شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 10 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملاندى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىگە 10 مىليارد 745 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان، بۇ، يىللىق پىلاننىڭ %30.7ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.71 ئاشقان.

2024 - يىلى، شىنجاڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىدىن جەمئىي 570 تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، 35 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشنى پىلانلىغان. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىش باشلانغان، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۈرلەر پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، 526 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %92.28 بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 145ىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈر 369، ئىش باشلانغان تۈر 351، ئىش باشلاش نىسبىتى %95.12 بولدى؛ زاپاس تۈر 56 بولۇپ، 30 تۈردە ئىش باشلاندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز، ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.99 ئاشتى.

«شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، ماكرو ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇاڭ خۇڭجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024 - يىلى دۆلەت ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 1 تىرىليون يۈەن زايوم تارقاتتى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق سۇچىلىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى نىشانى ۋە زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىش تۈر قۇرۇلۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

خۇاڭ خۇڭجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەپتە ئارقىلىق ئايغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاي ئارقىلىق پەسىلگە كاپالەتلىك قىلىپ، پەسىل ئارقىلىق يىلغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ تۈگۈن نۇقتىسىنى كونترول قىلىپ، تۈرلەر بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئالغا سىلجىتىدۇ. مەبلەغ غەملەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلارنىڭ دەرىجىگە ئايرىپ مەبلەغ سېلىش ۋە يەرلىكنىڭ يانداش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونى قاتارلىق يانداش مەبلەغ بىرقەدەر كۆپ بولغان تۈرلەرگە قارىتا، يانداش مەبلەغنى كۆپ تەرەپتىن غەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ كىچىك تىپتىكى سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا قارىتا، جەمئىيەت كاپىتالىنى قۇرۇلۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراشقا قاتنىشىشقا كۆپ يوللار ئارقىلىق جەلپ قىلىدۇ. مەبلەغ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، زايوم مەبلىغىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەبلەغنى بەلگىلىمىگە خىلاپ پارچىلاش، قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ چۈشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ھەمدە سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىنى قەتئىي توسۇپ، زايوم مەبلىغىنىڭ بىخەتەر، ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت