شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«جۇڭگودا يېشىل تەرەققىياتنىڭ بىر يول باشچىسى بار»
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ دەيلېي، ۋاڭ جيەنگاڭ، جاڭ يۈلياڭ

ئىللىق ياز كېچىسى، مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، شيامېن داشۆنىڭ ئامېرىكىلىق پىروفېسسورى پەن ۋېيليەن (ئىنگلىزچە ئىسمى ۋىليام بروۋىن) يۈنداڭ كۆلى بويىدىكى يېشىل چىغىر يولدا سەيلە قىلىۋاتاتتى. كۆلدە، فونتان سۈيى كىلاسسىك مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلۈپ، پەسىيىپ تۇراتتى، كۆل بويىدىكى مەيداندا كىشىلەر لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. «كەچ كىرگەندىن كېيىن يۈنداڭ كۆلىنىڭ سۈيى خۇددى جان كىرگەندەك بولۇپ كېتىدۇ، كۆل يۈزىدە نېئون چىراغلار بىلەن بېزەلگەن شەھەر ئۇپۇق سىزىقى ئەكس ئېتىپ، خۇددى قۇتۇپ نۇرىدەك گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.» يۈنداڭ كۆلىدىكى گۈزەل كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان پەن ۋېيليەن ماقالىسىدە ئەنە شۇنداق يازغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن ۋېيليەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلار ئۆزلىرى گۇۋاھ بولغان جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن چىقىش قىلىپ، دۇنياغا گۈزەل جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى. مۇھىت كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئۇلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا يېشىل تەرەققىيات مۆجىزىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇھىتنى تۈزەش ئۈچۈن بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشقانلىقى، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ تۆھپە قوشقانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ، «جۇڭگودا يېشىل تەرەققىياتنىڭ بىر يول باشچىسى بار» بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭدى، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» نەزەرىيەسى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز يېشىل يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى تارتتى. دۇنياغا يۈزلەنگەن جۇڭگو ئەمەلىيىتى، جۇڭگو تەجرىبىسى، جۇڭگو لايىھەسى پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو كۈچىنى بېغىشلىماقتا.

«كىشىلەرنى يېتەكلەپ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش»

«1988 - يىلى، يۈنداڭ كۆلىنىڭ سېسىق پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالاتتى، ھەر قېتىم ۋېلىسىپىت مىنىپ كۆل بويىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە، مەن بىر پارچە ھۆل ياغلىق بىلەن بۇرنۇمنى ئېتىۋالاتتىم.» 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى شيامېندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان پەن ۋېيليەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىغا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مەن بۇ جايدا كېيىن ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، يۈنداڭ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات - پىلان مەھكىمىسى تەرىپىدىن <شەرقىي ئاسىيا دېڭىز تەۋەلىكىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ۋە باشقۇرۇش> بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ باھالاندى».

1988 - يىلى 3 - ئايدا، فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۈنداڭ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئۆزى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شيامېننىڭ مۇھىتىنى تۈزەشتىكى بىر مەيدان قاتتىق جەڭنى باشلىدى. شيامېن «كۆلنى قانۇن بويىچە تۈزەش، بۇلغىنىشنى توسۇپ بىر تەرەپ قىلىش، لاي - لاتقىلارنى تازىلاپ قىرغاق ياساش، سۇنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت 20 خەتلىك فاڭجېنغا ئەمەل قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى سىجىل تۈزەپ، تولىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك باغچىلاشقان شەھەر قۇردى، يۈنداڭ كۆلىنىڭ سۈيى بارغانسېرى سۈزۈلدى، مەنزىرىسى بارغانسېرى گۈزەللەشتى.

شيامېننى «ئىككىنچى يۇرتۇم» دەپ قارايدىغان پەن ۋېيليەنمۇ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش مۇساپىسىگە بىۋاسىتە قاتناشتى. 2002 - يىلى، پەن ۋېيليەن شيامېنغا ۋاكالىتەن گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارتقا بېرىپ «خەلقئارا باغچىلاشقان شەھەر مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىپ، شيامېندىكى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش ھېكايىسىنى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا، شيامېن «خەلقئارا باغچىلاشقان شەھەر» دېگەن نامغا ئېرىشتى. «مېنىڭ 30 مىنۇتلۇق نۇتقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالتە نەپەر خەلقئارالىق باھالىغۇچىنىڭ بىرى ماڭا مۇنداق دېدى: <بىز ئىلگىرى جۇڭگودا بۇنداق گۈزەل شەھەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتۇق. شيامېن رەت تەرتىپتە 1 - ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي، ئېرىشكەن نومۇرىمۇ 2 - ئورۇندىكى شەھەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى>». ئۇ بۇ كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىگىنىدە ناھايىتى ئىپتىخارلىنىدۇ.

2004 - يىلى شيامېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «شيامېن ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېشىللىقنى قۇربان قىلىش بەدىلى تۆلەشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى پەن ۋېيليەن.

پەن ۋېيليەن كۆپ يىللاردىن بۇيان خەت يېزىش، كىتاب چىقىرىش، قىسقا سىن تارتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جۇڭگودا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى دۇنياغا توختىماي ھەمبەھرىلىدى، گۈزەل جۇڭگونىڭ، قالتىس جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى. 2018 - يىلى، «مەن يات كۆرمەيمەن − لاۋ پەننىڭ جۇڭگودىن كەلگەن خېتى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى، كىتابقا پەن ۋېيليەننىڭ 30 يىل جەريانىدا ئامېرىكىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا يازغان 50 پارچىغا يېقىن خېتى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرگە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرى نامايان قىلىنغان. پەن ۋېيليەن بۇ كىتابنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئەۋەتتى، باش شۇجى جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنى داۋاملىق يېزىقچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىز تېخىمۇ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، بەختلىك، گۈزەل جۇڭگوغا، دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدىغان جۇڭگوغا گۇۋاھ بولىسىز، قەلىمىڭىز ئاستىدىكى جۇڭگو ھېكايىسى چوقۇم تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ».

باشنى كۆتۈرۈپ قارىسا كۆپكۆك سۈزۈك ئاسماننى، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆپ يىل سىجىل تۈزەش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شيامېننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بۈگۈنكى كۈندە مول نەتىجە بەردى. يۈنداڭ كۆلى بۇلغىما سۇ تېشىپ چىققان، بېلىق، راكلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن كۆلدىن سۈيى سۈپسۈزۈك، قىرغاقلىرى ياپيېشىل، ئاققوتانلار پەرۋاز قىلىپ تۇرىدىغان كۆلگە ئايلىنىپ، شيامېننىڭ «شەھەر مېھمان كۈتۈش زالى» بولۇپ قالدى.

پەن ۋېيليەننىڭ قارىشىچە، يۈنداڭ كۆلىنىڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشى يېشىل تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ئىكەن، شۇنداقلا «ھەرقانچە ياخشى نىشان ۋە يىرىك پىلان بولغان تەقدىردىمۇ يەنە كىشىلەرنى ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان يول باشچىنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى»نى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن، «جۇڭگو مۇشۇنداق يول باشچىغا ئىگە» ئىكەن.

پەن ۋېيليەن مۇنداق دېدى: «مەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەرنىڭ <شيامېن ئەمەلىيىتى>دىن تەجرىبە قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىت قوغداش ئىدىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

خەلقئارا دېڭىز - ئوكيان ئىدارە قىلىشنى جۇڭگو ئۆرنىكى بىلەن تەمىنلەش

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى پېتېر تومسون ئۆزىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلمەكتە.

بۇ، 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ گۇتېررېس ۋە شۇ چاغدىكى 71 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى تومسوننىڭ ھەمراھلىقىدا، جەنۋەدىكى ۋەنگو سارىيى يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولغان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«شۇ قېتىمقى نۇتقىدا، شى جۇشى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ مېنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى» دېدى تومسون مۇخبىرغا ئەسلەپ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تومسون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە تەكشۈرۈشتە بولدى، نەچچە قېتىم شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم جاي ۋە ئالدىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن جاي بولغان شيامېنغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بولۇپمۇ مانگروۋا ئورمانلىقىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلدى.

«مېنىڭ يۇرتۇم فىجىدىكى مانگروۋا ئورمانلىقى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، 2018 - يىلى مەن تۇنجى قېتىم شيامېن شياتەنۋېي دېڭىز ساھىلى سۇلۇق يېرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئۇ يەرنىڭ مانگروۋا ئورمىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى ھەمدە مانگروۋا ئورمانلىقىنى قوغداشنى شەھەر ئېكولوگىيە ساياھىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پىلانى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى»، تومسون مۇنداق دېدى: «2023 - يىلى مەن بۇ يەرنى يەنە بىر قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، باغچىنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى، شەھەر ئۈچۈن قانداق قىلىپ تەبىئەت بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم».

مانگروۋا ئورمىنى ئەزەلدىن «دېڭىز ئۈستى ئورمىنى» «دېڭىز - ئوكيان قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئېكولوگىيەگە مۇلازىمەت قىلىشتا ئىنتايىن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. 2023 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ جەنجياڭ مانگروۋا ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نەق مەيدانىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مانگروۋا ئورمانلىقىنى قوغداشنى مەن شيامېندا خىزمەت قىلغاندا ئۆزۈم تۇتقانىدىم. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن بىرنەچچە قېتىم يوليورۇق بەردىم. بۇ، دۆلەت گۆھىرى، چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك».

بۈگۈنكى كۈندە، شيامېن خۇەندۇڭ دېڭىز تەۋەسىدىكى شياتەنۋېي مانگروۋا باغچىسىدا سەيلە قىلغاندا، قاتار - قاتار مانگروۋا دەرەخلىرىنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، خۇددى دېڭىز يۈزىگە نەقىشلەنگەن يېشىل قاشتېشىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى 85 گېكتارغا يېقىن بۇ سۈنئىي مانگروۋا ئورمىنى 20 نەچچە يىل يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ دېڭىز تەۋەسىدە قايتىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.

جۇڭگو تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى مانگروۋا ئورمىنىنىڭ كۆلىمى 29 مىڭ 200 گېكتارغا كۆپىيىپ، دۇنيادىكى مانگروۋا ئورمىنىنىڭ كۆلىمى ساپ ئاشقان ئاز ساندىكى بىرنەچچە دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

تومسون مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى نۇرغۇن ئۇسۇللىرى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەن دائىم خەلقئارا سورۇنلاردا شيامېن تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرىمەن، خەلقئارا دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى تۈزەشنى جۇڭگو ئۆرنىكى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمەن. «مەن دائىم: ساغلام دېڭىز - ئوكيان بولمىسا، ساغلام يەرشارى بولمايدۇ، دېڭىز - ئوكياننىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى نۆۋەتتە تۆۋەنلىمەكتە، دەپ كەلدىم. شۇڭا، شيامېننىڭ بىر خىل تەبىئىي، ئاكتىپ شەكىل بىلەن ئۆزىنىڭ دېڭىز بويى شەھىرى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن سۆيۈندۈم» دېدى تومسون.

«يەرشارىۋى يېشىل تەرەققىياتتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ»

ياز كۈنلىرىدىكى سەھەردە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى سەيخەنبا دۆلەت ئورمان باغچىسىنى سۇس تۇمان قاپلىغان، چەكسىز ئورمان دېڭىزى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

كۆز يەتكۈسىز بۇ يېشىل توسۇق ئەۋلادمۇئەۋلاد ئورمان خىزمەتچىلىرى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتكەن مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى. 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت - يىرىك پىلان مەھكىمىسى سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت قوغداش بويىچە ئەڭ ئالىي شەرەپ − «يەرشارى قوغدىغۇچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت - يىرىك پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سولخېيم مۇكاپات لوڭقىسىنى ئۆز قولى بىلەن سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلىگە بەردى.

«سەيخەنبا مۆجىزىسىدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ مۇھىتنى تۈزەشتىكى تۆھپە قوشۇش روھى بولدى.» سولخېيم يېقىندا نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەنىلا جۇڭگونىڭ بۇ چۆل - جەزىرىنى ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇش مۆجىزىسىنى توختىماي ماختىدى.

سولخېيم جۇڭگونى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى، ئىچكى موڭغۇلدىكى قۇملۇقتىن خەينەندىكى ساھىلغىچە ھەممىلا جايدا ئۇنىڭ تەكشۈرۈشتە بولۇش ئىزلىرى قالدى. جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ سادىق «مەستانىسى» بولغان ئۇ، كۆپ قېتىم خەلقئارا سورۇنلاردا گۈزەل جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى تونۇشتۇردى.

«جۇڭگودا سەيخەنباغا ئوخشاش ھېكايىلەر ناھايىتى كۆپ» سولخېيم مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جېجياڭدا ئۆزى تۈرتكە بولغان «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»دىن سىچۇەندىكى مۈشۈكئېيىقنى قوغداش بازىسىغىچە، ديەنچى كۆلى ۋە شىخۇ كۆلىنى قوغداش، تۈزەشتىن شېنجېن ۋە يەنچېڭدا سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇشقىچە، «جۇڭگولۇقلارنىڭ يەرشارى مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى گۈزەل جۇڭگونىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتماقتا».

خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغاندا، سولخېيم دائىم رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» نەزەرىيەسىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. «رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىت قوغداش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا باشتىن - ئاخىر كۈچ چىقاردى» ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگودا يېشىل تەرەققىياتنىڭ بىر يول باشچىسى بار».

«ئېكولوگىيە - مۇھىت خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار بىرى گۈللەنسە ھەممىسى گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىقىغا بولمايدۇ.» ئەمەلىيەتتىن كەلگەن ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بېيىغان شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى ۋە باشلامچىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. سولخېيم مۇنداق دېدى: «جۇڭگو يەر شارىۋى يېشىل تەرەققىياتتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى».

جۇڭگو يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مۈشۈكئېيىق، شىزاڭ بۆكىنى ۋە يىلپىز قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانات تۈرلىرىنى قوغداش جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش مۇساپىسىگە پائال قاتناشتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇردى... «جۇڭگونىڭ ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەجرىبىسى بار، دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى سولخېيم.

(قاتناشقان مۇخبىر: فۇ مىن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن\نيۇيورك\ئوسلو، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت