شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

​مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ۋە مەركەزنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 2024 - يىللىق «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم ئاساسىي مەقسەت سۆزى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم جاۋاب خېتى، تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنىنىڭ ۋە مەركەزنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە يەكۈنلەپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، سىياسىي تەدبىر قۇرۇلۇشى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، نەق مەيدان يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا رايونلىرىدىكى كەنت - بازار قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئامما سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ئېھتىياجلارنى كۆزلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يول تورى قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يول تورى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە تەبىئىي شارائىتقا ئۇيغۇنلاشقان زامانىۋىلاشقان يېزا قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، باشقۇرۇش، ئاسراش ۋە بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى بېيىش يولى، بەخت يولى، قەلبداشلىق يولى، گۈللىنىش يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە بېرىش - كېلىش ۋە يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلام دۆلەتلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھەر ساھە زاتلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىتنى پائال يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرى جيالىڭ رايونى جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر - بالىلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك؛ دىققەتنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گۇڭئەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە گۇڭئەن قوشۇنىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، چوڭقۇر كۆيۈنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى شىنجاڭ خىزمىتىدە باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دەل جايىدا، تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش، زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۇەنۋۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت قاتارلىق بايرام ۋە مۇھىم تۈگۈنلەردىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن سىستېمىسى ۋە گۇڭئەن تارماقلىرى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، گۇڭئەن قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇش ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان گۇڭئەن پولات قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇنەۋۋەر ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، پىلانلاش، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش، بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە «ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، تېگى - تەكتى ئېنىق بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، تەرتىپى ياخشى بولۇش، ئامما رازى بولۇش» نىشانىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن شەكىلدە «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئەرزىيەت خىزمىتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ ياخشى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئەرزىيەت كۈچىنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت