شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭدا نۇقتىلىق تۈرلەرگە جەمئىي 96 مىليارد 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى
يوللانغان ۋاقىت :2024-07-10 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈرلەرنى پىلانلاپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تۈر مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ تىرەكلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭدا نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 96 مىليارد 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 67 مىليارد 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرگە 27 مىليارد 760 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، زاپاس تۈرلەرگە 1 مىليارد 730 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

مەزمۇننى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت