شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۇەنۋۇدىكى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتىنى ھېس قىلىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىش
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 ـ يەسلى «رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۇەنۋۇنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بالىلار ئەجدىھا ئۇسسۇلى، رەڭلىك يىپتىن بۇيۇم توقۇش، خۇش پۇراق بولاققا رەڭ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، دۇەنۋۇ كاتتا بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. □ سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈش، ئېمال بۇيۇملاردىن ھۇزۇرلىنىش، رەسساملارنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىدىن بەھرىلىنىش... دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار بەس ـ بەستە ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، زۇڭزا تۈگۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى قاتارلىق مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئەنئەنىۋى بايرامدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان «دۇەنۋۇدىكى نەپىس ئۇسسۇللار . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش» دۆلەت مودا ئېقىمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە باشلاندى. سەنئەت بايرىمىدا باغچە رايونىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدە نومۇرلىرى ساقلاپ قېلىنىش بىلەن بىللە، دۇەنۋۇ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ دۆلەت مودا ئېقىمى قىزغىنلىقى ئاساسلىق كېڭەيتىلىپ، زۇڭزا تۈگۈش، زۇڭزا يېيىش مۇسابىقىسى، ئەجدىھا قولۋاق ئۇسسۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى ھەم مەنزىرە ۋە سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، ھەم خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا قويۇق بولغان بايرام مەدەنىيىتى كەيپىياتى ھېس قىلدۇرۇلدى.

ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان دۇەنۋۇ بايرىمىلىق خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىنى بالىلىرىنى ئېلىپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان ياغاچ قېلىپتا گۈل بېسىش گۈل نۇسخىلىرى ئويۇلغان ياغاچ قېلىپنى ھەر خىل رەڭدىكى بوياقلارغا چىلاپ، قولدا توقۇلغان ئاق رەختكە بېسىپ، گۈل نۇسخىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ياغاچ قېلىپتا گۈل بېسىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالتە ياشلىق ما رۇيمىڭ ئاستى ـ ئۈستى، ئوڭ ـ سولدىكى كۆپ گۇرۇپپا گۈل نۇسخىلىرى سىممېتىرىك بولغان ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

ھەمتۈرتكىلىك ئويۇنغا قاتناشقان جياڭشى نەنچاڭلىق ساياھەتچى پەن خې يەسلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكىغا كەلگەنىدى، بۇ دەل دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىگە كېلىپ ئويناشنى تاللىدى. «بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا 2 ـ قېتىم كېلىشىم، دۇەنۋۇ بايرىمىنىڭ بۇنچە قىزىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۇ يەردىكى خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى نومۇرلىرى، ھەمتۈرتكىلىك ئويۇنلاردا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك ئىكەن، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بولدى» دېدى پەن خې.

شۇ كۈنى، «12 ـ نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» ھەم «بازاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ دۇەنۋۇنى كۈتۈۋېلىش» كۆرگەزمە، كۆرەك پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا باشلاندى. دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ئۈرۈمچى شەھىرى دەرىجىلىك 60تىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى نەق مەيداندا نامايان قىلىندى.

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت سىستېمىسى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈرلۈك يېڭىچە ئۇسۇللارنى بارلىققا كەلتۈردى. مەززىلىك تائاملار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئېسىل پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىللە، يەنە ئىشىك بېلىتى، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ساياھەتچىلەر زۇڭزا يەپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، رەڭلىك ئارغامچا ياساپ، خەنفۇ كىيىپ بايرامنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى. تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 2024 ـ يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» ھەم «قويۇق مۇھەببەتكە تولغان دۇەنۋۇ بايرىمى . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتتا زىياپىتى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. پائالىيەت مەزگىلىدە، تاجىك مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ ـ ئادىتى نومۇرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەنتەربىيە ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركەزلىك كۆرىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سائەت 21دە، خوتەن ناھىيەسى شىنچېڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇدۇننى كېسىپ ئۆتۈش . ئىناق، گۈزەل دۇەنۋۇ» 2024 ـ يىللىق كوئېنلۇن مۇزىكا يىغىلىشى خوتەن ناھىيەسىنىڭ «ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر . دۇەنۋۇدا زۇڭزىدىن بەھرىلىنىش» مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. دالىدا قونۇپ كاۋاپ پىشۇرۇش، ساھىل پۇتبولى... كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئۈچۈن بىر مەيدان ئالاھىدە كاتتا مۇزىكا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى. سەھنىدە، كىلاسسىك ۋە زامانىۋى، ئەنئەنىۋى ۋە ئىجادىي مۇزىكا ئامىللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇسسۇللار پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى؛ سەھنە ئاستىدا، تاماشىبىنلار مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ قولىدىكى يالتىراق كالتەكنى پۇلاڭلاتتى، چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى بىردە كۆتۈرۈلۈپ، بىردە پەسەيدى؛ ھەمتۈرتكىلىك ئويۇن نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، تاماشىبىنلارغا مۇزىكىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.

كوئېنلۇن مۇزىكا يىغىلىشىدىن باشقا، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خوتەن ناھىيەسى يەنە ئومۇمىي خەلق خۇشال ـ خۇرام ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسى، قۇرۇق يەردە ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. خوتەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى(خوتەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈي نېڭفا مۇنداق دېدى: «كوئېنلۇن مۇزىكا يىغىلىشىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا مۇزىكا زىياپىتىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە خوتەن ناھىيەسى شىنچېڭنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ خوتەن ناھىيەسى شىنچېڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، بىر مەيدان مول، رەڭدار «دۇەنۋۇ . جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. رەڭدار يەلپۈگۈچ، چوكا تاشلاش، توپ تېپىش، تېپىشماق تېپىش، چىراي ئۆزگەرتىش قاتارلىق 26 تۈرلۈك جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تۈرى قالتىس نامايان قىلىندى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 1600دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئونسۇ ناھىيەلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 100 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تەشكىللەنگەن ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئەترىتى قىزغىنلىق بىلەن ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئوينىدى، ئالتۇن ئەجدىھا بەزىدە كۆتۈرۈلدى، بەزىدە ئايلاندى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. ئۆرە تۇرۇش، تېپىش، يەلپۈگۈچنى ئېچىپ يېپىش ئارىلىقىدا، قىزىل يۈز ئاق يۈزگە ئۆزگەردى، بېشىنى بۇراپ باش كىيىمىنى سىلكىش ئارىلىقىدا، ئاق يۈز يەنە قارا يۈزگە ئۆزگەردى، ئاقسۇ شەھەرلىك 6 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى قىسقىغىنا تۆت مىنۇت ئىچىدە، چاققانلىق بىلەن سەككىز ليەنپۇ ئۆزگەرتتى.

6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش − «سەنئەت ئارزۇسى بالىلار سەپىرى . يىپەك يولىدىكى جياڭنەن» يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسى شىنجاڭ زامانىۋى كەسىپ شۆيۈەنى(كەلپىن ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)دە باشلاندى. بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك كۆرگەزمە دۇەنۋۇ بايرىمىنى پۇرسەت قىلىپ، «كۆڭۈل قويۇپ سىزىلغان رەسىم ئەسەرلىرى»نى تور سىرتىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى باشلاپ، بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئادىمىيەت ئۆرپ ـ ئادىتىنى نامايان قىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. پائالىيەت نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى بەس ـ بەستە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، كەلپىن ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نادىرە ساۋۇت مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى بەدىئىي سۈرەت كۆرگەزمىسى بىر قېتىملىق قەلب ئالاقىسى ۋە ھېسسىيات جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ئېستېتىك قىزىقىشنى يېتىلدۈردى. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى سەنئەت كۆۋرۈكىدە ئۇچراشتۇرۇپ، تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا سەنئەت ۋە ماھارەتنىڭ جەلپكارلىقى ۋە كۈچىنى ئورتاق ھېس قىلدۇردى».

(مۇخبىرلار جاۋ شىيا، پەرىزات ئابدۇل، ۋېي خۇڭپىڭ، جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جېن، مۇكەرىپ)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت