شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەدەنىيلىك نۇرى ئارقىلىق گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتۇش
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى

□ خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ خې، جاڭ شو، جېڭ خەيئوۋ

سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيلىكى مول.

بۇ بىپايان زېمىندا، ئەگرى - بۈگرى ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسى ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى توختىماي مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ، ئونمىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى ھەيۋەت بىلەن يىراقلارغا سوزۇلغانىدى، بېيجىڭ - خاڭجوۋ چوڭ قانىلى قەدىمكى زامان بىلەن ھازىرقى زاماننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ... بۇ پارلاق، شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى ۋە مىللەت روھىنىڭ مۇھىم سىمۋولى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى مۇجەسسەملىمەكتە، ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

«جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە»؛

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا پارلاق مەدەنىيلىك مۇجەسسەملەنگەن، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، مىللەت روھى ساقلانغان، بۇ، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراس»؛

«بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز»؛

...

چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەر، سەمىمىي تاپشۇرۇق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈپ، مەدەنىيەت يىلتىزى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

مەدەنىيلىك نۇرى گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، پارلاق مەدەنىيلىك ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.

«تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق»

ياغاچ تاختا تام، گۈللۈك رېشاتكا، شىكۇمېن. جېجياڭ جىنخۇا لەنشى شەھىرىنىڭ جۇگې بازىرىدىكى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە جۇگې باگۇا كەنتى ھازىرغىچە بايقالغان جۇگې لياڭنىڭ ئەۋلادلىرى ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، كەنتتە مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى قاتارلىق دەۋرلەردىكى 300دىن ئارتۇق قەدىمىي ئىمارەت بار.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇگې باگۇا كەنتىدە ھەممە ئادەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىمى.

كەنتكە كىرىش بىلەنلا، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىدىكى توق قىزىل رەڭلىك «جۇڭگو سارىيى»نىڭ كىچىكلىتىلگەن مودېلى ئاق تام، كۈل رەڭ كاھىشلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ كۇڭمىڭ قۇلۇپى ياساش ھۈنىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جۇگې ۋېنساڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىجاد قىلغان كۇڭمىڭ قۇلۇپى ئويۇنچۇقى ئىدى.

«كۇڭمىڭ قۇلۇپى ياساش، جۇگې جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، كەنتتىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى مەملىكەت سىرتىغا سېتىلدى.» جۇگې ۋېنساڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرى قەدىمىي كەنتنى قوغدىغۇچىلار، شۇنداقلا بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر».

2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى». ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا باگۇا كەنتىنى ئالايىتەن تىلغا ئالغانىدى: «بەزى يېڭى يېزىلار دەل تارىخنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلىنىپ كەلگەن قەدىمىي كەنتلەر، مەسىلەن، لەنشىدىكى باگۇا كەنتى قاتارلىقلار، بۇ كەنتلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى قوغداپ، تارىخىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.» يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇتقۇزۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە دائىم شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى.

«تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق، قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.» 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى داتۇڭدىكى يۈنگاڭ تاش غارىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

يەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ قالدۇرغان قەدىمكى كىتابلار دەل بۇ «مەشھۇر تاغ ئېتىكىدە ساقلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن».

لەنتەي دۇڭكۇ ئامبىرىدىكى سارغىيىپ كەتكەن قەغەزلەر، مەنىسى چوڭقۇر سىياھ ئىزلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەزىم دەريادەك ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان مۇساپىسىنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان چوڭقۇر ئۇيقۇدا ياتقان نۇرغۇن قىممەتلىك قەدىمكى كىتابنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ئىجادىي ھالدا دۇڭكۇ ئامبىرى قۇرۇپ، قىممەتلىك نەشر بايلىقلىرىنى بىخەتەر، مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالدى.

جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى ليۇ چېڭيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ كۆلىمى ۋە شارائىتى نەشر نۇسخىسىنى ساقلاش تارىخىدىكى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى، بۇ يىل 3 - ئايغىچە، 32 مىليون نۇسخا/پارچە نەشر نۇسخىسى يىغىپ ساقلاندى.

«قەدىمدىن تارتىپ يىغىپ توپلىغىلى بولىدىغان قەدىمكى كىتاب، ماتېرىياللارنى تولۇق يىغىپ توپلاپ، ياخشى قوغداپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيلىكىمىزگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.» 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى مەركىزىي باش سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

767 مىڭ ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 108 مىليون دانە (يۈرۈش) دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى... ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقلارغا مۇجەسسەملەنگەن تارىخ، سەنئەت، ئىلىم - پەن قىممىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

خېنەن ئەنياڭدىكى تيېشى يولى ئەتراپىدىكى بىر ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىدا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەنياڭ خىزمەت پونكىتىدىكى 50 نەچچە ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىسى قولىغا گۈرجەك ئېلىپ سىرتقى يۈزنى قىرىش، سىزىق سىزىش قاتارلىق باسقۇچلارنى توختىماي تەكرارلىدى، ئۇلار پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەۋاتاتتى.

ۋاڭ خەنيۈەن بېيجىڭ داشۆنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن دوكتور، بۇلتۇر 9 - ئايدا يىنشۈ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىنى قېزىشقا قاتناشقان، «مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمدىن پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شاڭ سۇلالىسى مەدەنىيلىكىنى ئومۇميۈزلۈك، جانلىق ئېچىپ كۆرسىتىش، نامايان قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋاڭ خەنيۈەن.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن ئەنياڭدىكى يىنشۈ خارابىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش - قوغداش خىزمىتى ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك».

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، يىنشۈ مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيى رەسمىي تۈردە خەلق ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلدى. شاڭ سۇلالىسى مەدەنىيلىكى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنغان بۇ ئارخېئولوگىيە تۈرىدىكى مۇزېيدا 4000 دانە(يۈرۈش)گە يېقىن مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەركەزلىك ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسىمدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، شاڭ سۇلالىسى مەدەنىيلىكىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولى جانلىق نامايان قىلىندى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق».

سىچۇەندىكى سەنشىڭدۈي مۇزېيىغا كىرگىنىمىزدە، بۈك - باراقسان ياپيېشىل دەرەخلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سارىيىدا، ئاق خالات كىيگەن خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەزىلىرى قولىغا ئەسۋابلارنى ئېلىپ ئۈستەلگە ئېڭىشكىنىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى، بەزىلىرى كومپيۇتېرغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىۋاتاتتى، بەزىلىرى چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى.

«بۇ جايدا ئاساسلىقى سەنشىڭدۈيدىكى ئالتە <نەزىر - چىراغ ئازگىلى>دىن يېڭى قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تازىلاش - رەتلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل» دەپ تونۇشتۇردى سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يۈ جيەن.

2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، دۆلەتنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولغان ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشنى بىر - بىرلەپ قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك».

«باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىز باسارلار چوقۇم ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىدۇ.» يۈ جيەننى تولىمۇ سۆيۈندۈرگىنى 90 - يىللاردا، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان نۇرغۇن ياشنىڭ سەنشىڭدۈي مۇزېيىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقىنى بولدى.

يۇقىرى مولېكۇلىلىق داكا قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلىپ پىل چىشى مۇكەممەل ھالەتتە ئايرىۋېلىندى؛ 3D باسما تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ ماسسىلىق بىرونزا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا سىلىتسىيلىق يېلىم پەردىدىن ياسالغان «يۇمشاق قوغداش كىيىمى» كىيدۈرۈلدى؛ ئىزوتوپلۇق ئىز قوغلاپ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش تېخنىكىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى... ياشلار يېڭى پەن - تېخنىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتىن سەددىچىن سېپىلى، تاش غار ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ نەنخەي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمال يانتۇلۇقىدىكى 1 - نومۇرلۇق، 2 - نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىسى قاتارلىق زور ئارخېئولوگىيە تۈرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 5 - باسقۇچلۇق تەتقىقاتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە؛ «پۇئېر جىڭمەيشەن تېغى قەدىمكى چايزارلىق مەدەنىيىتى مەنزىرىسى»نىڭ «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈشىدىن چوڭ تىپتىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، قوغداش تۈرى بولغان «جۇڭخۇا تېبابەت دەستۇرى»دىن ئىبارەت تۇنجى تۈركۈمدىكى نەتىجىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغىچە... دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى.

زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى بىرتەرەپ قىلىش مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا جەزمەن بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە.

«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىنى تيەنجىننىڭ <جۇڭگوچە> ئامىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېيىشىدۇ. بۈگۈن قارىسام، بۇ جاينىڭ مەدەنىيەت تۈسى، تارىخ تۈسى ۋە تۇرمۇش تۈسى كىشىگە مول، قىممەتلىك ھەم يېڭى مودا تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن.» خېبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى ياڭ شياۋچېن تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا سەيلە قىلغاچ، ئارىلاپ يان تېلېفونىدا بۇ قەدىمىي كوچا رايونىدىكى دۇكانلار ۋە زىننەت راۋاقلارنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنى زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەر قۇرۇلۇشى داۋامىدا جۇلالاندۇرۇش كېرەك».

بارغانسېرى كۆپ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەرلىرى پۈتۈن گەۋدە بويىچە قوغداش، ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا قاراپ يۈزلەندى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرى مىكرو ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى ئىشقا سالدى، شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە يەرلىك تومۇرلىرىدىن يىللار ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، مەدەنىيەت تومۇرى ساقلاپ قېلىندى.

خېبېيدىكى جېڭدىڭ قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشقا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «توغرا بولغان قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يەنى ئۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك».

مەركەز شەھەر - بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدە نۇرغۇن تارىخىي خاتىرىلەر بار، بولۇپمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر قىسىم كونا شەھەر رايونلىرى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، يەڭگىلتەكلىك، نادانلىق سەۋەبىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا بولمايدۇ».

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «<مىكرو ئۆزگەرتىش>تىن ئىبارەت <كەشتە تىكىش> ماھارىتىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك».

...

بۈگۈنكى كۈندە، خېبېيدىكى جېڭدىڭ قەدىمىي شەھىرى شىمالدىكى ھەيۋەتلىك قەلئەلەرنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلدى، بېيجىڭدىكى خۇتۇڭلارغا قەدىمىي پايتەختنىڭ ئەسلىمىسى ۋە قويۇق يۇرت سېغىنىشى مۇجەسسەملەندى، «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى شەھىرى» بولغان فۇجيەن چۈەنجوۋ سىغدۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشكە دائىر تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلدى، باكوۋ كوچىسى شىزاڭدىكى ئالەمشۇمۇل، غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى... تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىشىپ، تاغ - دەريا بىلەن ئادىمىيەت قوشۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان زامانىۋى جاينى بارلىققا كەلتۈردى، مەدەنىيەت ئىشەنچى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.

«ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىز داۋاملىق قولىمىزدا تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك»

جياڭسۇدىكى سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى بۈگۈنگىچە 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئېلاستىكلىق، سەۋرچانلىق، ئىرادە جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ بىر قىسمى.» 2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق كۆرسەتتى.

بىر كەشتە كەرگىسى، بىر تۇتام يىپەك يىپ، بىر تال پولات يىڭنە، پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدىكى بىر ئېغىز كىچىك دۇكاندا، سۇجوۋ كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى لۇ جيەنيىڭ باش چۆكۈرۈپ كىمخابقا كەشتە تىكىۋاتقان بولۇپ، بارماقلىرى ئەپچىللىك بىلەن ھەرىكەتلىنىۋاتاتتى. ئۇ سەككىز يېشىدا مومىسىدىن كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئۆگەنگەن، 15 يېشىدا سۇجوۋ كەشتىچىلىك مۇزېيىغا تەكلىپ بىلەن بېرىپ كوللېكتىپ ئىجادىيەتكە قاتناشقان... كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، لۇ جيەنيىڭنىڭ بىر جۈپ چېۋەر قولى ئاساسەن دېگۈدەك ئارام ئېلىپ باقمىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، لۇ جيەنيىڭنىڭ قىزى پەن نەيشۇمۇ كەشتە يىڭنىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. سۇجوۋ كەشتىچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش تىلغا ئېلىنغاندا، پەن نەيشۇ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى سۇجوۋ كەشتىچىلىكى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەر سەنئىتى بىلەن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماشىنا كەشتىچىلىكىدىن پەرقلىنىدۇ، «ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس ماھىيىتى دەل ھۈنەرۋەن روھى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

بىر ئەزىم دەريا جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇردى، بىر سىن قەدىمكى زامان بىلەن ھازىرقى زاماننى تۇتاشتۇردى −

بېيجىڭ - خاڭجوۋ چوڭ قانىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى جېجياڭ خاڭجوۋدىن يولغا چىقىپ، گۇڭچېنچياۋ كۆۋرۈكى سۈڭگۈچىدىن ئۆتۈپ، يەنە يەلكەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ خېنەن لوياڭدىكى خۇيلوساڭغا كەلگىلى بولىدۇ، بۇ، قانال بويىدىكى قەدىمكى ئاشلىق ئامبىرىنىڭ خارابىسى بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر تۇيۇقسىز لىفىتقا ئولتۇرغاندەك تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، ئاشلىق ئامبىرىغا «چۈشۈپ» كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، نەق مەيداندا چۆچۈپ ۋارقىرىغان ئاۋازلار ياڭرايدۇ...

«بۇ، مۇزېيدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كۆزەينەك تاقىمىغان ھالەتتىكى 3D ھېس قىلىش تۈرى». جياڭسۇ ياڭجوۋ جۇڭگو چوڭ قانىلى مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى جېڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «بەش مىنۇتلۇق سىندا، مىڭ چاقىرىملىق قانالنىڭ يۆگىمە رەسىمى كۆز ئالدىمىزدىلا نامايان بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات توغرىسىدا بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولغىلى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېپيېڭى ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ».

2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭ شاۋشىڭدىكى جېدۇڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «چوڭ قانال مەدەنىيىتى جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، قەدىمىي چوڭ قانالنىڭ دەۋر يېڭى قىياپىتىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك».

«ئەسلىدە، بىز ھەر كۈنى ئىچىدىغان، ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ بىر قىسمى چوڭ قانالدىن كېلىدىكەن ئەمەسمۇ!» جېدۇڭ قانىلى مۇزېيى تەشكىللىگەن تەتقىقات - ئۆگىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، شاۋشىڭ شەھەرلىك زىۋېي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى شۈ خاۋشۈەن بۇ يېڭى بايقاشقا ئېرىشىپ، قانالنى تىرىشىپ قوغداش ئىرادىسىگە كەلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، جېدۇڭ قانىلى مۇزېيى بىلەن شاۋشىڭدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇزېي - مەكتەپ ھەمكارلىقىنى باشلاپ، مۇزېي ئىچىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن قەدىمكى قانال مەنزىرىسىنى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ، مۇزېينى «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسخانا»غا ئايلاندۇرۇپ، قانال مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى يېڭى ۋاسىتە، يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

قوغداش بىرىنچى ئورۇنغا، ۋارىسلىق قىلىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى، مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش داۋامىدا ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى.

جياڭشىدىكى جىڭدېجېنغا كەلگىنىمىزدە، بۇ جايدا «13 چاقىرىمغا سوزۇلغان تاۋياڭ يولى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نۇرغۇن ئائىلە»لەرنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسى، «خۇمداندىكى ئوت كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان، فارفور بۇيۇملار كۈندە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان» ئاۋات مەنزىرە نامايان بولدى.

تاۋياڭلى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى سۈن لىشىن ساياھەتچىلەرگە قولدا فارفور بۇيۇم ياساش ئۆزگىچە ھۈنەر - سەنئىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ ھەش - پەش دېگۈچە، بىر - ئىككى مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بىر جانلىق رەسىم ئەسىرىنى پىششىقلانمىغان ساپال بۇيۇملىرىدا نامايان قىلىپ، ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى.

«ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىز داۋاملىق قولىمىزدا تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.» 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭدېجېندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇزاق يىللىق فارفور بۇيۇملار شەھەرچىسىدە ماڭغاندا، ھەمىشە ياشلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە رەسىم كەسپىنى پۈتكۈزگەن ۋېي رۇڭرۇڭ دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىدىكى شەخسلەرنىڭ قىياپىتىنى كىچىك چىنىلەرگە «چۈشۈردى». چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن لۈ ياتىڭ لايىھەلەش ۋە ماشىنا ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ بولغان نەپىس فارفور بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنى يېڭىلىدى؛ 90 - يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت مېڭ لىڭشو قەدىمكى فارفور بۇيۇملاردىن ئىلھام ئېلىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ياپونىيە، كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق جايلارغا ساتتى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

«بۇ جايدا، لېيچا چېيى تەييارلاشتا خۇاجياۋ تاياقچىسى ئىشلىتىلىدۇ، يېگەن مىفېن تامىقىغا كالا گۆشى شورپىسى ئىشلىتىلىدۇ...» خۇنەن چاڭدېخې كوچىسىدىكى يۈەنياڭ زوۋما بىناسىدا چاڭدې سىشيەن تىياتىرىنىڭ ياش ۋارىسى لى تىڭتىڭ «چاڭدې ياخشى جاي» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى، ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ بۇ جايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چاڭدې شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چاڭدېخې كوچىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «چاڭدې مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان جاي، بۇ جايدىكى سىشيەن، گاۋچياڭ، خاۋزى قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق ۋاسىتە ئارقىلىق ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك».

«بۇ دەل بىزنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەم ئىلگىرىكىدەكلا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغان ئىشىمىز.» چاڭدې سىشيەن تىياتىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش تىلغا ئېلىنسا، لى تىڭتىڭ بۇ توغرىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ.

ياشلارغا يۈزلىنىپ، لى تىڭتىڭ چاڭدې سىشيەن تىياتىرىنى چاڭشا تەنسى، جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى مودا مۇزىكىلار، ھەتتا مەردانە شىمالىي شەنشى مەدداھلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا كەڭ ياخشى باھاغا ئېرىشتى؛ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارغا يۈزلىنىپ، ۋۇلىڭ رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى چاڭدې سىشيەن تىياتىرى سىنىپىدىن ئۈچنى تەسىس قىلدى، دۆلەت دەرىجىلىك چاڭدې سىشيەن تىياتىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى چېن شياۋخۇي دەرس ئۆتۈپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جانلىق تۈستە دەۋرگە سىڭىشىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئۈزۈلمەي ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى −

گۇاڭدۇڭدا، 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە چاۋجوۋ قەدىمىي شەھىرىدە ئەنئەنىۋى مەھەللە قۇرۇلمىسى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنى ساقلاپ قېلىنغان، چاۋجوۋ قورۇمىلىرى، گۇڭفۇ چېيى، چاۋجۈ تىياتىرى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، «جانلىق ۋارىسلىق قىلىش» جەريانىدا ئۇزاق يىللىق قەدىمىي شەھەر يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛

شەندۇڭدا، يېزا - كەنت مۇزېيلىرى قەد كۆتۈردى، ئوقۇغۇچىلار گۈرجەك، تىرنا، ئەپكەش قاتارلىق تېرىقچىلىق قوراللىرى ئارقىلىق زىرائەت تېرىشنى ھېس قىلدى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋردە ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلدى؛

شەنشىدە، نۇرغۇن ياش ئېتەكلىرى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان كۆڭلەك كىيىپ، چېچىنى چاچ زىخچىسى بىلەن ئېگىز تۈگۈپ، شىئەندىكى دايەن مۇنارى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بولدى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى مودا قىزغىنلىقى قوزغىدى...

بۈگۈنكى جۇڭگودا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى» ئەۋجگە چىقتى، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەيپىياتى» ئەۋج ئالدى، «شېئىر قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇردى. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم كۈچ بېغىشلىدى.

«ئىنسانىيەت ياراتقان مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىش، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش»

يېقىندا، بېيجىڭ گۇگۇڭ مۇزېيىغا «زىجىنچېڭ ۋە ۋېرسال سارىيى − 17 -، 18 - ئەسىردىكى جۇڭگو فىرانسىيە ئالاقىسى» كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

كۆرگەزمە زالىدا، مىسقا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بىر ھەشەمەتلىك تەگلىككە يول - يول سىزىقچىلار چىقىرىلغان بىر فارفۇر بۇيۇم قويۇلغانىدى − بۇ كۆك سىرلانغان ئەتىر قۇتىسى ئىدى. جياڭشى جىڭدېجېندا ئىشلەپچىقىرىلغان فارفۇر لوڭقا ياۋروپاغا تارقالغاندىن كېيىن، پارىژدىكى قۇيمىچىلىق ئۇستىلىرى ئۇنى ئەتىر قۇتىسىغا ئۆزگەرتكەن. بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى ئۇچرىشىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، فىرانسىيە پارىژ ئېلسې سارىيى. رەئىس شى جىنپىڭ 1963 - يىلى نەشر قىلىنغان «فىرانسۇز تىلى - خەنزۇ تىلى قىسقىچە لۇغىتى»نى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا سوۋغا قىلدى. زۇڭتۇڭ ماكرون 1742 - يىلى نەشر قىلىنغان «خەنزۇ تىلى - فىرانسۇز تىلى لۇغىتى»نى سوۋغا قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ كىتابنىڭ بەتلىرىنى يېنىك ۋاراقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەن، ئىچىدە يەنە جۇڭگونىڭ نۇرغۇن قەدىمكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن».

تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سەلتەنەتلىك مەدەنىيەت تومۇرىغا نەزەر سالساق، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىدىيەۋى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، قەلب ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان.

بۇلتۇر 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ گۇاڭجوۋ سۇڭيۈەندە بىرەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى، يېقىملىق «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇ» ناملىق مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بەييۈن زالىغا كېلىپ، مىڭ يىللىق گۇچىندا ئورۇنلانغان مىڭ يىللىق مۇڭلۇق كۈينى ئاڭلاپ، مىڭ يىللىق ئېسىل چاينىڭ تەمىنى تېتىغاچ، مىڭ يىللىق ئىشلار توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.

چاي ئارقىلىق جاھانغا ئىناقلىق بېغىشلاش. ئەنشىنىڭ تيېگۇەنيىن چېيى، ۋۇيىشەننىڭ داخۇڭپاۋ چېيى، فۇجوۋنىڭ مولىخۇا چېيى، فۇدىڭنىڭ ئاق چېيى، ۋۇيىشەننىڭ جېڭشەن شياۋجۇڭ چېيى... 2017 - يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ سوۋغا قىلغان دۆلەت سوۋغىسى دەل فۇجيەننىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە بىر يۈرۈش چاي سوۋغاتلىقى ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى قايتا - قايتا ئۆزى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا گۆھەرلىرىنى دۇنياغا تونۇتتى، جۇڭگو ھېكايىسىنى دۇنياغا ئۇقتۇردى −

پېرۇنىڭ دۆلەت ئارخېئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىق تارىخ مۇزېيىدا، ئۇ چىن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە لەشكەر - ئات ھەيكەللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىپتىخارلىق ئىلكىدە مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۆشۈكى بولغان شەنشىدىن كەلتۈرۈلگەن. يەنە كېلىپ ئۇ جاي مېنىڭ يۇرتۇم».

خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدا، چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە زېڭ خوۋيى تىزما قوڭغۇرىقىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

...

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق رىشتىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق.

فۇجيەن فۇجوۋنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپى، گۇشەن تېغىنىڭ شىمالى، ئايلانما ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئوت - چۆپلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن، سالقىن، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان گۇلىڭغا يېتىپ باردى.

«1992 - يىلى، مەن گاردنېر خانىمنى گۇلىڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسىنى تاماملىشىغا ياردەم بەرگەنىدىم.» 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ فۇجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن «گۇلىڭ رىشتىسى» جۇڭگو - ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كۆپچىلىكنىڭ گۇلىڭ ھېكايىسى ۋە گۇلىڭ رىشتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى گۇلىڭدىكى مىڭ يىللىق شەمشادقا ئوخشاش ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

گۇلىڭ ھېكايىسى دەۋر ۋە رايون ھالقىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە. بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى داۋاملىق قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلق ئاممىسىغا گۇلىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

خۇادۇڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ دوتسېنتى، گۇلىڭ مەدەنىيىتى تەتقىقات مۇتەخەسسىسى لىن يىنەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ «گۇلىڭدىكى جەمەتلەر . نەسەپنامە» سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تاماملىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يىلتىزنى ئىزدەش سىستېمىسى فۇجوۋغا كېلىپ باققان ئامېرىكىلىق دىن تارقاتقۇچىلار ۋە سودىگەرلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئائىلىلىرىنىڭ يىلتىزنى ئىزدەش سىستېمىسىدا جەمەت تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكتە.

نۆۋەتتە، فۇجوۋدا گۇلىڭ ھېكايىسىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش سارىيى ۋە گۇلىڭ تارىخىي بىناكارلىق كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلۇۋاتىدۇ ھەم ساراي ئىچىدە ئالاقە تورى يىلتىز ئىزدەش كىرىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ جەمەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

چاقناپ تۇرغان جۇڭگو مەدەنىيەت مىراسلىرى دەل «دىپلوماتىيە ئەلچىسى» «دۆلەت نام كارتىسى» بولۇش سۈپىتىدە، كۈنسېرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زىممىگە ئالغۇچى ۋە تارقاتقۇچىغا ئايلانماقتا.

قەغەز قىيمىنىڭ كۆركەملىكى، چاي سەنئىتىنىڭ نەپىسلىكى، ساپال نەينىڭ لەرزان ئاۋازى... 5 - ئايدا خېيلۇڭجياڭنىڭ نېنجياڭ شەھىرىدە دازىشياڭ گۈللىرى ھەممىلا يەردە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. رۇسىيەلىك 160 ياش - ئۆسمۈر ھەم ئاتا - ئانا بۇ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان تۇپراققا قەدەم قويۇپ، تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

«ئىككى تەرەپ بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.» 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بېيجىڭ دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا «جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىگە بىرلىكتە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلغاندا شۇنداق كۆرسەتتى.

رەسىم سىزىش كۇرۇژۇكى پائالىيىتىدە، رۇسىيەلىك ياش - ئۆسمۈرلەر جۇڭگو ليەنپۇسىغا رەڭ بەردى. سۈرەتلەش، ئىپادىلەش داۋامىدا، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەزبدارلىقى قەغەز يۈزىدە نامايان بولدى.

«بىز رۇسىيەلىك كىچىك دوستلارنىڭ جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» يېتەكچى ئوقۇتقۇچى شۈ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ، بىر قېتىملىق سەنئەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق قەلب جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش.

يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك، تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچسا پورەك.

«كۆپ خىللىق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ ئورتاق ئىلگىرىلەش، ھەمكارلىشىپ تەڭ بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە باراۋەر بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت ياراتقان مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىش، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن چوڭقۇر ئويلاندى.

2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، «ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. سەمىمىي ئۈمىد نەق مەيداندىكى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى ھاياجانغا سالدى.

قىزىل دېڭىز ساھىلىدا، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى ئۇزاق يىل قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان تارىخىي خارابىلىكنى «ئويغىتىپ»، دېڭىز يىپەك يولى ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى؛ مىسىردىكى لۇكسور مونتۇ ئىبادەتخانىسىدا، جۇڭگو - مىسىر بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشى ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان قىلدى...

جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى پائال قېزىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

داغدام يولدا يىراققا يۈرۈش قىلىش، ھەممىنى سىغدۇرۇش.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۆزى تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىدىيەسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، قوغداش ئوبيېكتى تېخىمۇ بېيىدى، قوغداش تۈزۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى يەنىمۇ چىڭىدى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەتتە دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنياغا تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ سەلتەنەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى ئورتاق سىزىپ چىقىدۇ!

(خەلق گېزىتى مۇخبىرى لى جوئېر يېزىشقا قاتناشقان)

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت