شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ جىڭ، خۇ خاۋ، خۇ جې، جاڭ چۈەن

«مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى پۈتۈن ۋەزىيەت بويىچە پىلانلاپ ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.

دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يېڭى يۆنىلىشىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە نەزەرىيەۋى ئۇسۇللارنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، ماركسىزملىق پەن - تېخنىكا تەلىماتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، يېڭى دەۋردە ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى

كۆك ئاسمان ئارزۇسى، ئىجادىي دورا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، كەلگۈسى ئاپتوموبىل... شاڭخەي جاڭجياڭ ئىلىم - پەن شەھەرچىسى كەلگۈسى باغچىسىدا، شاڭخەي پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

2023 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ھەربىر كۆرگەزمە ئورنىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شاڭخەي قولغا كەلتۈرگەن بۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مېنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى، تېخىمۇ زور ئىشەنچكە تولدۇم، غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى».

بىر تال بۇرما مىخنىمۇ ئىمپورت قىلىشتىن چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى نامايان قىلىشقىچە، پەن - تېخنىكا ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىشقا بۈگۈنكىدەك تۈرتكە بولۇپ باقمىغان.

دۆلىتىمىز نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى زور تەتقىق قىلىپ ئېچىش سىستېمىسى ۋە سانائەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىجادچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، يەرشارىۋى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە زور تەسىر ئېلىپ كەلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسىنى قايتا تۈزمەكتە، يەرشارىۋى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى - خارابلىشىشىنىڭ «تارىخىي لوگىكىسى»نى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، «پەن - تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ» «يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

«يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنى تەكىتلەندى، 2035 - يىلىغا بارغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى...

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ھۆكۈم چىقىرىپ، بىر قاتار ئاساس سېلىش تەدبىرلىرى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

پەن تەتقىقات ئاكادېمىيە - ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرى... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرى ئەڭ جانلانغان جايلارغا قايتا - قايتا قەدەم باستى.

يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە زور پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى «ئالقىشلىدى»، تەبرىك تېلېگراممىلىرى، جاۋاب خەتلىرىدە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈردى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى داۋان ئېشىش يولىدا جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىغا گۇۋاھ بولدى.

«ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىكى كۈرەش قىلىش ئاساسىي نۇقتىسى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىزنىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول».

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەت ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش نۇقتىسىدىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «مەجبۇر بولۇش لوگىكىسى»نى ئېچىپ بېرىپ، «زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، دۆلەتنىڭ ئۆتكۈر قورالى، جەزمەن ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ دەۋر تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى «رېئال لوگىكىسى»نى ئېچىپ بېرىپ، «جۇڭگو قۇدرەت تېپىشتا، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، جەزمەن كۈچلۈك پەن - تېخنىكىغا ئىگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى - تاشقى مۇھىتقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ سەگەكلىك بىلەن قىلىنغان ھۆكۈم:

«ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئۆتۈنۈپ ئالغىلى بولمايدۇ»؛

«دائىم باشقىلارنىڭ تۈنۈگۈنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەتىسىنى زىننەتلىسەك بولمايدۇ»؛

«بىر ئالاقە تورى كارخانىسىنىڭ كۆلىمى ھەرقانچە چوڭ، بازار قىممىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەگەر يادرولۇق دېتال - زاپچاسلاردا ئېغىر دەرىجىدە چەت ئەلگە تايىنىپ قالسا، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ <جان تومۇرى> باشقىلارنىڭ قولىدا بولسا، بۇ خۇددى باشقىلارنىڭ تام ئۇلىغا ئۆي سېلىۋالغانغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، ھەرقانچە چوڭ، ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى، ھەتتا بىر پەشۋاغىمۇ يارىماسلىقى مۇمكىن»...

«ۋەزىيەت كىشىنى ئالدىراتماقتا، خىرىس كىشىنى ئالدىراتماقتا، بۇرچ كىشىنى ئالدىراتماقتا»، «گالنى بوغىدىغان» بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك.

دۆلەتنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىز دېھقانچىلىق زىرائىتى ئۇرۇقى، نېفىت - تەبىئىي گاز، ئاساسىي خام ماتېرىيال، سانائەت يۇمشاق دېتالى، ئىلمىي تەجرىبىگە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر، خىمىيەلىك دورا ياسالمىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر تۈركۈم دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلەتتى.

«دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك».

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىككە تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2016 - يىلى «دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2006 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، 2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە بولغان دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ئالدىن پىلانلاپ، ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان، پىلان، تۈرلەرنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش ۋە قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق يادرولۇق ساھەلەردە ئالدىنقى قاتارنى نىشانلاپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا»، «بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش - چىقالماسلىقىمىزدا ئاچقۇچلۇقى پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا قاراش كېرەك».

2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، B-919G نومۇرلۇق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە رەسمىي تاپشۇرۇلدى، بۇ، شەرق ئاۋىياتسىيەسى قوبۇل قىلغان C919 تىپلىق 6 - ئايروپىلان، شۇنداقلا شەرق ئاۋىياتسىيەسى كۆپەيتىپ زاكاز قىلغان C919 تىپلىق 100 ئايروپىلان زاكازىدىكى تۇنجى ئايروپىلان.

بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو شاڭفېي شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا C919 چوڭ تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ كۆرگەزمە ئۆرنەك ئايروپىلانىغا چىقىپ، لايىھەلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز قۇدرەتلىك دۆلەت بولىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز، چوڭ ئايروپىلاننى ياساش ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز، تۈرتكىلىك رول ئوينىشىمىز، بەلگە خاراكتېرلىك رول ئوينىشىمىز كېرەك».

C919 چوڭ ئايروپىلانىدا سودا تىجارىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلدى، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى يەلكەن چىقىرىپ دېڭىزغا ئاتلاندى...

پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش داغدام يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىز دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئومۇمىي سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بىرقانچە ئىستراتېگىيەلىك چوقۇم قولغا كەلتۈرىدىغان ساھەلەردە «كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوزغىتىش يولىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈردۇق، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈردۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پىلانلاپ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى تېز يولغا قويۇلدى، دۆلىتىمىزدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەت ھالقىشىغا ئۆتۈپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك بولۇشتىن كەسىپلىرى كۈچلۈك، ئىقتىسادى كۈچلۈك، دۆلەت كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىنى ئاچتى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھات لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئۇنىڭدىكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرمىسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى.

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر دىققەتنى ئالاھىدە قوزغىدى − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، مەركىزىي كومىتېت پەن - تېخنىكا كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت پەن - تېخنىكا كومىتېتى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالدى...

چوڭقۇر سۇ رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلىدى.

− ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

«ئوشۇقچە قائىدە - يوسۇنلار ئارقىلىق ئالىملارنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويۇشقا بولمايدۇ، تۈگىمەس مەلۇمات جەدۋەللىرى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشلار ئارقىلىق ئالىملارنىڭ زېھنىنى خورىتىشقا بولمايدۇ!» 2018 - يىلى ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر ئېيتىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھاتتىكى ئاچقۇچلۇق جاي دەل جايىدا تېپىپ چىقىلدى.

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش - ئېچىش پىلانى بويىچە تولدۇرۇشقا تېگىشلىك جەدۋەل 57 پارچىدىن 11 پارچىغا ئىخچاملاندى؛ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تۈرىدە «قەغەزسىز» ئىلتىماس قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ «قاتراپ» ماتېرىيال يوللايدىغان نۇرغۇن ۋاقتى تېجەپ قېلىندى؛ دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا پىلانىدا %5تىن ئېشىپ كەتمەسلىك نىسبىتى بويىچە ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش سانى ۋە قېتىم سانى يەنىمۇ ئازايتىلدى.

«ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەش، ئۇنۋان ھەممىنى بەلگىلەش، ئوقۇش تارىخى ھەممىنى بەلگىلەش، مۇكاپات تۈرى ھەممىنى بەلگىلەش»تەك «تۆت ھەممىنى بەلگىلەش» ھادىسىسىنى تۈگىتىش ۋە «يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش» بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى ۋە «ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە بىر قېلىپقىلا ئېسىلىۋالماسلىق» كەيپىياتى شەكىللەنمەكتە؛

«قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» قاتارلىقلار ئارقىلىق ئالىملارنىڭ دادىل ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا خىراجەتنى ئىشلىتىشتە تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىلدى، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىردى، تېخىمۇ كۆپ ياشلار مۇھىم پەن تەتقىقات ۋەزىپىلىرىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى.

− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى ۋە سىياسەت مۇھىتى يارىتىلدى.

40 نەچچە تارماققا تارقالغان 100گە يېقىن پەن - تېخنىكا پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈش تېزلىتىلىپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشتە تارقاق، بېكىنمە، تەكرار، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بولۇشتەك جاھىل ئىللەتلەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛

«پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە 143 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»نى بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان بولدى؛

«پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى» «پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە» قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەر كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىندى؛

...

ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقىرىلدى، كۆپ نۇقتىدا توپلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

2024 - يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3000 تۈردىن ئارتۇق پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە سودىلىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ بەردى؛ 100دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئاكادېمىيە - ئورنى مەركەزلىك ھالدا شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا زور تۈركۈمدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجىلەرنى ئېلان قىلدى... يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىلىپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىلدى.

«نىسبەت بويىچە ھوقۇق بېرىش» «ئاۋۋال ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئاندىن ئايلاندۇرۇش» «ئاۋۋال ئىشلىتىپ ئاندىن ھەق تاپشۇرۇش»... كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسى بەس - بەستە كەشپىيات ياراتتى، ئىجاد قىلدى، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى كىتاب جازىسىدىن مال جازىسىغا چىقتى، تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يۆتكەلدى.

«ئەگەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئىسلاھات بۇ يېڭى موتورنى ئوت ئالدۇرۇشتا جەزمەن كەم بولسا بولمايدىغان ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسىدۇر».

«موزى» ئۇچۇر يەتكۈزدى، «شېنجوۋ» ئاسمانغا چىقتى، «بېيدوۋ» تور تەشكىللىدى، «چاڭئې» ئاي تەكشۈردى، «جياۋلۇڭ» دېڭىزغا چۆكتى، «تيەنيەن» بوشلۇقنى كۆزەتتى...

دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدىكى رەت تەرتىپى 2012 - يىلىدىكى 34 - ئورۇندىن 2023 - يىلى 12 - ئورۇنغا ئۆرلىگەن.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېزلىتىلدى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈلدى، زورايتىلدى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى جەزمەن باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغۋار بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ ۋە ئېنېرگىيە قوشىدۇ

«دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم ئامىللىرىغا سىڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئايلىنىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.

جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشتىن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە؛ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەشتىن «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىل» دەپ كۆرسىتىشكىچە...

دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېنىق تونۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، نېمە ئۈچۈن يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

«كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش» «رايون - بۆلەك زەنجىرىنى يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىش» «دۆلىتىمىزدە يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»... مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشلىرىدە، پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىگە نەزەر سېلىندى.

جېجياڭ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك»، خۇنەن «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك»، چۇڭچىڭ «مۇھىم پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك»... ھەر قېتىملىق ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا كەلگۈسى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم سەنشى تەييۈەن پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، «85 - يىللاردا تۇغۇلغان» تېخنىك لياۋ شى «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئۇنىڭدا يېڭى ئۈمىدنى يالقۇنجاتتى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەرشارى بويىچە ئەڭ نېپىز «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ بۇ داتلاشماس پولات كارخانىسى غايەت زور زىيان تارتىشتىن سۇمۇرغنىڭ ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىققا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

كىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلىيەلىسە، شۇ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك كاپىتال ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ؛ كىم دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتەلىسە، شۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىيەلەيدۇ.

پەن تەتقىقات ئاكادېمىيە - ئورۇنلىرى، زاۋۇت سېخلىرى، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەكتەپ قورۇلىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملارنى پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى»دىن ھال سوراپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، ياش ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي تەلىم بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قابىلىيەتلىكلەرنى ئەتىۋارلايدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خەلقئارا ئىسسىقلىق يادرو يىغىلىش تەجرىبە رېئاكتورى، كىۋادرات كىلومېتىرلىق سەپلىك رادىيو تېلېسكوپى، چوڭقۇر ۋاقىت رەقەملىك يەرشارى، دېڭىز - ئوكيان مەنپىي قويۇپ بېرىش... بىر قاتار خەلقئارا چوڭ ئىلىم - پەن پىلانى ۋە چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشىدا، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تۈر ۋەزىپىسىنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى بىلەن تەتقىقاتنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، يەرشارىۋى زور مەسىلە، خىرىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى»نى تەقدىم قىلدى.

«گەرچە جۇڭگو قەدىمكى دەۋرىدە ئىنسانىيەتنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا نۇرغۇن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن يېقىنقى زامان ئىلىم - پەن ۋە سانائەت ئىنقىلابى جۇڭگودا يۈزبەرمىگەن؟» ئىلگىرى، ئىلىم - پەن تارىخىدىكى داڭلىق «لى يۆسىنىڭ سوئالى» كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالغانىدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن يىللارنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشكە مۇجەسسەملەنگەن چوڭقۇر لوگىكىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.

«تارىخ بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېيتىپ بەردى: بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك ياكى قۇدرەتلىك ئەمەسلىكىنى يەككە ھالدا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتكىلى بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تاپقان ياكى قۇدرەت تاپمىغانلىقىنىمۇ يەككە ھالدا نوپۇس كۆلىمى، زېمىن كۆلىمىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بېكىتكىلى بولمايدۇ. يېقىنقى زامان تارىخىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئارقىدا قېلىپ بوزەك بولۇشىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ بىرى دەل پەن - تېخنىكىدا ئارقىدا قالغانلىقىدىندۇر».

بۈگۈنكى كۈندە، «يېڭىلىق»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «ئالاھىدىلىك»كە تايىنىپ يىراققا يۈرۈش قىلىۋاتقان جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بېيجىڭ يىجۇاڭدا، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ شاڭخەي سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەجرىبىخانىسىدا، ھەممىباب چوڭ مودېل سىستېمىسى نۇرغۇن كەسىپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچىسىگە ئايلاندى؛ ئەنخۇي خېفېيدا، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت كومپيۇتېر كەسىپ زەنجىرى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى؛ چاڭچۇنگە جايلاشقان جۇڭگو پاراۋۇز گۇرۇھى چاڭچۇن رېلىسلىق يولۇچىلار پويىزى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سىناق لىنىيەسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك شەھەر رايونى پويىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سائىتىگە 160 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن لىق يۈك بېسىپ قاتنىدى...

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى كۈنسايىن يېڭىلاندى، يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگونىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى.

«بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بىز دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك موھتاج!»

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكە بولۇۋاتقان «جۇڭگو ناملىق» پاراخوت يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت