۋە ئۆملۈكنى سۆيىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.   

     خەلقىمىزنىڭ ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈكنى سۆيىدىغان، ئاسرايدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى تەربىيە  ئادەتلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئائىلىدە كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، يالغان گەپ قىلماسلىق، ئەدەپسىزلىك قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، ئۆيگە مېھمان كەلسە، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن، قايسى قەۋمدىن، قەيەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق – مىزانلىرىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلاردىن ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنى، كىچىكىدىن ئاق – قارىنى پەرق ئېتىشنى، جەمئىيەت تەرتىپىگە، ئىتتىپاقلىققا تەسىر قىلىدىغان يامان ئىشلارنى قىلماسلىقنى؛ قانۇن – تۈزۈم ۋە باشقا ئەمىر – پەرمانلارغا رىئايە قىلىشنى،  تۇرمۇشتا ئاددىي – ساددا بولۇش، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق، جامائەت سورۇنلىرىدا ئۈنلۈك  سۆزلىمەسلىك قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.  ئون نەچچە ياش چاغلىرىم ئىدى. ئائىلىدە ئالتە  بالا، سەككىز جان ئىدۇق.  مەن بالىلارنىڭ چوڭى ئىدىم. ھەممەيلەن بىر جوزىدا غىزالىناتتۇق. بىر كۈنى ئاپام ئوخشىتىپ لەڭمەن ئەتتى. بىز ئىشتىھا بىلەن تاماق يەۋاتقاندا ئىنىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم. ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپتىمەن. داستىخان كەيپىياتى بۇزۇلدى، ئىنىم يىغلاپ كەتتى. ھەممىسىنىڭ كۆزى مەندە. قازان بېشىدا ئاش سېلىۋاتقان ئاپام يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا تىكىلدى. مەن چوڭ بولۇپ شۇ كەمگىچە ئاپامنىڭ ماڭا مۇنداق تىكىلگىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئاپام ئۈندىمەي قېشىمغا كەلدى – دە، ئالدىمدىكى بىر جۈپ چوكىنى ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى. ئاندىن پەس ئاۋازدا ‹‹بۇنى سۇندۇرۇپ باقە›› دېدى. مەن ئاپامنىڭ مەقسىتىنى ئاڭقىرمايلا ئىككى تال چوكىنى كۈچىمەيلا سۇندۇرۇۋەتتىم. ئاپام يەنە ھەممىمىزنىڭ چوكىسىنى يىغىشتۇرۇپ بىر تۇتام قىلىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ سۇندۇرۇشۇمنى بۇيرۇدى. ھەرقانچە كۈچەپمۇ بۇ بىر تۇتام چوكىنى سۇندۇرالمىدىم. ئاپام سەل سۈكۈتتىن كېيىن، ۋەزمىن ئاھاڭدا ‹‹بالام سەن بىر جۈپ چوكىنى سۇندۇرالغىنىڭ  بىلەن، بىر تۇتام چوكىنى ھەرگىز سۇندۇرالمايسەن. سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار بىر جۈپ چوكىغا، ھەممىڭلار بىرلەشسەڭلەر بىر تۇتام چوكىغا ئوخشايسىلەر. ئائىلىمىزدە ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈك بولمىسا، بۇ بىر تۇتام چوكا چېچىلىپ كېتىدۇ. سىلەر ئىتتىپاق، ئۆم بولساڭلار  غايەت زور  كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇسىلەر – دە، ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قىلالايسىلەر››، دېدى. 

     ئانا تەربىيىسى مەن ئۈچۈن غايەت زور مەنىۋى بايلىق بولدى. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئىناقلىققا، ئىتتىپاقلىققا ۋە ئۆملۈككە ئائىت مەزمۇندىكى كىتابلارنى، ماقالىلەرنى، تەشۋىق – تەربىيىلەرنى ئۆزۈمنىڭ مۇھىم  تەتقىقات تېمىسى قىلىۋالدىم ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەندىم، چۈشەنچەمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇم. بۇ مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولغان قوشنىدارچىلىقنى مىسالغا ئالاي: قوشنىدارچىلىق  كەڭ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەڭ مەنىدە دۆلەتلەر ئارا، مىللەتلەر ئارا، قەۋملەر ئارا قوشنىدارچىلىىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. تار مەنىدە كىشىلەر  ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلەر بىلەنمۇ، باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەنمۇ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. قوشنىدارچىلىقنى ياخشىلاشتا ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆم ئۆتۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. قوشنىدارچىلىقنى ياخشىلاش قوشنىلاردىن ھەرقانداق چاغدا بىر – بىرىنى چۈشىنىشنى، بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىشنى، بىر – بىرىنى قوللاشنى، بىر – بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     خەلقىمىز قوشنىلار بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆم ئۆتۈشنى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئادەم بولۇش مىزانى، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەن. خەلقىمىزدە ‹‹يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ئەلا›› دېگەندەك ماقالىلەرنىڭ شۇنچە كەڭ ئومۇملىشىشىدىن خەلقىمىزنىڭ قوشنىدارچىلىقنى ئۇرۇق – تۇغقان مۇناسىۋىتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قوشنىدارچىلىق ھەققىدىكى مۇنداق بىر تارىخىي مىسال دىققەتكە تولىمۇ سازاۋەر:   قەدىمكى زاماندا مەملىكىتىمىزنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنىكەن. لياڭ بەگلىكىدە سوڭ خې ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ  بۇ بەگلىكنىڭ چېگرا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى  ئىكەن. بۇ ناھىيە چۇ بەگلىكىگە قوشنا بولۇپ، ئىككى بەگلىكنىڭ چېگرا قاراۋۇلخانىسىدىكى لەشكەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئەتراپىغا تاۋۇز تېرىپتۇ. لياڭ بەگلىكىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىكى لەشكەرلەر ئەمگەكچان ئىكەن. ئۇلار دائىم تاۋۇزلۇقنى ۋاقتىدا ئوتاپ، ئوغۇتلاپ، سۇغارغاچقا، ئۇلارنىڭ تاۋۇزلىرى ياخشى ئاينىپتۇ. چۇ بەگلىكنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىكىلەر ھۇرۇن ئىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ تاۋۇزلىرى ئاينىماپتۇ. چۇ بەگلىكنىڭ لەشكەرلىرى لياڭ بەگلىكىنىڭ لەشكەرلىرى تېرىغان تاۋۇزلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىدىن ئوخشىغانلىقىنى كۆرۈپ  ئىچى تارلىق قىلىپتۇ – دە، ئاخشىمى تۇيدۇرماي، ئۇلارنىڭ تاۋۇز پىلەكلىرىنى يۇلۇۋېتىپتۇ. لياڭ بەگلىكىنىڭ لەشكەرلىرى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشنى دەرھال لەشكەر بېشىغا مەلۇم قىلىپتۇ ھەم ئۇلارمۇ چۇ بەگلىكىنىڭ تاۋۇزلۇقىغا ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ. لەشكەر بېشى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سوڭ خېدىن  مەسلىھەت سوراپتۇ. سوڭ خې: ‹‹ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟ ئۆچ ئېلىش زىددىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، خەقنىڭ ناباپ ئىش قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە دەپ ئۇلاردىن ئۆگەنگىدەكمىز؟ بىز قوشنىلار بىلەن دۈشمەنلەشمەي، ئۇلار بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈشىمىز لازىم. سىلەرگە بىر چارە كۆرسىتەي: ئۇلارنىڭ تاۋۇزلۇقىغا ئادەم ئەۋەتىڭلار، لېكىن ئۇلار تاۋۇز پىلەكلىرىنى يۇلمىسۇن، بەلكى ئۇلارنىڭ تاۋۇزلىرىنى بىزنىڭ تاۋۇزلاردەك ئوغۇتلاپ، سۇغىرىپ قويۇڭلار. ئۇلارنىڭ تاۋۇزلىرىمۇ ئاينىسۇن. بۇ ئىشنى ئۇلارغا تۇيدۇرماي قىلىڭلار››، دەپتۇ.

     لياڭ بەگلىكىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىكىلەر سوڭ خېنىڭ كۆرسەتمىسىنى ھەر ئاخشىمى تۇيدۇرماي بەجا كەلتۈرۈپتۇ. چۇ بەگلىكىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىكىلەر تاۋۇزلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئاينىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپتۇ ۋە كۆزىتىپ، بۇ ئىشنى لياڭ بەگلىكىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىكىلەرنىڭ   قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ. چۇ بەگلىكىنىڭ ھاكىمى بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ. ئاندىن چۇ بەگلىكىنىڭ شاھىغا مەلۇم قىلىپتۇ. چۇ بەگلىكنىڭ شاھى بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەرنى تەنقىدلەپ ‹‹سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نومۇس قىلىڭلار! لەشكەرلەردىن يەنە قانداق سەۋەنلىك ئۆتكەنلىكىنى سوراڭلار. ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلار قىلىنغان بولسا، دەرھال ئەپۇ سورىسۇن!›› دەپتۇ.

     چۇ بەگلىكىنىڭ شاھى لياڭ  بەگلىكى بىلەن دوست بولۇشنى ئىستەپ، بىرمۇنچە سوۋغا – سالام بىلەن لياڭ بەگلىكىگە ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى بەگلىك دوستلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بېرىش – كېلىشىمۇ قويۇقلىشىپ، ئىناقلىق كۈچىيىپتۇ...

    بىز بۇ ھېكايىدىن قوشنىدارچىلىقتا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈكنى سۆيۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. رېئاللىقتا كىشىلەر خىلمۇ خىل ئادەملەر بىلەن قوشنا بولىدۇ.  جۈملىدىن ئۆزى ياقتۇرىدىغانلار بىلەنمۇ، ياقتۇرمايدىغانلار بىلەنمۇ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەنمۇ، ياتلار بىلەنمۇ، ئۆز مىللىتىدىن بولغانلار بىلەنمۇ، باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەنمۇ، مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرىلار، تۆۋەنلەر بىلەنمۇ قوشنا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيەت ساپاسى، قىممەت قارىشى ۋە  كىشىلىك مۇناسىۋىتى بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق، ئۆم ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇلارنى چۈشىنىشكە، ئۇلار بىلەن ھەرقانداق ئىشتا ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. قوشنىلار ئارا بىر – بىرىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، بىر – بىرى بىلەن ھەمكارلاشقىلى بولمايدۇ، بىر – بىرى بىلەن ھەمكارلاشماي تۇرۇپ ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆم ئۆتكىلى بولمايدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قوشنىلىرى بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆم ئۆتەلىگەن ئادەم، ئائىلىسىدىمۇ، خىزمەتداشلىرى بىلەنمۇ، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلىرى بىلەنمۇ، مىللىتى ياكى باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەنمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلارغا  قارىغاندا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرالايدىكەن.

      دەۋرىمىزدە جاھاندارچىلىق رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇن  قائىدە، ئادەمگەرچىلىككە ئائىت تەرتىپ قىسقىرىماقتا. بۇ، كىشىلەرنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. شەھەرلەردە بۇنداق  ئەھۋال خېلى گەۋدىلىك. بەزىلەردە ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى بىلەن تونۇشمايدىغان، ئىسمىنى بىلمەيدىغان،  كىرىش – چىقىش قىلمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن، كىشىلەرگە قوشنىدارچىلىقنى تەكىتلەش، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا كىرىپ – چىقىشنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     ئادەمگەرچىلىكنى كۈچەيتكەندە جەمئىيىتىمىزدىكى خىلمۇ خىل كىشىلەرنىڭ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆم ئۆتۈشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.  ئادەمگەرچىلىكنى ئۆگىنىشتىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، قانۇن – تۈزۈم، ئەمىر – پەرمان، قائىدە – تۈزۈم ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە بويسۇنۇشتۇر.

     باشقىلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشتا نوقۇل ئۆز ئېھتىياجىمىزنىلا ئاساس قىلساق، باشقىلار شەخسىيەتچى، ساپاسىز كىشىكەن، دەپ قاراپ بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئېھتىياجىنى ئويلىيالايدىغان پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئادەتتە، يۇقىرى ساپا ۋە گۈزەل ئەخلاق –  پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر ھەرقانداق ئورۇن ۋە ھەرقانداق يەردە باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇنداقلار خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىساق، باشقىلارمۇ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى ئويلايدىغان بولىدۇ. ئۆزئارا ئېھتىياجدىن چىققاندا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆملۈكنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

     جۇڭگولۇق بىر يازغۇچى فرانسىيىگە زىيارەتكە بارغاندا، فرانسىيىلىك بىر يازغۇچى بىلەن پىكاپتا سەپەرگە چىقىپتۇ. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى بىر تار يولغا كەلگەندە ھاۋا بۇزۇلۇپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى پىكاپتا ئىككى چىرايلىق فرانسىيىلىك قىز پىكاپنىڭ ئارقا ئەينىكىدىن بۇلارغا توختىماي قاراپ مېڭىپتۇ. ئالدىدىكى پىكاپنىڭ چاقىدىن چاچرىغان پاتقاق بۇلارنىڭ پىكاپىنىڭ ئەينىكىگە چاچراپ كۆرگۈسىز قىلىۋېتىپتۇ. شۇ چاغدا جۇڭگولۇق يازغۇچى شوپۇرغا: ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسەك بولمامدۇ؟ دېگەن ئىكەن. شوپۇر ئۇنىڭغا: مۇشۇنداق يولدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتسەك ئەدەپسىزلىك قىلغان بولىمىز، دەپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئالدىدىكى پىكاپ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە توختاپ ئۇنىڭدىن بىرەيلەن چۈشۈپ شوپۇرغا بىرنېمىلەرنى دەپتۇ. جۇڭگولۇق يازغۇچى شوپۇردىن ئۇ نېمە دەيدۇ؟ دەپ سوراپتىكەن. شوپۇر: ئۇ يول بويى ئالدىڭلاردا مېڭىپ كەلدۇق، بۇنداق قىلسام بولمىغۇدەك، پىكاپتا ئىككى قىزىم بار، ئۇلارغا داۋاملىق ئالدىدا مېڭىشىمىز يوللۇق، دېگەن تۇيغۇ بېرىپ قويسام بولمايدۇ، دېدى، دەپتۇ. شۇ چاغدا جۇڭگولۇق يازغۇچى ئۆزىنىڭ ھېلىقى گەپنى دەپ سالغىنىغا خىجىل بولۇپتۇ.    

     مۇشۇ كىچىككىنە ئىشتىن ئادەمگەرچىلىكنىڭ نېمىلىكىنى، ئادەمگەرچىلىكنىڭ كىشىلەرنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. تۇرمۇش كىشىلەردىن مۇشۇنداق بىر – بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى، بىر – بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى ۋە بىر – بىرىنى چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئادەمگەرچىلىكنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بەلگىلىك ساپا ۋە پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىمىز زۆرۈر. 

     يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.  بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات،  ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدىن،  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدىن كەلگەن. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئەل ۋە مىللەتلەر  تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ھەقىقەتكى، ئىناق، ئىتتىپاق ۋە ئۆم ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاساسى ئېقىمى، زوراۋانلىق قىلىش، ئۆزئارا جېدەل – ماجىرا قىلىش دەۋر تەلىپىگە مۇخالىپ،  ئەلۋەتتە.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى