شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
كۈسەن مەدەنىيىتى شانلىق نۇر چاچتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەزەرىدىكى كۈسەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

سەنئەتكارلار باربىتنى چالغىنىچە، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىڭ يىلدىن ھالقىش − كۈسەن تاش غار سەنئىتى كۆرگەزمىسى»دىن گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن «جەم بولۇش، يۇغۇرۇلۇش: قەدىمكى يىپەك يولى كۈسەن تاش غار تام رەسىملىرى سەنئىتى كۆرگەزمىسى»گىچە، يەنە 20 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو(شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە ـ سودا يەرمەنكىسىنىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىغىچە، كۈسەن ھەم ئۇنىڭ تاش غار سەنئىتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشاش قەدەمدە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ كۈسەن مەدەنىيىتى قاتارلىق خارابىلىكلەرگە مۇجەسسەملەنگەن مول ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە كۆپ قاتلاملىق قىممەتنى چوڭقۇر قېزىشتا، ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش ـ قوغداش، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.

بوستانلىق شەھەر ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ئىدارە قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغان

تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان. ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغىنىڭ قوغدىشى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا، كۈسەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم ھەربىي، مەمۇرىي جاي بولغان. شەرق، غەرب مەدەنىيلىكى بۇ جايدا ئۇچراشتى، ھەر مىللەت خەلق بۇ جايدا ئارىلاشتى، ئالماشتۇردى، يۇغۇرۇلدى، بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر بۈك ـ باراقسان بوستانلىق، بىپايان چۆللۈك، سوزۇلۇپ ياتقان ئېگىز تاغلار، ئۈزۈلمەس ئېقىنلار ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن كۈسەن مەدەنىيىتىدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيلىكىنى بىۋاسىتە، ئوبرازلىق ھېس قىلالايدۇ ۋە بۇ توغرىسىدا تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.

«خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، «كۈسەن ۋاڭى يەنچېڭدا تۇرىدۇ، چاڭئەنگە 7480 چاقىرىم كېلىدۇ. 6970 ئائىلە، 81 مىڭ 317 ئاھالە بار... جەنۇبتا نىيەگە، شەرقىي جەنۇبتا چۇرچانغا، غەربىي جەنۇبتا كېرىيەگە، شىمالدا ۋۇسۇنغا، غەربتە قۇمغا تۇتىشىدۇ... شەرقتە قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ۋۇلېيچېڭ قەلئەسىگە 350 چاقىرىم كېلىدۇ.» خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن غەربىي يۇرتتىكى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ بەگلىك بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق ۋۇلېيچېڭ قەلئەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق ئەمەس ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۇچا شەھىرىنىڭ پىلاڭ كەنتىدە بىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار، ئۇ ئىلگىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەنچېڭ بەگلىكى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۈسەن بەگلىكىنىڭ مەركىزى بولغان يىلولۇ شەھىرى. بۇ يەردىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان نۇرغۇن يارماق ۋە زور مىقداردىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان نېلۇپەر نەقىشلەنگەن تاش تۈۋرۈك تەگلىكى، چاسا خىش، كاھىش بېشى، كاھىش، تاختا كاھىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«قەدىمىي شەھەر ئەتراپىدا شاقاۋۇتۇر، ئىشخىلا تۇر، كۆكبايتۇر، قاشتۇر قاتارلىق نۇرغۇن تۇر خارابىلىرى بار، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆلىمىنىڭ بىر قەدەر چوڭلۇقىنى، ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ يۇڭ.

ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى شەھەر خارابىسى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەردىن باشقا، كۇچا شەھىرى دوستلۇق يولىدىكى خىشتىن ياسالغان قەبرىلەر توپى خارابىلىكى ئىچىدە يەنە تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە شەكلى ۋە ئادىتى نامايان بولۇپ تۇرىدىغان نۇرغۇن قەبرە بار، مۇتەخەسسىسلەر قەبرە ئىگىلىرى ئىچىدە ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان كۈسەن ئاقسۆڭەكلىرى، شۇنداقلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كۈسەنگە كېلىپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىپ چېگرانى قوغداشقا قاتناشقان ئەسكەرلەرمۇ بار دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ شۇ جايغا بولغان تەسىرىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقان.

مىلادىيە 640 ـ يىلى، تاڭ سۇلالىسى يارغول شەھىرىدە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، غەربىي يۇرت رايونىنىڭ ھەربىي ـ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرغان، باشقۇرۇش دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغاندا بىر مەزگىل تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى، كۆكئارت (ھازىرقى پامىر ئېگىزلىكى)نىڭ غەربىدىن ھالقىغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كېيىن، تاڭ سۇلالىسى باشقۇرۇشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەنە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى (كېيىن ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)نى كۈسەنگە كۆچۈرگەن ھەم ئەنشى تۆت بازىرىنى، يەنى كۈسەن، كىنگىت، ئۇدۇن، سۇلىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلغان. ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يىپەك يولىدىكى مۇھىم قاتناش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، كۈسەن ھاكىمىيەت ۋە تەۋەلىك ئالمىشىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىختىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشتىن باشتىن ـ ئاخىر ۋاز كەچمىگەن، مەسىلەن، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، مەركەزگە ئون نەچچە قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرغان.

تارىخىي كىتابلاردا كۈسەنگە ئائىت خاتىرىلەر پەيدا بولغاندىن بۇيان، ھەممىسىدە بۇ جاينىڭ بايلىقى مول، سودىسى تەرەققىي تاپقان، كىشىلەر توپى قويۇق بېرىش ـ كېلىش قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. كۈسەن تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى چۆكۈندى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، يەر شەكلى كەڭ، سۇ بايلىقى مول، شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان نۇرغۇن يول بار، شۇڭا ئۇ يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر توپلاشقان. ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ماللىرىنى خېشى كارىدورى ئارقىلىق تاۋار يىغىش ـ تارقىتىش ئورنى بولغان كۈسەنگە يۆتكەپ كەلگەن، ئاندىن ماللىرىنى بۇ جايغا توپلانغان ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرىگە سېتىپ بەرگەن، ئاندىن كۆكئارت ئارقىلىق غەربتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا توشۇغان.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتتا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، كۈسەن بەلگىلىك كۆلەمدە يېزا ئىگىلىكىگە ئىگە ئىدى، خەن سۇلالىسى قوشۇنى تېخىمۇ ئىلغار بولغان كالا بىلەن يەر ھەيدەش تېخنىكىسى، كۆپ خىل شەكىلدىكى تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى، سۇچىلىق، سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ جايدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۈرى ۋە ھوسۇلى ئىنتايىن موللاشقان. «سۈينامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى.كۈسەن»دە «ئېتىزلارغا شال، تېرىق، پۇرچاق، بۇغداي كۆپ تېرىلاتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن، «كونا تاڭنامە.غەربىي رۇڭ تەزكىرىسى . كۈسەن»دە «تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپ قىلغان ... ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىدۇ، بايلار كۆپ» دەپ خاتىرىلەنگەن. «يېڭى تاڭنامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى . كۈسەن»دە «تۇپرىقى كەندىر، بۇغداي، يۇمىلاق شال، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن...

مۇھىم قاتناش يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈسەندە تۆگە، ئات، كالا، ئېشەك، قىچىر قاتارلىق چارۋىلار كۆپلەپ بېقىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۈك توشۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ھەم تاڭ سۇلالىسى مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرگەن. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى ساقلاۋاتقان قوشۇندا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن، گەرچە پىيادە ئەسكەر ۋە ئاتلىق ئەسكەر دەپ ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن پىيادە ئەسكەرنىڭمۇ ئىشلىتىدىغان ئېتى بار بولۇپ، ئات بىلەن تەمىنلەش مىقدارىدىن كۈسەننىڭ ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلۇپ ئۇچراشتى، ھەممىنى قوبۇل قىلدى

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ يېزىقى ھۆكۈمەت تىل ـ يېزىقى سۈپىتىدە غەربىي يۇرتتا كەڭ يولغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، ئالاقىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۈسەننىڭ سول قول جياڭجۈنى ليۇ پىڭگو قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ مۇھىم قاتناش يوللىرىدا ئۆتكەل، كۆزەتخانىلارنى ياسىغان، ئۆتكەلدە پىيادىلەر، سودىگەرلەرنى تەكشۈرۈش جەريانى خاتىرىلەنگەن «ليۇ پىڭگونىڭ ئۆتكەل، كۆزەتخانىلارنى ئىدارە قىلىش خاتىرىسى» تاش ئويمىسىنىڭ تولۇق تېكىستى خەنزۇچە خەت بىلەن يېزىلغان؛ كۈسەندە قۇيۇلغان خەنزۇچە ـ كۈسەنچە ئىككى خىل يېزىق چۈشۈرۈلگەن يارماقلاردا خەنزۇچە، كۈسەنچە ئويما يېزىق بار؛ قىزىل مىڭئۆيدىكى 222 ـ تاش غاردا تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنيۈەن 10 ـ يىلى (مىلادىيە 794 ـ يىلى)دىكى خەنزۇچە يېزىقتىكى بېغىشلىما بار؛ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى نۇرغۇن راھىب غەربىي يۇرتقا كەلگەن، كۈسەن مەخسۇس خەنزۇچە يېزىقتىكى بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلىش ئورنى تەسىس قىلغان، نۇرغۇن بۇددا دىنى مەيدان ـ سورۇنلىرىدا راھىبلارنىڭ ھەممىسى بۇددا نوملىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇش مودا بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ كۈسەنگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ۋېي، جىن، جەنۇبىي ـ شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە، مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى، كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى، كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشى ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شەرق ـ غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقان كۈسەنگە يىپەك يولىدا كېلىپ ـ كېتىپ تۇرغان سودىگەرلەر، ئەلچىلەر، كۆپ خىل دىننىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ھەم باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ھەر مىللەت كىشىلەر توپى توپلانغان. كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت كۈسەندە ئۇچرىشىپ ئالماشتۇرۇلۇپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنى يېتەكچى قىلغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان ئالاھىدىلىكنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن.

كۈسەنمۇ مۇشۇنداق تارىخىي مۇھىتتا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى خەزىنىسىگە ھاياتىي كۈچ ۋە ئىچكى خاس مەزمۇن قوشقان سانسىزلىغان سەنئەت گۆھەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان «يىپەك يولى: چاڭئەن ـ تىيانشان كارىدورىنىڭ يول تورى» شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئالتە مىراس جاينىڭ ئۈچى قەدىمكى كۈسەن رايونىغا جايلاشقان: بىرىنچى، خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىگىچە بولغان ھەربىي مۇداپىئە سىستېمىسىنى نامايان قىلىدىغان قىزىلقاغا تۇر خارابىسى، ئىككىنچى، مىلادى 3 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قېزىلغان، دەۋرى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىن بۇرۇن بولغان قىزىل مىڭئۆي، ئۈچىنچى، شىنجاڭدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بۇددا دىنى ئىمارەت توپى خارابىسى − سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، ئۇ دەل كۈسەندىكى بۇرۇنقى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانا − جاۋخۇلى چوڭ ئىبادەتخانىسى.

قىزىل مىڭئۆي ۋەكىللىكىدىكى كۈسەن تاش غار توپى يىپەك يولىدىكى مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

«كۈسەن تاش غارلىرى ھازىرغىچە چوڭ ـ كىچىك بولۇپ 27 جايدا بايقالدى، جەمئىي 827 غار بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل مىڭئۆي، قىزىلقاغا مىڭئۆيى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى دەۋردىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ جەمئىيەت قىياپىتى، بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە» دېدى شىنجاڭ قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ لىخۇي.

كۈسەن مىڭئۆي سەنئىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭئۆي ئىمارەتلىرى، تام رەسىمى، ھەيكەل قاتارلىقلار كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالغان بولۇپ، گانىتخارا سەنئىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددا دىنى سەنئىتى، يەرلىك خاس سەنئەت يۇغۇرۇلۇپ توپلىنىپ، بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدا تارقالغان، ئەۋج ئالغان سىيماسىنى چاقنىتىپ، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى مىڭئۆي سەنئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

«تام رەسىملىرىنىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنى بۇددا دىنى ھېكايىلىرىنى سۆزلەش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇ يەنە قەدىمكى جەمئىيەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ ـ ئادىتى، ھەتتا ئېستېتىك قىزىقىشى ۋە ئەخلاق قارىشىنى پائال ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى تولغان، مەسىلەن، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، قۇربان بېرىش قاتارلىقلار.» مياۋ لىخۇي مۇنداق قارىدى: تام رەسىملىرىدىكى «شاتۇت جېنىدىن كېچىپ ئوتنى ئۆچۈرۈش» «داشىنىڭ دېڭىزدىن مەرۋايىت سۈزۈشى»«شىر پادىشاھ جېنىدىن كېچىپ لەۋزىدە تۇرۇش» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

مىڭ يىللار ئۆتتى، كۈسەننىڭ يېڭى قىياپىتى قايتا نامايان بولدى

«كۈسەن تام رەسىملىرىدە مول ناخشا ـ ئۇسسۇل سەنئىتى كۆرۈنۈشلىرى بار، بۇ ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش خاتىرىسى.» مياۋ لىخۇي مۇنداق دېدى: تام رەسىملىرىدە كۆرگىلى بولىدىغان چالغۇلاردىن كۇڭخوۋ، باربىت، رۇەن، دۇمباق، نەي قاتارلىق 20 نەچچە خىلى بار بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كۈسەن مۇزىكىلىرىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن، مۇزىكا، ئۇسسۇل غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالغان. خەن سۇلالىسى مەلىكىسى جيېيوۋ بىلەن ئۇيسۇن ۋاڭدىن تۇغۇلغان قىز دىشى ئانىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن، دىشى كۈسەن ۋاڭى جياڭبىنغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، يەنە ئېرى بىلەن بىللە ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھ ئىنئام قىلغان مۆھۈر لېنتىسىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار كۈسەنگە قايتىدىغان چاغدا، خەن شۈەندى مەخسۇس «پەيتون، ئات، تۇغ ۋە دۇمباق ئىنئام قىلىپ، نەچچە ئون ئادەمنى قوشۇپ نەغمە ـ ناۋا بىلەن يولغا سالغان».

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردا نەغمىلىرى ئىجادىيىتىگە غەربىي يۇرتتىن كەلگەن نۇرغۇن مۇزىكا ئېلېمېنتلىرى قوبۇل قىلىنغان، كۈسەن نەغمىلىرى ئوردا نەغمىلىرىنىڭ «ئون نەغمە»سى ئىچىدىكى تۆت يى نەغمىلىرىنىڭ بېشى بولۇپ، مۇزىكىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، چالغۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن، چياڭزۇ نېيى، سۇناي، ئەگرى بويۇن باربىت قاتارلىق چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىپ ئىلگىرى چاڭئەندىكى مۇزىكا مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان.

«شەرقتىن غەربكە مىڭ نەچچە چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغا 600 نەچچە چاقىرىم كېلىدۇ» «ئوركېستىردىكى سازەندىلەر ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇزىكىلىرىنى چېلىشقا ئالاھىدە ماھىر»، شۈەنزاڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى»دە مۇشۇ بىر نەچچە جۈملە سۆز ئارقىلىق كۈسەننىڭ بىر ئىنتايىن رىۋايەت تۈسىگە ئىگە غەربىي يۇرت سەنئەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن.

مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئايرىلمايدۇ، تام رەسىملىرىدە خاتىرىلەنگەن كۈسەن ئۇسسۇلى تەخمىنەن ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ، مەسىلەن، خۇلارنىڭ سەكرىمە ئۇسسۇلى، خۇلارنىڭ قۇيۇن ئۇسسۇلى، جېجى ئۇسسۇلى، تەقلىدىي ئۇسسۇل، چىنە ئۇسسۇلى، لېنتا ئۇسسۇلى، دۇمباق ئۇسسۇلى قاتارلىقلار. «تام رەسىملىرىدىكى سازەندىلەر، ئۇسسۇلچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر تەرەپتىن چېلىپ بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئوينايدۇ، چالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئۇسسۇلغا تەڭكەش قىلىنىدىغان، ھەم ئۇسسۇلغا ھۆسن قوشىدىغان جابدۇق ئىدى» دېدى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يىن جيې.

ئۇزاق يىللار ئۆتتى، «كۈسەن» دېگەن بۇ سۆز گەرچە تارىخ ئالمىشىش داۋامىدا يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايدىكى مەدەنىيەت ئەسلىمىلىرى ئۇنتۇپ كېتىلمىدى، بەلكى بارلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «كۇچا»دىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئىسىم بىلەن، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا مېغىزىنى ئېلىپ قېلىپ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يۇغۇرۇلۇپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈسەن مەدەنىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز سىڭىشتى −

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇسسۇللۇق تىياتىر «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز»، ناخشا ـ ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي»، چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكلىدىكى ناخشا ـ ئۇسسۇللۇق سەنئەت ئويۇنى «ئۆرۈك چېچەكلىگەندە ئۇچرىشىش، يىپەك يولىدىكى كۈسەن»دە، كۈسەن نەغمىسى ـ ئۇسسۇلى ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە زامانىۋى سەنئەت بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق، مىڭ يىلنى ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭى قىياپىتىنى قايتا نامايان قىلىپ، قېتىم ـ قېتىملاپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى؛

شىنجاڭ يىپەك يولى گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەم رەقەملىك ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش يۆنىلىشىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىپ، كۈسەن مەدەنىيىتى مەدەنىيەت ئىجادىيەت IP «كۈسەن ئەركىسى»نى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىپ، «كۈسەن»نى تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ دۆلەت ئىچى يېڭى مودىسى، تېخىمۇ كارتون شەكىلدە نامايان قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى؛

3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى «كۇچا تارىخ ـ مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش يىرىك پىلانى (2035 − 2023)» رەسمىي سىرتقا ئېلان قىلىندى، كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا كۇچا داڭلىق شەھەرنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، كۆپ قاتلام، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۈسەن مەدەنىيىتىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە خارابىلىكلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىدۇ...

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى، يىغىندا، كۈسەن بۆلەك رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئائىت نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە ئالاقىدار لايىھە توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىندا، كۈسەن بۆلەك رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى قىلىش تەكىتلەندى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى كۈسەن مىڭئۆيلىرىنىڭ ئەسلىي گەۋدىلىرىگە قارىتا قوغداش خاراكتېرلىك مۇستەھكەملەش ۋە رېمونت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قوغداش رايونى ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، مىڭئۆيلەر ئىچىدىكى تام رەسىملەر، ھەيكەل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ يىغىش ۋە سىرتقا نامايان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى تولۇق قېزىپ، قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى داۋامىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەزەر دائىرىسى ئىچىدىكى كۈسەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت