شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىگە كېلىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ساياھەت قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: قاراماي شەھىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەۋقەنى كەسىپ ئاساسى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ «ئەلا سۈپەتلىك ئېشىش مىقدارى»نى زورايتىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئالدىنقى يېرىم يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ھەم كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۆزنەك مەزگىلى، پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇسابىقە يولىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئىگىلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىدىن كۆپ مەنبەلىك پايدىلىنىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ جىڭپىن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 12GW يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ھەم كىرېمنىي ياپراقچىسى تۈرى (1 ـ قارارلىق) شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي كەسىپ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. «قانداق تېخنىكا لىنىيەسى قوللاندىڭلار؟ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى قانداق بولدى؟» ئەركىن تۇنىياز سېخلارغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارى، بازار باھاسى، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، 2 ـ قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتى ئەلا بولسا، مېنىڭ ئالاھىدە» دېگەن قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش روھ بىلەن يېڭى يول ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

قاراماي شەھىرى چېڭتوۋ مايلىق قۇم كانى چارلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ فېڭچېڭ 1 ـ نومۇرلۇق مايلىق قۇم كانىدا، ئەركىن تۇنىياز مايلىق قۇم نېفىت بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ۋە بۇرغىلاش مەشغۇلات رايونىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھۈنەر ـ سەنئەت تەرتىپى، تېخنىكا يېڭىلاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى شەرتىدە سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان نېفىتلىك قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك ياغاچ ئۆي، ئېسىل ئۆي ئاپتوموبىلى، بىرقەدەر ھەشەمەتلىك چېدىر ۋە كونتېينېرلىق لاگېر ئورنى بىر ـ بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئەركىن تۇنىياز ساياھەتچىلەر ئېقىم مىقدارى، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى ئالدىن زاكاز قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ مۇنداق تەكىتلىدى: رايون ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قېزىپ، مەدەنىيەت سەنئەت نومۇرلىرى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ساغلاملىق، تەنتەربىيە قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى خاسلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن، سەرخىللاشقان ئىستېمال تاللىشى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. غەربىي قىسىم ۋۇجېن خەلقئارا مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز بۇ تۈرنىڭ يېزا ئۆيلۈك يەر ئوبوروتىنى تۇتقا قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: بازارلاشقان، كۆلەملەشكەن يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپەت ـ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، ھېسابلاش كۈچى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت، ئىستېمال ساھەسىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا پايدا ـ مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنىڭ ماس يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت